oznur.cn abduheni
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================






1982 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988 – يىل 4 - ئاينىڭ 12 – كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلمىسى» ۋە 2004 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇلللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

سۆز بېشى

جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.
فېئوداللىق جۇڭگو 1840 – يىلىدىن كېيىن، پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە – ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قەھرىمانە كۈرەش قىلدى.
20 – ئەسىردە، جۇڭگودا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
1911 - يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇامىنگونى بەرپا قىلدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى.رەئىس ماۋ زېدۇڭ يولباشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان جاپالىق، ئەگرى - توقاي قوراللىق كۈرەشلەرنى ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1949 - يىلى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتىسيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى.ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجازۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى.
جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگەرەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە پەن - تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
دۆلىتىمىزدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلدى، لېكىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىچكى - تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئۆتمۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلەردە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋەسىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى ۋەبۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. دۆلەت بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل،ئۆزىگەئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە ئېغىشماي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قودداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقققىيپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.بۇ ئاساسىي قانۇندا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرى قانۇن شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلەندى. بۇ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، بۇ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇننى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشى ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-07 00:14 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ماقۇل..................................       
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 22:40 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/