oznur.cn abduheni
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================




1991- يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 50 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.
3-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.
4- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛
(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛
(4) تەربىيىلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.
5 -ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى، مال - مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش  دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.
دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.
6- ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
7- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
-2 باب ئائىلىدە قوغداش
8- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
9- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىگە بېرىش، مەكتەپتە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك.
10- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم.
11-ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ.
12- ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ.
3- باب مەكتەپتە قوغداش
13- ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.
14- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم.
15- ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ.
16- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەسىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىقى لازىم.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ.
17-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى  ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
18-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ.
19- ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
4 -باب جەمئىيەتتە قوغداش
20- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

21- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت - شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.
22-  ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو - تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم.



چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-07 00:08 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/