oznur.cn abduheni
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================





(1986-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ،2006يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىتىنىڭ 22-يىغىنىدا تۈزىتىلدى )

جۇڭخۇا خەلق جومھوريىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
52-نۇمۇرلۇق
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى قانونى» 2006-يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتتىنىڭ 22- يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللاندى. تۈزىتىلگەندىن كىيىنكى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى قانونى» ئېلان قىلىندى. 2006-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلسۇن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باپ ئومومىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانون ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسي قانونغا ۋە مائارىپ قانونىغا ئاساسەن چىقىرىلدى .
2-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ .
مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .
مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن  قۇبۇل قىلىدىغان مائارىپ،دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .
مەجبورىيەت ،مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەت ئىلىنمايدۇ .
دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
3-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ  مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇپ ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۈستۈرۈپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يتىلدۈرۈپ ،غايىلىك ،ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت .
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرجنسى ،مىللتى ،ئىرقىي ،ئۆي بىساتى ،دىنىي ئىتقادىي قاتارلىقلارغا قارىماي ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش ھوقۇقىدىن قانون بويىچە بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش مەجبوريىتىنى ئادا قىلىدۇ .
5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانوندا بەلگىلەنگەن مەسئولىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك .
ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشى ۋە تاماملىشىغا قانون بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
مەجبورىيەت مائارىپىنى قانون بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش –ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش  سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
ئىجتىمائي تەشكىلات ۋە سەخسلەر ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ، ئۆسمۇرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك .
6- ماددا  گۇۋۇيۇەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۇكۇمەتلىرى مائارىپ  بايلىقىنى  مۇۋاپىق تەقسىملەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ  تەكشى تەرەقىياتىغا تۇركە بۇلۇپ ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ  ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ھەمدە تەدبىر قۇللۇنۇپ، يېزىلار ۋە مىللى رايۇنلاردا مەجبۇرىيات مائارىپىنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇشى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئۆسمۇرلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرى ۋە مىيىپلىرىنىڭ مەجبۇرىيات مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشنى كاپالەتلەندۇرۇش كېرەك .
دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان رايۇنلارنى ئىقتىسادى تەرەققى تاپمىغان رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇشىغا ياردەم بېرىشكا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ .
7- ماددا  مەجبۇرىيات مائارىپىدا گوۋۇيۇەن رەھبەرلىك قىلىش ، ئۇلكىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۇكۇمىتىبىر تۇتاش پىلانلاپ يۇلغا قۇيۇش، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتى ئاساسلىق باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى يۇلغا قۇيۇلىدۇ . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ  مەمۇرى تارمىقى مەجبۇرىيات مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۇنكىرىت مەسئول بۇلىدۇ ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە مەسئولىيىتى دائىرسىدە مەسئول بۇلىدۇ .
8- ماددا خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپاراتى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىدە قانون نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ،ئۇقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتى شۇنىڭدەك مەجبورىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىي قاتارلىقلارنى مۇپەتتىش قىلىدۇ .،مۇپەتتىش دۇكىلاتىنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىدۇ .
9-ماددا ھەرقانداق ئجدىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىس مۇشۇ قانونغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.مۇشۇ قانونغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا تۇسالغۇ بۇلۇپ ،زور ئىجدىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا ،رەھبەرلىك جاۋاپكارلىقى بار خەلق ھۈكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىنىڭ مەسئولى ئىستىپا بېرىشى كېرەك .
10-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە ئونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ .مۇكاپاتلايدۇ .
2-باپ  ئوقۇغۇچى
11-ماددا ئالتە ياشقا تولغان بالىنى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشى ھەمدە ئۇنى تۇگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ؛شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ .ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلى مەكتەپكە كىچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن تۇختىتىشقا تۇغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .
12-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرمەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىدۇ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپوسىقا ئېلىنغان جايدا يىقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن نوپوسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغان جايدا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان بولسا ،شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە ئاپتونوم رايون ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ .
ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۆز مەمورىي رايونىدىكى ھەربىىيلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .
13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللشىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك  قىلىشى ئۇلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى ،تەدبىر قوللىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئۇقۇشتىن تۇختاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .شەھەر ئاھالە كومېتىتى ۋە كەنىت ئاھالە كومېتىتى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە  ھەمكارلىشىپ ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك .
14-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئىشلىتىش مەنئي قىلىنىدۇ .  ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇبۇل قىلىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى قۇبۇل قىلغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .مەجبورىيەت مائارىپىنى ئۆزئالدىغا يولغا قويىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .
3-باپ مەكتەپ
15-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى شۇ مەمورىي رايون تەۋەسىدە ۋە جايلىشىش ئەھۋالىي قاتارلىق ئاممىلارغا قاراپ ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ ،يىڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونىدا مەكتەپ قۇرۇش زۆرۆر بولسا ،ئاھالە رايونىنڭ قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ قۇرۇش كېرەك .
16-ماددا مەكتەپ قۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ؛دۆلەت بەلگىلىگەن ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ ،ئوقۇغۇچى ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ تارقاق تۇرىۋاتقان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،ئىقتىسادىي تەرەقىقىي قىلغان رايونلاردا ئوقۇش يىشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ،ئۆسمۈرلىرى قۇبۇل قىلىنىدىغان مەكتەپ (سىنىپلارنى )ئاچىدۇ .
19-ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئھتىياجىغا قاراپ ،ئالاھىدە مائارىپ قۇيۇلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ )لىرىدە مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە  ماس كىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بۇلۇش كېرەك .
ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قۇبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك .
20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانونىدا بەلگىلەنگەن ناچار ئىللىتى بولغان ئوقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە مەخسوس مەكتەپ ئىچىپ ،ئۇلارنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلشى كېرەك .
21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە مەجبورىي تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبورىيەت مائارىپىنى تۈگەتمىگەنلىرىنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلەش ،خىراجەتنى خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .
22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەقققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى ،مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى مەكتەپلەر سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىق كېرەك .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھەر قانداق نام ياكى باشقىچە يول بىلەن ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك .
23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانون بويىچە ساقلاپ ،ئوقۇغۇچىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانونىي ھوقوق –مەنپەئىتىنى قوغداپ مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .
24-ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بېرىپ ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ ،ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق  ھۈكۈمىتى مەكتەپ ئىمارەتلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ ؛رىمونىت قىلىشقا ،ئۆزگەرتىشكە تىگىشلكلىرنى ۋاقتىدا رىمونىت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ .
مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقوقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .
25.ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىق ،تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك .
26-ماددا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ .مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە تۇشىشى كېرەك .مەكتەپ مۇدىرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمورىي
تارمىقى بويىچە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ .
27-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەنقىد –تەربىيە بېرىشى ،ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كېرەك.
4-باپ ئوقۇتقۇچى
28-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانونىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىشى قانوندا بەلگىلەنگەن مەجبورىيەتنى ئادا قىلىشى ،باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك .
پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك .
29-ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئۇقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئەھۋالغا قاراپ تەربىيلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق يىتىلىشىگە تۈتكە بىلىشى كېرەك .
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا تەن جازاسى ،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىگە تېگىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى قانونىي –ھوقۇق مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك .
  
  
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-07 00:21 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/