يېسىۋىلەك (بەسەي) كۆكتاتلارنىڭ سەرخىلى بولۇپ ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ .
* كاۋا ئىسسىققا مائىل ئوتتۇرا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
* پىدىگەن ئىششىق ياندۇرىدۇ .
* تەرخەمەك سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ .
* كەرەپشە(چىڭسەي) جىگەرنى تىنىچلاندۇرىدۇ . قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ .
* توقماق سەي(ئوسۇڭ) سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، سۈتنى كۆپەيتىدۇ .
* كۈدە قاننى جانلاندۇرىدۇ ، قىزىتىدۇ .
* چېچەكسەي سۈتنى كۆپەيتىپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
* سەۋزە ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ .
* تاسما پۇرچاق (جاڭدۇ)تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، بۆرەكنىڭ مۇسپىيلىكىنى كۈچەيتىدۇ