illikdunya.biz abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
karmalika
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 217
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 134
شۆھرىتى: 1425 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6535 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 150 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى تۇز نادىرلىدى .(2009-05-06)
ئاپتورى:دىلبەر  ناسىر

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى، كۆڭۈللىك ئائىلە موھىتىنى يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بازار ئىگىلىگى دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن، نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ھايات قاينىمىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغىمۇ ئۇچراۋاتىمىز. ئەلبەتتە ھەر قانداق ياخشى يامان ئىشنىڭ بولۇپمۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ناھايىتى ئاقىلانىلىكتۇر.ئۇنداقتا دېققىتىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى......  
مۇشۇ كۈنلەردە بىر نەچچە ئادەم يىغىلغان سورۇنلارغا بارساق، جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتا پاراڭلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ قالمىز.بولۇپمۇ ھەممىمىزنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان، ياشلار ئىچىدىكى ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ پەۋقۇلادا يوقۇرىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئون ئادەم توي قىلسا يەتتىسىنىڭ ئۆي بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن.ئەمما بەزى سەۋەپلەرگە ئۆزىمىزمۇ سەۋەپ بولۇپ قالىمىز ئەلبەتتە.ئەڭ ئاددى مىسال: ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك.... مىسال ئاددى بولغىنى بىلەن مېنىڭچە بۇ ئاددى مەسىلە بولماي بەلكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئۇيغۇر ئاياللىرى، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن تاماق ئېتىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەن، تاماققا ئۇستا ئاياللار ئالاھىدە تەرىپلەنگەن، ھەم شۇنداقلا «ئايال كىشى دەستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ»دېگەندەك ئېسىل ماقالە تەمسىللارنىمۇ بىزگە قالدۇرغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دەستىخان ئاساسلىق مېھمانلارنى ئېسىل تائاملار، خۇش چىرايلار بىلەن كۈتۈشكە قارىتىلغان.شۇڭا تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولۇشمۇ مۇكەممەل ئايال بولۇشتىكى موھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىناتتى. بۇ شەرتنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، جەمئىيەتنىڭ يوشۇرۇن تەققەزاسى.
ئائىلىدە تاماق ئېتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك موھىم ئەھمىيىتى بار:
بىرىنچىدىن:ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرى تاماق يىيىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئائىلىگە دېگەن قەرەلدە جەم بولىدۇ. ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئالدىراش بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەر- ئايال ئىككى تەرەپ قول-قولچە ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىگە بولغان مىھرى- مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت باغلاش باغچىلاردا، كوچىلاردا، رېستۇرانلاردا، ياكى تېز تاماقخانىلاردىلا، قەھۋەخانىلاردىلا بولماي، بەلكى ئاشخانا يەنى قازان بېشىدىمۇ ئاجايىپ چوڭقۇر مۇھەببەتلەر پەيدا بولىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھەببەت ئاشخانىدىن باشلىنىدۇ.ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسبەتەن جىنسى تۇرمۇشتىنمۇ موھىم.ئەر-ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى ھەرقانداق ۋاقتىدىنمۇ موھىم دەپ قارالغان.
ئۈچىنچىدىن: ئۆيدە تاماق ئەتسىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن سىرتتا باشقىلار بىلەن تاماق يىيىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، ئەر- ئايالنىڭ ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. كۈندە ئۆيگە تاماق يىيىش ئۈچۈن كېلىشى تەكرارلانغانسېرى بۇ بىر قىلمىسا بولمايدىغان موھىم ئىشلار قاتارىدا ئادەتكە ئايلىنىدۇ.
تۆتىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئاتكەندە ئۆيدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ، تاماق ئەتمىگەن ئۆي، ھەرقانچە ئايۋان ساراي بولغان تەغدىردىمۇ، كىشىگە بوران چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆي يولدىشىڭىزغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلمايدۇ.چۈنكى ئەرلەر قۇرساققا ئامىراق بولىدۇ.بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن مەھبوبىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىغىدىن ئالەمچە سۈيىنىدۇ.تاماق ئەتمەيدىغان ئۆينىڭ بەركىتىمۇ بولمايدۇ.
دېمەك ئۆيىڭىزدە تاماق ئەتمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى سەل چاغلىماڭ. يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى، رومانتىك تۇيغۇ، بەزى بىر ئاجىزلىقلانى قوغداپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىىشىگە ئەگىشىپ، رىياللىققا قايتىپ كېلىسىز، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلەر ئائىلىدە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ماددى تەلەپلەرنىڭ بىرسى ئائىلىسىدە ئاغزىغا تېتىغىدەك تاماق يېيىشتۇر. ئەلبەتتە بۇ ماددى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، بۇ يەردە بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئايال بولغان ئىكەنمىز، خىزمەت ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك يوقىرى بولىشى ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تاماق ئېتىشتە بىز چوقۇم باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئەگەر سىز خىزمەتتە پەۋقۇلئاددە ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ ئادەتكە ئايلانغان زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن، يولدىشىڭىزمۇ بۇ موھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئاياللارنىڭ موھىم ھوقوقى بولغان ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن شارائىت بار بولغان ئەھۋالدا ھەرگىز باش تارتماڭ، شۇ ئوخشىغان تاماقلارمۇ يولدىشىڭىزنى ئۆز ئۆيىگە مەھلىيا قىلىدۇ.ئائىلە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن بولمىسىڭىز بولمايدىغان ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن موھىم ئەزالىق رولىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز، ئۇنداق بولمىغاندا ، سىزنىڭ ئۇ ئۆيدە بولۇش بولماسلىقىڭىز، ئۆزىنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كېلىش- كەلمەسلىكى ئادەتتىكىلا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئەتكەن مېزىلىك تاماقلىرىڭىزنى يىيىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە كېلىپ ئادەتلەنمىگەن كۆڭلىدە قالغىدەك مىزىلىك تاماقنى سىز ئۇنىڭغا ئىتىپ بېرەلمىگەن، ھە دىسىلا تېز تاماقخانىلاردا تاماق يېيىشكە كۆندۈرگەن، ئۇ ئويلاپ باقسا ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان تاماقلىرى، كۈندە سەھەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلىدىغان غەمخورلۇقلىرى، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا قىلىدىغان غەمخورلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، داستىخاننى سېلىپ چىرايلىق ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىغا كىلىپ، سىزدىن ئاستا – ئاستا قۇسۇر ئزدەشكە باشلايدۇ، بۇ چاغ سىزنىڭ تولىمۇ كېچىككەن ۋاقتىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن سىزمۇ جىم تۇرمايسىز ئەلبەتتە، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغاق ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن، مۇزلىغان كۆڭۈللەرنى ئىللىتالماي، مۇھەببىتىڭىز كىرزىسكە ئۇچراپ، ھېسياتتا پارچىلىنىش بولۇپ، سىزگە تارتىشقىدەك بىرەر تەرىپىڭىزنى تاپالمىغان ئېرىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشىتىكى بىمەنا سەۋەپلىرىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز.
«مۇزمۇ بىر كۈندە قاتمايدۇ».سىلەر توي قىلىپلا سىرتتا تاماق يىيىشكە ياكى ھەرئىكىڭلار ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يىيىشكە ئادەتلەنسەڭلار ،يەنى  يولدۇشىڭىزمۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىدۇ، سىزمۇ ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىسىز. ئەلبەتتە ئاش قالمايسىلەر، ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ سىلەرگە بىر قاچا تاماق بېرىشكە ھەرگىزمۇ قۇرسىغى ئاغرىمايدۇ. بىراق قېيىن ئاپىڭىز سىزنىڭ ئوغلىغا ئاش ئېتىپ بەرمەيدىغانلىغىڭىزدىن بىر كۈنلەرگە بېرىپ ئاغرىنىشى مۇمكىن، ئېرىڭىز دەسلىۋىدە سىزنى قوغدىغان بولسىمۇ ئەمەلىي پاكىت ئالدىدا ھامان ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىزدە « لىدىن چىقما، خاندىن قورۇقما»دېگەن سۆز بار.ئايال بولغان ئىكەنمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشتىن باش تارتماسلىقىمىز تولىمۇ زۆرۈر.ھازىر ئائىلىدە ئاش ئەتمەسلىك، ياكى ئائىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، رىقابەتنىڭ كۈچلىك بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈرتكە بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت موھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايسىز ،ھەمدە يولدىشىڭىزغا ئائىلىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن نامايەن قىلالايسىز. تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان، خىزمەتتىكى رىقابەت كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەلبەتتە ئائىلىدە تاماق ئېتىش نوقۇل ھالدا ئاياللارنىڭلا ۋەزىپىسى بولماي زۆرۆر بولغاندا ئەرلەرنىڭمۇ قازان بېشىغا تەڭ ئۆتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ چىۋەر ئاياللىرىمىز شارائىت بارلا بولغان ئەھۋالدا، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىسىن ئۆزى چىقالايدۇ. ئەقىللىق ئەرلىرىمىزمۇ، ئۆزىنىڭ قازان بېشىغا، ئۆي ئىشلىرىغا يېقىن كېلىشىنىڭ ئەرلىك جاسارىتىگە نۇخسان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. دېمەك ئەر- ئايال بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسىلا، ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ.ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!تاماق ئېتىش ئەمەلىيەتتىمۇ بىر كۆڭۈللىك ئىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇر بېغىلشلايدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئويلىمىغان خۇشھاللىقلارغا ئېرىشىش، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئۆيدە تاماق ئەتمەيدۇ، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دېگەندەك بىر توقاي باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشىگە شۇنداقلا، سىزنى تاشلاش ئۈچۈن سەۋەپ قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. شۇڭا تېز تاماقخانىلاردىن يىراق تۇرۇڭ، قازان بېشىغا يېقىن بولۇڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىزگە ئاساس سالالايسىز.يەنە بىر موھىم تەرىپى، ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئارقىلىق، ئائىلە تائاملىرىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرالايسىز. بۇ مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز بولسا كېرەك.

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

دېمەكچى بولغۇنۇم كۈندە ئۆيىڭىزدە تاماق ئېتىپ ، تېز تاماقخانىلارغا بارماڭ دېمەكچى ئەمەسمەن.شارائىتىڭىز يار بەرگەن ئەھۋالدا چوقۇم ئۆيىڭىزدە تاماق ئېتىشكە ئادەتلىنىڭ....بۇنى چوقۇم موھىم ۋەزىپە قاتارىدا كۆرۈڭ؟!
باشقا تورداشلار قانداق قارايدىكىن؟
[ بۇ يازماkarmalikaتەرپىدىن2009-05-06 18:38دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ئاشپەز) قايىل قىلارل ..
  • شۆھرىتى:+10(تۇز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • شۆھرىتى:+10(شاھيار) قايىل قىلارل ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-06 18:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( karmalika ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    شەخلا

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 311
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 805
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 642(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مەن دەل سىز دىگەندەك قىلىۋاتىمەن ،شۇڭا تۇرمۇشۇم بەك كۇڭۇللۇك، تىمىڭىزغا رەخمەت.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 18:55 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەخلا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2804
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بازار  تامىقى   ئادەمنى  ئەقىلسىز  ،  دۆت  ،  ئۇنتۇغاق  قىلىۋېتىدۇ  !

    ئاڭلاشلارغا  قارىغاندا  ،   لوقمان  ھېكىمنىڭ   بىر  شاگىرتى  بار  بولۇپ   ،  ئۇ   ئەقىل  ۋە  بىلىمدە  تولۇپ  ،  لوقماندىن  ئېشىپ  كېتىپتۇ  ،     بۇنىڭدىن  ئەنسىرىگەن  لوقمان    ئۇنىڭ  تامىقىنى  سىرتتىكى  ئاشپۇزۇلغا  ئورۇنلاشتۇرۇپ   :   ئى   شاگىرتىم   سەن   ماڭا  ياردەم  قىلىمەن  دەپ  ياخشى  كۈتىنەلمىدىڭ  ،  شوڭا  ،  تامىقىڭنىڭ  مەھەللىدىكى  ياخشى  ئاشخانىغا  ئورۇنلاشتۇرۇدۇم  ،  سەن  خالىغىنىڭنى  يىگىن  ،  دەپتۇ  ،   بىر  ئاي  ئۆتكەندىن  كېيىن    ھېلىقى  شاگىرت  قويغان  - تۇتقىنىنى  تاپالمايدىغان   ھالغا  چۈشۈپ  قاپتۇ  !


    تېمىڭىزغا  رەھمەت  !
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 18:56 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    كۈلقىز
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 213
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 900
    شۆھرىتى: 9225 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 9280 دوللار
    تۆھپە: 23 ھەسسە
    ياخشى باھا: 934 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 343(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھە ئاشتۇزى ئۇنداق دىمەڭ جۇمۇ مەنمۇ نەچچە قېتىم سىزدىگەندەك بازار تامىقى ئادەمنى دۆت ، ئۇنۇتقاق قىلىپ قۇيىدۇ دەي دەپ يەنە ئاشپەزلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ دىمەيلا قويغان، لىكىن  قار مەلىكە تېمىڭىز ياخشىكەن، بولسا ئائىلىدە تاماق ئېتىپ ئادەتلەنگەن ياخشى .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 19:07 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    تۇز
    مۇنبەر نازارەتچىسى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 638
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەخمەت ئاچا تىمىڭىزغا،ياخشى تىمىكەن،بىزغۇ ئەمدى تاماق قىلالمايدىغان قىزلارنى ئىلىپ قالساق بىر ھەپتىدىللا چوڭ ئۇستام قىلىپ تەربىيلەپ چىقىر ۋىتىمىزغۇ مەجبورى،خى،خى،خ، ئامال بار مەنمۇ تاماق قىلالايدىغان قىزدىن بىرنى تاپمىسام بولمايدۇ
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 21:17 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 69
    يازما سانى : 1775
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تور بېتىمىزنىڭ نىشانى ھەممە ئائىلىلەردە ئىسىل تائاملارنى تەييارلاپ
    ئائىلىدە قورىما قۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئوگۇتۇپ ئائىلىلەردىمۇ ئىسىل
    قورىمىلارنى تەيياللاپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ
    ئائىلىنىڭ ئىللىق مېھرىنى ھىس قىلىپ ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىپ
    ئىقتىسادى ئۇنۇم ۋە ئەمەلى ئۇنۇم ھاسىل قىلسىكەن دىگەن ئۇمۇتتىمىز .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+10(karmalika) قايىل قىلارل ..
  • چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 22:17 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    تۇز
    مۇنبەر نازارەتچىسى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 638
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىئاشپەزنىڭ2009-05-06 22:17دە يوللىغان يازمىسى  :
    تور بېتىمىزنىڭ نىشانى ھەممە ئائىلىلەردە ئىسىل تائاملارنى تەييارلاپ
    ئائىلىدە قورىما قۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئوگۇتۇپ ئائىلىلەردىمۇ ئىسىل
    قورىمىلارنى تەيياللاپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ
    ئائىلىنىڭ ئىللىق مېھرىنى ھىس قىلىپ ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىپ
    ئىقتىسادى ئۇنۇم ۋە ئەمەلى ئۇنۇم ھاسىل قىلسىكەن دىگەن ئۇمۇتتىمىز .

    ئوستامنىڭ دىگىنى ناھايتى توغرا،ئائىلىدە قورىما قۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئۆگۈتۈش ھەم،،،،،،،،، ،
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-06 22:20 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    karmalika
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 217
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 134
    شۆھرىتى: 1425 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6535 دوللار
    تۆھپە: 13 ھەسسە
    ياخشى باھا: 150 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىتۇزنىڭ2009-05-06 21:17دە يوللىغان يازمىسى  :
    رەخمەت ئاچا تىمىڭىزغا،ياخشى تىمىكەن،بىزغۇ ئەمدى تاماق قىلالمايدىغان قىزلارنى ئىلىپ قالساق بىر ھەپتىدىللا چوڭ ئۇستام قىلىپ تەربىيلەپ چىقىر ۋىتىمىزغۇ مەجبورى،خى،خى،خ، ئامال بار مەنمۇ تاماق قىلالايدىغان قىزدىن بىرنى تاپمىسام بولمايدۇ

    ۋاي  نىمە  دەيدىغانسىز  ئۇكام ،  بىر  ھەپتىدىلا  چوڭ  ئۇستام  قىلىپ  تەربىيىلەپ  قويۇپ  يەنە  ئاشتۇزى  ئېيتقاندەك  لوقمان  ھېكىمنىڭ  شاگىرتىدەك  كۈنگە  قويماڭ  ئەمدى  سىڭىلچاقنى ....    
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 18:49 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( karmalika ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2804
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىkarmalikaنىڭ2009-05-07 18:49دە يوللىغان يازمىسى  :

    ۋاي  نىمە  دەيدىغانسىز  ئۇكام ،  بىر  ھەپتىدىلا  چوڭ  ئۇستام  قىلىپ  تەربىيىلەپ  قويۇپ  يەنە  ئاشتۇزى  ئېيتقاندەك  لوقمان  ھېكىمنىڭ  شاگىرتىدەك  كۈنگە  قويماڭ  ئەمدى  سىڭىلچاقنى ....    



    خېلى  قىززىقچى  ئىكەنسىز  ھە ؟   ئىنكاسىڭىزغا  خېلىغىچە  قاقاخلاپ  كۈلۈپ  كېتىپتىمەن  !  رەھمەت  ،  كۈلدۈرگىنىڭىزگە !
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 22:56 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    nuzugum

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2102
    شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2485 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئائىلىدە تاماق ئېتىپ ئادەتلەنگەن ياخشى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-08 06:17 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا