ھۈنەر – كەسىپ رىسالىلىرىمىزدىكى بايانلارغا قارىغاندا، ئەجدادلىرىمىز 360 خىل ھۈنەر كەشىپ قىلغان ۋە بۇ ھۈنەرلەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد راۋاجلاندۇرۇپ زامانىمىزغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ساندۇقچىلىق رىسالىسىدە ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىققا كەلگەن كۆنچىلىك كەسپىگە ئەگىشىپ ئىپتىدائىي كۆن – چەم ساندۇق كەشىپ قىلىنغانلىقى، كېيىنكى تەرەققىياتلار داۋامىدا، ياغاچ ساندۇق كەشىپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، چىداملىق كۆن – چەم ساندۇق ئىشلەتكەنلىكى، شەھەرلىشىپ، شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقاندىن كېيىن، ياغاچ ساندۇق ئىشلەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ساندۇقچىلىقىمىزدا ئىپتىدائىي كەشپىيات ––– كۆن – چەم ساندۇق ۋە ياغاچ ساندۇقتىن ئىبارەت ئىككى تۈر مەۋجۇت. كۆن – چەم ساندۇقنىڭ ماتېرىياللىرى: كۆن – چەم، ئەستەر، يىپ، تۇچ ياكى مىستىن قۇيۇلغان تۇتقا، گىرەچە، قارغا تۇمشۇق، تىل (تىل ساندۇق ئاغزىغا بېكىتىلىپ، ئاستى ساندۇقتىكى قارغا تۇمشۇققا كىيدۈرۈلۈپ، ئۈستىدىن قۇلۇپ سالىدىغان گىرەچىلىك ياپىلاق تۆمۈر) قاتارلىقلار. ساندۇقچىلىق سايمانلىرى: بۆرەندە، دەرەش، يىڭنە، كۆزنەك (تۈشۈك ئاچىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاب)، بولقا، بىلەي تاش قاتارلىقلار.
ئىشلىنىدىغان ساندۇقلار: چوڭ – كىچىك ساندۇق (چامادان)، كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان كىچىك ساندۇق ۋە سومكا (پوپكا) قاتارلىقلار. ئىشلەش ئۇسۇلى: ساندۇق ئاساسەن چەمدە ياسىلىدۇ. چوڭ ساندۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 35 – 40 سانتىمېتىر، ياكى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 45 سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇنداق ساندۇق ئۈچۈن قېلىن، پۇختا ئىشلەنگەن چەم ئىشلىتىلىدۇ. ساندۇق ئاستىنىڭ تۆت ئەتراپى ئايرىم كېسىلىپ، كاناپ شوينا بىلەن تىكىلىدۇ، ئۈستى ئايرىم كېسىلىپ چەپچەك قويۇلىدۇ(چەپچەك دېگىنىمىز ساندۇقنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە سەككىز – ئون سانتىمېتىر كەڭلىكتە تاسما تىلىپ، ئۇنى ساندۇق ئاغزىغا چۆرىدەپ تىكىلىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ساندۇق تۆت چاسا، سۈپەتلىك بولىدۇ)، ئاندىن ساندۇق ئاغزى ئارقا تەرەپتىن ساندۇققا گىرەچە بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئالدى تەرەپكە تىل بېكىتىلىپ، تىلغا ئۇدۇللاپ ساندۇققا كىچىك تۇمشۇق بېكىتىلىدۇ، تىلنىڭ تۆشۈكىدىن قارغا تۇمشۇق ئۆتكۈزۈلۈپ قۇلۇپ سېلىنىدۇ. ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىغا تۇتقا بېكىتىلىپ، ساندۇق رەڭگىگە قاراپ پەرداز بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى ھازىرقى چامادان شەكلىدە بولىدۇ، تىكىلىشى يۇقىرىقىغا ئوخشاش. مۇبادا كۆندىن ئىشلەشكە توغرا كەلسە، ساندۇق ئىچىگە سىراج سۇۋالغان ئىككى قەۋەت كەندىر توقۇلما رەخت ئۈستىگە دۇخاۋا، مەخمەل ياكى گۈللۈك چىت چاپلاپ ئىشلىنىدۇ. كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان سومكا شەكلىدىكى كىچىك ساندۇقلار( بۇنى تولاراق سەرراپلار – ئالتۇن – كۈمۈش، جاۋاھىرپۇرۇچلار، زەرگەرلەر ئىشلىتىدۇ)، بەلگە ، مۈرىگە ئاسىدىغان، چەمدىن ياسىلىدىغان ساندۇق شەكلىدىكى ئوقدانلار گىرەچىسىز، تاسمىلىق بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ ساندۇقچىلىق مەدەنىيىتىدە ياغاچ ساندۇقلارنىڭ رەڭ، شەكىل ۋە خىللىرىمۇ كۆپ بولغان. مەسىلەن: خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، تام ساندۇق، تىك ساندۇق، خىلمۇ خىل رەڭلەردە بويىلىدىغان ساندۇق، گۈللۈك نەقىشلەر، ئۇچار قۇشلار، چىنە چەينەك، مېۋە – چېۋىلەر شەكلى چۈشۈرۈلگەن گۈللۈك ساندۇق، پالاس(تۈنىكە مىقلانغان) ساندۇق قاتارلىقلار.
خەلقىمىز تارىختىن بۇيان خاپان ساندۇقنى ئاشلىق(ئۇن، گۈرۈچ، بۇغداي، قوناق) ساقلاشقا، كات ساندۇققا كىيىم – كېچەك قاتارلىقلارنى سېلىپ، ئۈستىدە يېتىپ – قوپۇشقا ئىشلەتكەن. سىرلانغان، گۈل نەقىشلەر سىزىلغان ساندۇقنى ئۆي زىننەتلەشكە ۋە ئۆي ئايرىغان قىز – ئوغۇللارنىڭ لاۋازىمىتىگە ئىشلەتكەن. كېيىنكى ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن پالاس ساندۇق(بۇنى بەزىلەر ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتايدۇ) سۆلەتلىك – كۆركەم ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۈستىگە يوتقان – كۆرپە، چامادان قاتارلىقلار تىزىلىدۇ. زىننەتلەنگەن ساندۇقنىڭ ماتېرىيالى تېرەك، قارىغاي ياغىچى(ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلەر ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخ ياغاچلىرىدىمۇ ساندۇق بۇيرۇتىدۇ) بولۇپ، يار يىلىم قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گىرەچە، تۇتقا، تىل، قارغا تۇمشۇقلارمۇ بار. ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار: كەكە، ئىسكىنە، رەندە، قازان قارىسى (كۈيە)، تاپاپ يىپ (كۈيە، تاپاپ يىپلار قارا سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ)، ئۈچ بۇلۇڭ ۋە تۈز مېتىر (گەز) قاتارلىقلار .
ساندۇق ياساش ئۇسۇلى: تىلىنغان تاختاي ئۆلچەم بويىچە كېسىلىپ، ئوڭ يۈزىگە رەندە سېلىنىپ سىلىقلىنىدۇ. ئاندىن تاختاينىڭ ئا بېشىغا △△△ شەكلىدە، ب بېشىغا شەكلىدە ئۆلچەملىك گىرە چىقىرىلىپ بىر – بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ. تاختاينىڭ ئىككى يان تەرىپىگە رەندە سېلىپ، ساندۇقنىڭ ئۇزۇن ۋە يان تەرەپلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ چېتىش ۋاقتىدا ئەركەك – چىشى كىرىشمىسىگە يار يىلىم بېرىپ تۇتتۇرۇلىدۇ. ساندۇقنىڭ ئاستى – ئۈستى تاختايلىرىنىڭ ئىككى يېنى سىلغايتىلىپ يار يىلىم بىلەن جىپسىلىنىدۇ. ساندۇق ئاغزىغا بەش سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىيەك(چەسۋەك) تاختاي ئايلاندۇرۇپ يار يىلىم بىلەن چاپلاپ تۇتتۇرۇلىدۇ ۋە ياغاچ مىق بىلەن مىقلىنىدۇ. ساندۇق ئاستى تاختىيى ساندۇق چۆرىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يار يىلىم بىلەن تۇتتۇرۇلغاندىن سىرت ياغاچ مىق بىلەن مىقلىنىدۇ(ياغاچ مىق ساندۇقنى نەم تارتىپ كۆپۈشتىن، قۇرۇپ يېرىلىشتىن ساقلايدۇ)، ئاندىن گىرەچە ۋە تىل بېكىتىلىپ، ساندۇق ئاغزىنىڭ ئېچىلىش – يېپىلىش ۋە قۇلۇپ سېلىنىشىغا ئوڭايلىق يارىتىلىدۇ. ساندۇقنىڭ ئۈستى تەرەپكە قارغا تۇمشۇق، ئىككى يانغا تۇتقا بېكىتىلىدۇ. ساندۇقنىڭ ئاستى تۆت بۈرجىكىگە ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە 2.5 – 3 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە پۇت بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساندۇق پۈتكەن بولىدۇ. كات ساندۇق، تام ساندۇق(ئىشكاپ)تىن باشقىلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا ياسىلىدۇ. كات ساندۇق ئۈستىدىن، ياندىن ئېچىلىدىغان قوش ۋە يالغۇز ئېغىزلىق بولىدۇ. تام ساندۇق ۋە ئۆرە ساندۇقلار ئىشكاپ شەكلىدە بولىدۇ. ياسىلىشى ھازىرقى ئىشكاپ ئۇسلۇبىدا بولىدۇ. بۇلار پۈتكەندىن كېيىن، رەڭگى خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاللىنىلىپ، نەقىش ۋە گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلىدۇ.
پالاس ساندۇق يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىپ ياغاچ قۇرۇلمىسى پۈتكەندىن كېيىن، نېپىز تۈنىكىنى ئۈچ مىللىمېتىرلىق تاسما قىلىپ تىلىپ، تۈزلەپ، نوكەشتىن ئۆتكۈزۈپ بېلىق سىرتى شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن نەقىش نۇسخىلىرى تاللىنىدۇ. نەقىش نۇسخىلىرى كاتەك – كاتەك مەنچۇ، توقۇلما، كەكلىك قېشى، جۈپ كاتەك، يالاڭ كاتەك، چەكمە كاتەك قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. نۇسخا تاللانغاندىن كېيىن، تۈنۈكىنى چاپراس قىلىپ مىقلاش ئارقىلىق خىلمۇ خىل چاسا – رومبا شەكىللىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق تاغ – دەريا، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇز، گۈل – گىياھ، مېۋە – چېۋە، ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياسالغان مۇنداق ساندۇقلارغا خىلمۇ خىل ياقۇتلاردىن كۆز قويۇش ئادەتلىرى بولغان. ساندۇققا تۈنىكە مىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە لاك بېرىپ پەردازلىنىدۇ. بۇيرۇتقان ساندۇقلارغا مىس تۈنىكىمۇ مىقلىنىدۇ. بۇنداق ساندۇقلار ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ساندۇق مىقلاش سايمانلىرى: كىچىك سەندەل، ياغاچ بولقا، قايچا، جادو قايچا، مىق، سۈمبە، ياپىلاق تۇمشۇق كىچىك تۆمۈر بولقا، ئامبۇر قاتارلىقلار.
مەن بە ياشلار،
[ بۇ يازماnuzugumتەرپىدىن2011-01-03 07:39دە قايتا تە ]