
ماتېريالى :    گۈرۈچ  چۆپى (  مى فېن ) 200 گرام  ، يېسىۋېلەك  50 گرام ،  قىزىلمۇچ  چانالمىسى ئازراق ،  سامساق ، زەنجىۋىل چانالمىسى ، تۇز ، جاڭيۇ  مۇۋاپىق   توخۇ  تالقىنى  (  بۇنى  سېلىش  - سالماسلىق ئىقتىيارىڭىز ،  بازاردىكىدە  توخۇ تالقىنى جى جىڭ  بار ) 
تەييارلاش  ئۇسۇلى : 
1.  گۈرۈچ  چۆپىنى بىراز  قاتتىق  ھالەتتە  پىشۇرۋالىسىز  ئاندىن  سوغ  سۇغا  سېلىپ  شالايسىز !
2.  يېسىۋېلەكنى  كىچىكرەك  پارچە - پارچە  توغرايسىز .
3. قازانغا  50 گرام  ماي  قۇيۇپ  سامساق ، زەنجىۋىل ، قىزىلمۇچ  چانالمىسىنى  سېلىپ  سەل  قورۇپ  پۇرىقى چىققاندا يېسىۋېلەك توغرالمىسىنى  سېلىپ ، چالا  پىشقىچە  قورۇيسىز ،  ئاندىن گۈرۈچ  چۆپىنى سېلىپ  ،  چوكا  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، جاڭيۇ  قۇيۇپ  رەڭگى  ساغارغاندا  ، تۇز سېلىپ ،  توخۇ تالقىنى  سېلىپ  قازاندىن  ئالىسىز ! 
  ئالاھىدىلىكى :   رەڭگى  سارغۇچ  ياكى  قىزىل ،  گۈرۈچ چۆپى  گىرت- گىرت ، تامى مەززىلىك  ئاچچىق  بولىدۇ !
ئەگەر  توخۇ تالقىنى  ياكى  تېتىتقۇ  سېلىشنى  خالىمايدىغانلار   گۈرۈچ  چۆپىنى  شورپىغا  سېلىپ  قاينىتىۋەتسە  ئوخشاشلا  مەززىلىك  تەم پەيدا  قىلغىلى  بولىدۇ .