oznur.cn abduheni
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىس، تۇچ، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى، گۈزەل - سەنئەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭق چىقىرىپ كەلگەن.

مىسكەرلىك سايمانلىرى: بولقا - سەندەل، ئوچاق، كۆيەك، كۆمۈر، ئوت پۆدىگۈچ، چاسا بولقا، كەكە بولقا، بازغان، قىسماق قاچا، تۈز قاچا، سەركۇل، چاق (سىلغايتىش چاقى)، ھەر خىل ئېكەك، ئاق قۇم، (مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان) قاتارلىقلار.

ئىشلەيدىغان بۇيۇملىرى: ئاپتۇۋا، چىلاپچا، چۆگۈن، مانتا قازىنى، مىس قازان، مىس داش قازان، جۈنبۈل، لېگەن، كەپكۈر، چەينەك، مىس چىنە - پىيالە، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى، كولدۇرما، زەنجىر، ئات ئېگەرى، ھارۋا جابدۇقلىرى، ئىشىك - دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى، چاچ ئاسقۇ، ئۈزۈك، بىلەزۈك، چازا، تاج، قاداق، سوقما، قۇيما ھەيكەل، باسما ھەرپلىرى، تامغا، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ،

ئىشلەش ئۇسۇلى: مېتالنى خام، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئېرىتىش مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولمىسا، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ.

مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىي النى پارچىلاپ ئايرىم سوقىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇۋا، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى، قورساق، جوغا، تۇتقا، كاناي، قاپقاق، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپشەرلىنىپ بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ.

تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ. ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ. نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ.

مىسكەرلىكتە، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ. ئۇنى يىغىپ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ. مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان.

ئۇيغۇرلاردا ساندۇقچىلىق

ئۇيغۇر ھۈنەر - كەسىپلىرى ئىچىدە ساندۇقچىلىق تارىخى ئۇزۇن، تۈرى كۆپ، سەنئىتى كۆركەم، بازىرى ئىتتىك كەسىپ. ئۇيغۇر ساندۇقى خىلمۇ خىل بولىدۇ. خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، ھەر خىل سىرلانغان سىرلىنىپ خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلار ۋە تۈنىكە مىخلاپ بېزەلگەن پالاس ساندۇق (بۇ خىل ساندۇق ئورۇس ساندۇق، ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار. بۇ خىل ساندۇقلار ھەر قايسى ئائىلىلەردىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ. 

ئۇيغۇر ساندۇقلىرىنىڭ بىزەكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساندۇق مەخسۇس ساندۇقچىلار تەرىپىدىن ياسىلىدۇ. كاسىپلار ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى، يالغۇزلا ساندۇق ياسايدۇ. يەنە بىر خىلى، ھەم ياسايدۇ، ھەم سىرلاپ گۈل نەقىش قىلىدۇ، ساندۇققا تۈنىكە مىخلايدۇ.

ساندۇقنىڭ ماتېرىيالى تېرەك ۋە قارىغاي ياغىچى، يارا يېلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سايمانلىرى: چوڭ - كىچىك چوت (كەكە)، ھەرە، ئىسكىنە، رەندە، سىزىق تارتىش تانىسى، مېتر ۋە ئۈچ بۇلۇڭلۇق سانتىمېتردىن ئىبارەت.

ياساش ئۇسۇلى: ياغاچنى تىلىپ تاختاي قىلىدۇ. ساندۇق ئۆلچىمى بويىچە كېسىپ تاختاينىڭ بىر تەرىپى سىلىقلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى بېشىغا ئەركەك - چىشى ئويۇق ئاچىدۇ ۋە ھەر بىر تەرتەپنىڭ تاختايلىرىنى يارا يېلىم بىلەن چاپلاپ پۈتۈنلەشتۈرۈپ، ئەركەك - چىشى ئويۇقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ يارا يېلىم بىلەن تۇتتۇرۇپ ساندۇق رامكىسىنى قۇراشتۇرىدۇ. ئاندىن ئاستىنى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلاپ چەپچەك قويۇپ، ئاغزىنى گىرەچە بىلەن تۇتتۇرۇپ ئېچىلىپ - يېپىلىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىككى يانغا تۇتقا، ئالدىغا قاغىتۇمشۇق بېكىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سىرلاش، سىر ئۈستىدىن نەقىشلەش ياكى تۈنىكە مىخلاش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇيغۇر ساندۇقلىرى ئىچىدە تۈنىكە مىخلانغان ساندۇق ئالاھىدە كۆركەم بولىدۇ. ساندۇققا مىس تۈنىكە، ئاق، سېرىق، يېشىل دېگەندەك خىلمۇ خىل دەڭدىكى تۈنىكە قايچا بىلەن ئۆلچەملىك كېسىلىپ مىخلىنىدۇ.

مىخلاش ئۇسۇلى: تۈنىكە ئۈچ مىللىمېترلىق قىلىپ تاسما تىلىنىدۇ. ئۇنى تۈزلەپ، بېلىق سىرتى قىلىپ، ساندۇققا چۈشۈرمەك بولغان نۇسخىلارغا كىرىشتۈرۈپ، تۈنىكىنى كاتەك مەنچىر، كاتەك، توقۇلما، كەكلىك قېشى، جۈپ كاتەك، يالاڭ كاتەك قىلىپ مىخلايدۇ. ئۇلارنىڭ چېۋەر قولىدىن خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ھاسىل بولۇپ، ساندۇق يۈزىگە تاغ - دەريالار، قۇياش، ئاي - يۇلتۇز شەكىللىرى، گۈل - گىياھ، مېۋە - چېۋە، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار شەكلى چۈشۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ئۇستىلار ساندۇققا چەككەن ھەر بىر نۇسخىلار، ئاق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، ئوغىلاردىن كۆز قويۇپ، نەقىشلەرگە جان كىرگۈزگەن. بۇ خىل بېزەلگەن ساندۇقلار ناھايىتى جۇلالىق بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

ساندۇق مىخلىغۇچى ئۇستىلار سەندەل، ياغاچ بولقا، تۈنىكە كېسىدىغان تۈز قايچا، جادۇ قايچا، سۈنبە، مىخ، ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بولقىلارنى سايمان قىلىدۇ.

ساندۇقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاشلىق ساقلاش ۋە نان قويۇش ئۈچۈنمۇ ساندۇق (كات) ئىشلىتىدۇ. ئاشلىق كات لىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۆركەم ياسىلىپ، ئالدىغا قاپارتما شەكلىدە تىلىنغان ياغاچ بىلەن ھەر خىل كۈنگۈرىلىك نەقىشلەر چاپلىنىدۇ. بەزى چوڭ كاتلارغا بىرەر توننا ئاشلىق سىغىدۇ. كاتتا ساقلانغان ئاشلىق ئاسان بۇزۇلمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردا توقۇمىچىلىق

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان، پاختا، يىپەك، يۇڭ قاتارلىق يەرلىك خام ئەشيالاردىن ھەرخىل توقۇلمىلارنى توقۇپئۆز ئېھتىياجىدىن چىققان ۋە ئېكىسپورت قىلغان.

ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بىر دەستىگاھ ئۇچۈن ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتر مەيدان بولسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ «دۇكان» دەپ ئاتىلىدۇ.

1) دۇكاننىڭ ئالدىغا ئىكك ياغاچ ئورنىتىلىپ ئۈستىگە توغرا ياغاچ قويۇلىدۇ. ئارقا تەرەپكە ئۇستا ئولتۇرىدىغان بىر تاختاي، تاختاي ئالدىغا ئۈرۈش (ماتا) يۆگەش ئۈچۈن بىر چىغرىق ئورنىتىلىدۇ. ئاستى تەرەپكە ئۈستىنىڭ ئىككى پۇتىغا ئۇدۇل قىلىپ ئىككى تەرەپكە (تاختاي) قويۇپ، تەپكىنىڭ ئۇچىغا شانىغا چىگىش ئۈچۈن بىردىن شوينا بېكىتىپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق دۇكاننىڭ توقۇش ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان ئىككى شانا، موكا، ناچا قاتارلىق سايمانلىرى بولىدۇ.

2) خام ئەشيا تەييارلاش: چىگىتنى چىغرىق بىلەن كېۋەزدىن ئايرىيدۇ. چىغرىقتا ئىككى ئوق بولۇپ، چوڭ ئوق پۇت بىلەن چىغرىق تەپكىسىنى تېپىش ئارقىلىق كىچىك ئوق چىغرىقچىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قارىمۇ قارشى ئايلاندۇرۇلىدۇ. چىغرىقچى سول قولى بىلەن كېۋەزنى ئىككى ئوق ئارىسىغا يېگۈزۈپ چىگىتنى ئايرىيدۇ. پاختىنى زەي تارتىلغان دۇكان بىلەن ئېتىپ تالالىرىنى يېشىلدۈرۈپ پىلتە قىلىدۇ. قول چاقىدا ئېگىرىپ قومۇشقا يۆگەيدۇ.

3) ئۈرۈش تارتىش ۋە ئارقاق: ئۈرۈش توقۇلىدىغان رەختنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ تارتىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى چەكلەنمەيدۇ. ئۈرۈش يىپىنىڭ بىر ئۇچى ئىككى شانا رېشاتكىسىدىن ئۇدۇل ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇستا ئالدىدىكى چىغرىققا يۆگىلىدۇ. يەنە بىر ئۇچى دۇكاننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى دارغا ئارتىلىپ ئاستىغا مۇۋاپىق ئېغىرلىقتا تاش ئېسىپ ئۈرۈشنى تەكشىلەيدۇ، ئىككى شانىغا ئىككى تەپكىدىكى شوينىنى باغلايدۇ. ئارقاق ئۈچۈن ناچا، موكا تەييارلايدۇ.

4) توقۇش ئۇسۇلى: ئۇستا ئورنىدا ئولتۇرۇپ، قولىغا موكا ئالىدۇ ۋە ئىككى بارمىقى بىلەن شانىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ بىر پۇتى بىلەن بىر تەپكىنى تېپىدۇ. شانىنىڭ بىرى كۆتۈرۈلۈپ يىپ ئېكىس (x) ھاسىل قىلىدۇ. موكا ئېكىس ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇستا موكىنى تۇتۇۋېلىپ بارماق قولىنى شانىدىن ئالىدۇ. شانا ئارقىغا يېنىپ توقۇلغان يىپقا تېگىپ ئۇنى چىڭدايدۇ. شۇنداق قىلىپ موكا تىنىم تاپماي ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ يۈرۈپ ئارقاق بىلەن ئۈرۈشنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تىنىم تاپماي يۈگۈرۈپ يۈرىدىغان كىشىلەرنى «بابكانىڭ موكىسى» غا ئوخشىتىش ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

ئۇيغۇرلاردا باققاللىق

شىنجاڭ - مېۋە - چېۋە ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېۋە - چېۋە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى «باققال» دەپ ئاتايدۇ. باققاللىق كەسپى ھۆل مېۋىچىلىك، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

ھۆل مېۋە باققاللىرى، ئۆرۈك، شاپتۇل،م توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت، نەشپۈت، بېھى، ئالىگرات، ئالۇچا، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس قاتارلىق كۆپ خىللىق مېۋە، قوغۇن تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ 5 - ئاينىڭ 12 - ئايغىچە، بەزىلىرى يىل بويى سېتىلىدۇ.

باققاللار كۈندىلىك توپ سېتىۋېلىش ياكى باغ كۆتۈرە ئېلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن توپ ئېلىپ پارچە ساتىدۇ.

باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە - چېۋىلەرنى سېتىشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەر قانداق باققال ۋە مېۋە ساتقاندا، توۋلاپ خېرىدار چاقىرىپ مېۋىنى سۈپەتلەيدىغان ئىدىئوملۇق سۆزلەر بىلەن ساتىدۇ، شۇنداقلا مېۋە دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە «پۇل ئالمايمەن، بىر تال يەپ باقسىلا» دەپ يېگۈزۈپ تەمىنى تېتىتىپ ساتىدۇ.

قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ پارچە ياكى توپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارىئۆرۈك قاتارلىق خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇلار يەنە قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتاسا، يەشمەكلەرنىمۇ ساتىدۇ.

قۇرۇق يېمىشچىلەر مېۋىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تا زىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى، باققاللار كەڭ قورساق بولۇپ خېرىدارلار بىلەن بىھۇدە باھا تالاشمايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللاردا جىڭلاپ سېتىش ئادىتى بولمىغان. بازار ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېۋە سودىسىدا جىڭ ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشماقتا.

ئۇيغۇرلاردا مۇزدوزلۇق

ئاسىيانىڭ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا ياشىغان. ئەجدادلىرىمىز ئىنتايىن جاپالىق بولغان ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئات، كالا، تۆگە، قوتاز، قوي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن. يەنى ئۇلارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ يەپ، تېرىسىدىن ئاياغ كىيىمى ئىشلەشنى ئىجاد قىلغان. لېكىن بىز ئۇيغۇر خەلقىدە موزدۇزلۇق كەسپىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان ئىپتىدائىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىگە ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر موزدۇزچىلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم. دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن موزدۇزلۇق كەسپى ئەنە شۇ نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىنىڭ بېيىتمىسى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سەپەر (كارۋانچە) ئۆتۈك، ھالقا ئۆتۈك، پەس پاشنا، ئارا پاشنا، ئېگىز پاشنا ئۆتۈك، تۈز مەسە، توغرا تۇمشۇق مەسە، بۇغداي تۇمشۇق مەسە، ئىسگىلاچ مەسە، ئەرەنچە مەسە، ھالقا كەش، سەندەل ۋە يېڭى پاسوندىكى ھەر خىل بەتىنكە قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇرلار ئاياغ كىيىمىنى ئات - كالا تېرىسىدىن تىكىدۇ. ئۆچكە، قوي تېرىسىنى ئەستەرلىككە ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاياغ رەختىنى كۆن، خۇرۇم، چەم، ئۇلتاڭ، بېشۇ، مەسكاپ، چىگىردىن دەپ بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. كۆن، خۇرۇملار قارا، قىزىل رەڭدە، ئەستەرلىكلەر ئاق، سېرىق رەڭدە بولىدۇ. بۇ خىل رەختلەرنى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئۆزلىرى ئىشلەيدۇ.

موزدۇزلۇق ئەسۋابلار: كۆن، خۇرۇم ۋە چەم كېسىش پىچىقى، چوڭ - كىچىك دەرەش (بىگىز)، يىپ - يىڭنە، كوۋا (رەخت تۈزەش سايمىنى)، پەرداز كالتىكى، ئاق - قارا مۇم، سىرەج، قارا گۈل، ئەندىزە ۋە قېلىپلاردىن ئىبارەت.

راسلاش ۋە تىكىش ئۇسۇلى: موزدۇزلۇق كەسپىدە ئەندىزە ۋە قېلىپ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاياغنىڭ باشلىق قونجى ئەندىز بىلەن كېسىلىدۇ. باشلىق بىلەن قونچى ئەستەرلىنىدۇ. باشلىقىنىڭ باشمالداققا ئوخشاش تىلى قونچىنىڭ ئويۇلغان يېرىگە كىرگۈزۈلۈپ بىخ سالىدۇ (ماشىنا سالىدۇ)، ئاندىن قېلىپقا تارتىلىپ ئىستەلكە - ئىچ چەم تىكىلىدۇ. ئاندىن چەمدىن تاسما تىكىپ تاش چەمنى شۇ تاسما بىلەن قوشۇپ تىكىدۇ ياكى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلايدۇ. پاشنا قويۇپ قېلىپقا تارتىپ پەردازلايدۇ. قېلىپتىن ئېلىپ لازىم قىلىدۇ.

مەسە، كارۋانچە (بۇ ئۆتۈك قىزىل كۆندىن تىكىلىدۇ) ئۆتۈك قېلىپقا سېلىنماي تەتۈر ئۆرۈپ تىكىلىپ ئاندىن ئۆرۈيدۇ. باشقا خىلدىكى ئۆتۈكلەردەك قاتۇرما قىلىنمايدۇ. بۇ ئاياغلارنىڭ ھەممىسى ئەرەنچە ۋە ئايالچە دەپ ئايرىپ، نۇسخا جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.

موزدۇزلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر - كەسىپ بولۇپ، ھەر بىر يۇرتتا بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كاسىپلار بار. ئۇيغۇر يەر جاي ناملىرى ئىچىدە «موزدۇز مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرت - مەھەللىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇرلاردا كىگىزچىلىك

ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە كىگىزچىلىك ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر كىگىزچىلىكى تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇرلارنىڭ يۇڭىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى ئاساس، گۈل بېشىنى قوشۇمچە قىلىپ خىلمۇ خىل كېگىز ئېتىدۇ. ئاق يۇڭدا جاينامازغا ۋە گۈللۈك چۇچىلىق ئاق كىگىز، قارا يۇڭدا قارا كىگىز ۋە ھەرخىل گۈللۈك كىگىز، ناماتمان، شىرداق قاتارلىقلارنى ياسايدۇ.
كىگىزنىڭ ماتېرىيالى: قوي يۇڭى، ئۆچكە يۇڭى، سۇ، كۈنجۈرە ۋە ھەرخىل بوياقلاردىن ئىبارەت.

سايمانلىرى: چىغ، ساۋاق، يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان، سالغۇ، پالاس، ئارقان، سۈپۈرگە، كاسپىنىڭ بىلەك ۋە پۇت كۈچى.

كىگىز ئېتىش ئۇسۇلى: يۇڭ رەڭگى بويىچە تاللىنىدۇ. تاللانغان يۇڭ يۇيۇپ قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇغان يۇڭنى ساۋاق بىلەن ساۋاپ يېتىلدۈرۈپ يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان بىلەن ئاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەييارلانغان چىغنى يەرگە يېيىپ چىغ ئۈستىگە ئېتىلغان يۇڭنى سالغۇ بىلەن تەكشى سېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈرە چىلانغان ئىسسىق سۇ سېپىدۇ، چۆرىسىگە چۇچا قويىدۇ. ئۈستىگە ئىككىنچى قەۋەت يۇڭنى سالغاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئارىسىغا ئېلىپ تۈتەكلەپ يۆگەيدۇ. ئۈستىدىن پالاس يۆگەپ ئاغامچا بىلەن تېڭىپ ئىككى كىشى پۇتى بىلەن تەكشى تېپىپ يۇمىلىتىدۇ. يۇڭ كىرىشكەندىن كېيىن يۇڭنى تەتۈر ئۆرۈپ، تېڭىپ يەنە دۇمىلىتىدۇ. بۇنداق دۇمىلىتىش ئۈچ - تۆت قېتىم تەكرارلانغاندا يۇڭ پىشىدۇ. ئاندىن، ئىككى كىشى بىلىكى بىلەن دۇمىلىتىپ سىلغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ. كىگىز تەييار بولغاندا يېشىپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈپۈرۈپ ياۋا قىللارنى تازىلاپ، كىگىزنىڭ يۈزىنى تەكشىلەيدۇ.

گۈل بېسىش: گۈل ئۈچۈن قايسى رەڭ لازىم بولسا، شۇ رەڭدە بويالغان يۇڭنى كىگىز قىلىپ پىشۇرۇۋالىدۇ. لازىم بولغان نۇسخىنى ئويۇپ، كىگىز يۇڭى سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن نۇسخا ئورنىغا قويۇپ كىگىز بىلەن بىرلىكتە پىشۇرىدۇ.

شىرداق كىگىزنى ئالدى بىلەن پىشۇرۇۋالىدۇ. قويۇلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى تەييار بولغاندىن كېيىن كىگىز ئۈستىگە تىزىپ، قول بىلەن تەكشى تىكىلىدۇ. شىرداق ئادەتتىكى كىگىزلەرگە قارىغاندا ھەم قېلىن، ھەم چىداملىق بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا دوپپىچىلىق

ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنۈپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق - شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، گۈل نۇسخىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ تولىمۇ ئازادە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر - ئايال، قېرى، ياش دېگەندەك پەرقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. دوپپىلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرىدا تەبىئەت گۈزەللىكى ئەكىس ئېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر بادام دوپپىسىنىڭ يۇمىلاقلىقى يەر شارى - شەھەر، قەلئەلەرگە تەقلىد قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاق مەشۇتتىن چېكىلگەن بادام گۈلى ئايغا، كېزەك گۈللىرى يۇلتۇزلارغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە چېكە دوپپىسىغا چېكىلگەن چىمەن گۈللەر تەبىئەت ھۆسنىگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى ئاق، يېشىل، توغرا - ئۇزۇن سىزىقلار قىيپاش بەلگىلەر ۋەتەننىڭ تاغ، دەريا، گۈزەل ئورمان، گۈل - گىياھلىرىغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە، بەزى دوپپىلارغا غازان بولۇۋاتقان گۈل - گىياھ زىمىستان شەكلى چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىنقىسى شاد - خۇرام، باياشات تۇرمۇش سىمۋولى قىلىنسا، كېيىنكىسى، ئۆز تەقدىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئىزھار قىلغان، يەنى ئۇيغۇر دوپپىسىغا شادلىقمۇ، قايغۇمۇ مۇجەسسەملەشكەن.

دوپپىنىڭ ماتېرىيالى ھەر خىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار - دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ (يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى (ئويما) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق - سىزىق ئارىلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات شىرنىسى پۈركۈپ پات بېرىش.

ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىدا، دوپپا تىكىش بىر ئىش، ئۇنى قوندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم ئىش. دوپپا ياخشى قوندۇرۇلمىسا ئىسكەتسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دوپپىچىلىرى دوپپا قوندۇرۇشنى مۇھىم بىلىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەممە كىشىگە ماس كېلىش ۋە يارىشىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالەمگە مەشھۇر.

ئۇيغۇرلاردا تۇماقچىلىق

ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلىرىنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى، سەلتەنىتى دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇر تۇماقلىرى يارىشىملىق، ئىسسىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، گۈل قىسىپ كىيىشكە، ئالدى - ئارقىنى ئايلاندۇرۇپ كىيىشكىمۇ ئەپلىك.
تۇماق رەختى: قولى چېۋەر ئۇيغۇر ئۇستىلار تۇماق رەختى ئۈچۈن كەمچەت، قاما، سۆسەر، تىيىن، تۈلكە، سۈلەيسىن، سۇغۇر، ئەلتىرە، قوي، ئۆچكە، ئات تېرىسى قاتارلىق بىر يۈز سەكسەن ئۈچ خىل ھايۋانات تېرىسىنى، تاش ئۈچۈن دۇخاۋا، مەخمەل، مويىت قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل رەخت ۋە ئەستەر ئۈچۈن ھەرخىل رەختلەر ئىشلىتىدۇ.

تۈرى: ئۇيغۇر تۇماقلىرى ئەر - ئايال دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈش بىلەن بىرگە، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلار، قېرىلار، دىنىي زاتلار سەللە تۇمىقى ۋە خىلمۇخىل يەرلىك تۇماقلار، مەسىلەن، ئاتۇش تۇمىقى، پەيزىۋات تۇمىقى، قەشقەر، خوتەن، كېرىيە تۇمىقى، قاغىلىق تۇمىقى، مەكىت تۇمىقى، يېڭىسار ساغان تۇمىقى، كۇچا تۇمىقى، قومۇل تۇمىقى دېگەنگە ئوخشاش يەرلىك تۈر، نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ.

تۇماقچىلىق سايمانلىرى: تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەستەر، تاشلىق رەخت كېسىدىغان قايچا، يىپ، يىڭنە، پاختا، قېلىپ، ناۋات، چىۋىق، قاراگۈل، رەڭ ۋە باشقا پەرداز بۇيۇملىرى.

تىكىلىشى: ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن ئۇندا ئاشلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. كېسىشتە تېرىنىڭ يۈزىدىن ئەندىزە قويۇۇپ تۆت تالالىق، ئالتە تالالىق قىلىپ ئۆلچەملىك كەسكەندىن كېيىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، تۇماقنىڭ تۆپىسىنى پۈتتۈرىدۇ. ئەگەر تۇماق ياكى قۇلاقچىلارغا ئەستەر ئالماق بولسا، رەختكە پاختا سېلىپ سېرىپ، تۆپە تالاسىدەك كېسىپ چىقىپ، تۆپىنى ئەستەرگە كىيدۈرىدۇ. ئەتراپنى يۆمەپ تىكىپ بولۇپ، قېلىپقا سېلىپ قايچا بىلەن مويلىرىنى قىرقىپ تەڭشەيدۇ ۋە سۇ پۈركۈپ موينى چىۋىقلاپ، سۈنئىي بۈدۈر قىلىدۇ، بۈدۈرىنىڭ ئاسان بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ناۋات شىرنىسىنى ئاغزىغا ئېلىپ پۈركۈيدۇ. ئاندىن قېلىپتى چىقىرىپ بازارغا سالىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكەن تېرىنىڭ مويى ئالپاساق بولۇپ قالسا ئۆز رەڭگىگە ئوخشىتىپ بويايدۇ.

تۇماق، قۇلاقچا قاتارلىقلارنىڭ تۆپىسى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۆز رەڭگىدە قاراگۈل ياكى ئۆتۈك مېيى بىلەن پەردازلايدۇ.

ئاق تېرە تۇماقلارغا ئاق سىزىقچىلىق گۈل چىقىرىدۇ ۋە گەج بىلەن ئاق پەرداز بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار تۇماقچىلىرى يالغۇزلا ئۇيغۇر تۇمىقى تىكىپ قالماستىن، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەر - ئايال تۇمىقىنى تىكىپ جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا جۇۋىچىلىق

ئۇيغۇرلاردا جۇۋىچىلىقنىڭ تارىخى ئۇزۇن، بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا، چارۋا مال بېقىلغان، ئىپتىدائىي كۆن - خۇرۇم ئىشلەنگەن ... ئاشلانغان تېرىدىن كىيىم تىكىلگەن. ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ جۇۋىچىلىق مەخسۇس كەسىپلەشكەن.

ئۇيغۇر جۇۋىچىلىقىنىڭ تۈرى كۆپ. رەختى، رەڭگى خىلمۇ خىل، ئۇيغۇرلار قوي، تۈلكە، بۆرە، سۈلەيسىن، تىيىن، قاما، سۇغۇر، سۆسەر، كەمچەت، ئەلتېرە قاتارلىق سەكسەن نەچچە خىل ھايۋان تېرىسىدىن جۇۋا تىكىدۇ. ئۇيغۇر جۇۋىلىرى تاشلىق، تاشسىز ئىككى خىل بولىدۇ. تاشلىق جۇۋىلارغا مەخمەل، دۇخاۋا، مويىت، سارجا، باستون، كىبرىكوت، ھەرخىل تېرىكە، چېپەرقۇت، چەكمەن قاتارلىقلارنى تاش قىلىدۇ.

تاشسىز جۇۋىلارنى تېرە بويى ئاق قالدۇرىدۇ ياكى قارا، سېرىق، پوررەڭ، ياكى جىگەررەڭ بىلەن بويايدۇ.

جۇۋىچىلىق سايمانلىرى:قايچا(رەخت كېسىشكە ئىشلىتىدۇ)، تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەندىزە، يىپ، يىڭنە، ئويماق، مېتر، شىلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تېرە پىششىقلاش ئۇسۇلى: جۇۋا تىكىدىغان ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىپ تېرىدىكى ماي، گۆش، شۇللۇق ئەتلەر قىرىۋېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇن بىلەن ئاشلايدۇ، تېرە ئاشتىن چىققاندىن كېيىن ئەيلەيدۇ ۋە ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىدۇ. تېرە سىقىمغا سىغقۇدەك يۇمشىغاندا، تېرىنىڭ يۈزىگە سۇ پۈركۈپ تېخىمۇ يۇمشىتىپ تېرىنى تارتىشتۈرۈپ، قۇرۇق، قىياچ ئورۇنلىرىنى تۈزەپ تامغا تارتىپ مىخلاپ كېرىيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرىدىكى ئۆلچەمسىز ئورۇنلار تۇزلىنىدۇ.

كېسىش ئۇسۇلى: تېرىنىڭ يۈزى تەرىپىدىن ئەندىزە قويۇپ، تېرە كېسىش پىچىقى بىلەن كېسىدۇ. رەخت كىيىم كەسكەندەك پارچە بولىدۇ، ئاندىن تىكىدۇ. تىككەندە تېرىنىڭ يۇڭىنى ئىچىگە قىلىپ يۈزى تەرەپنى جۈپلەشتۈرۈپ يىپ بىلەن يۆمەيدۇ. پەش، ياقا، يەڭ ئولتۇرغۇزۇشلار چاپان تىكىشكە ئوخشىشىدۇ، جۇۋىنىڭ تېشىنى قايچا بىلەن كېسىپ ئىلگىرى قول بىلەن ھازىر ماشىنا بىلەن تىكىپ پۈتتۈرۈپ، جۇۋىنىڭ ئۈستىگە كىيدۈرگەندىن كېيىن، ياقا، ئېتەكلىرىنى يۆمەيدۇ. ئەگەر چوڭ ياقىلىق ياكى كەمچەت، قاما، تۈلكە، ياكى كۆرپە ياقا بولسا بۇنى ئايرىم ئولتۇرغۇزىدۇ. تاشسىز جۇۋىلارنىڭ ياقىسىدىن تارتىپ ئالدى پەش ۋە ئاستى تەرەپ پۇچقاقلىرىغا، شۇنداقلا يەڭ ئۇچلىرىغا ئىككى سانتىمېتر كەڭلىكتە بىرخىل رەڭلىك ئەلتېرىدىن زىغزىق تۇتىدۇ. زىغزىغنىڭ لېۋىگە تېرىدىن تىرناق چوڭلۇقىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك نەقىش ئويۇلىدۇ. تاشسىز جۇۋا ئاساسەن تون شەكىلدە تىكىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا پىلىچىلىك

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۈجمە ئۆستۈرۈپ، پىلىچىلىك، يىپەكچىلىك، مەشۇتچىلىك ۋە يىپەك توقۇلمىچىلىقتىن ئىبارەت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىچكى - تاشقى بازارنى تەمىن ئېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارئارىسىدا پىلىچىلىك ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىر يۈرۈش جەريانلاردىن ئۆتىدۇ.

ئۇرۇق ساقلاش: يىغىۋېلىنغان ئۇرۇق پاكىز داكا خالتىغا ئېلىنىپ، ئىسسىق ۋە نەملىكى مۆتىدىل بولغان جايدا، كېلەر يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، يەنى ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتقۇچە ساقلىنىدۇ. پىلە ئۇرۇقىنى ساقلىغان ئۆينىڭ ھاۋاسى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا تەڭشەپ تۇرۇلىدۇ. 2 -، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىلە قۇرتى تىرىلىشقا باشلايدۇ. بەزى ئۇرۇقلار يېرىلىپ قۇرت چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنى پىلىچىلار «خەۋەرچى قۇرت»دەپ ئاتايدۇ. 4 - ئاي كىرىش بىلەن ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتىپ تەڭگىدەك بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغ پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئاساسەن تىرىلىشكە باشلىغان مەزگىلى بولىدۇ. پىلىچلار ئۈجمىنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرىنى توغراپ چوڭ داسقا سېلىپ، ئۈستىگە پىلە ئۇرۇقىنى تەكشى سالىدۇ ۋە ئۇرۇقنىڭ ئۈستىنى يەنە غازاڭ بىلەن ياپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، پىلە ئۇرۇقىنىڭ يېرىلىپ قۇرت چىقىشتا تەلەپ قىلىدىغان قاراڭغۇلۇق ھەل قىلىنسا، ئىككىنچىدىن، چىققان قۇرتلارنى غازاڭ بىلەن (قۇرت تۇخۇمىدىن چىقىپ ئىككى - ئۈچ سائەت ئۆپچۆرىسىدە غازاڭ يېيىشكە كىرىشىدۇ) تەمىن ئېتىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان قۇرتلار غازاڭ يېيىشكە كىرىشىپ تېزلا چوڭىيىشقا باشلاپ، چۈمۈلسىمان بولۇپ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يېتىلىپ، ئۆرلەشكە باشلىغان قۇرتلارغا خوتەن قەغىزى قويۇپ بېرىدۇ. قۇرتلار قەغەز ئۈستىگە چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۇيدۇرماي قەغەزدىكى قۇرتنى ئىككىنچى داستىكى ئۈجمە غازىڭى ئۈستىگە قويىدۇ. دېمەك، يېتىلگەن قۇرتلار شۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم يۆتكىلىش ئارقىلىق بىرقانچە داسقا ئېلىنىدۇ. بۇ چاغدا بېرىلىدىغان غازاڭ قۇرتلارنىڭ چوڭىيىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. كىچىكلىرىگە يۇمران ياكى توغرالغان غازاڭ، چوڭلىرىغا ئادەتتىكى غازاڭ بېرىلىدۇ. پىلە قۇرتى ئۇرۇقتىن چىقىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن سۇجەك ياساپ (قەۋەتلىك پىلە بېقىش چەللىسى) ھەربىر قەۋىتىگە بورا سېلىپ داسلاردىكى يېتىلگەن قۇرتلار سۇجەككە يۆتكىلىدۇ. غازاڭ يەنىلا دەرىجىسىگە قاراپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار پىلە باقىدىغان ئۆينىڭ ۋە پىلە باققۇچىلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدا پىلە بېقىشتا رىئايە قىلىدىغان مۇنداق تۈزۈملەر يولغا قويۇلغان:
① ئۇيغۇرلار پىلەخانىغا ناپاك كىشىلەر، ئاغرىغان ئاياللارنى كىرگۈزمەيدۇ. پىلەخانىدا ناشايان ئىش، ھەتتا تاماكا چېكىش، ئىس - تۈتەك تارقىلىشقا يول قويمايدۇ.

② چاڭ - توزانلىق يوپۇرماق ۋە قىغ، ئەخلەت ئالغان سېۋەتكە يوپۇرماقنى پىلىگە بەرمەيدۇ.

③ كېچە - كۈندۈز پىلە يېنىدىن ئايرىلماي پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە ھاۋا ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ.

④ پىلە باقىدىغان ئۆيگە مۇناسىۋەتسىز غەيرىي كىشىلەرنىڭ كىرىپ - چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

⑤ پىلەخانىغا پات - پات ئىسرىق سېلىنىدۇ.

پىلە قۇرتى يېتىلگەندە، ھەرىكەت دائىرىسى ئاشىدۇ. بۇ چاغدا پىلە قۇرتىغا قامغاق سېلىپ بېرىدۇ. قۇرتلار قامغاققا يامىشىپ يىپەك - غوزا يۆگەيدۇ. غوزا يۆگەپ بولغان قۇرت تېپىرلايدۇ ۋە غوزىنى تېشىپ چىقىپ ئۇرۇقلايدۇ، پىلىچىلار غوزىنى ئېلىپ قۇرۇتىدۇ. پىلە قۇرتىنى پاكىز خالتىغا دەرىجىسى بويىچە سېلىپ كېلەر يىلغا ساقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ پىلە ئۇرۇقى يىپەككە ئايلانغۇچە بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ئەمگەك جەريانلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ.

ئۇيغۇرلارداجۇۋازچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ جۇۋازچىلىقى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شەكلى ئاددىي، تەننەرخى ئەرزان، مېيى سۈپەتلىك.

جۇۋازچىلىق سايمانلىرى: ئاددىيغىنا بىر ئېغىز ئۆي، گۇندا، باچكا، قايچا، ئوق، لەنگەر، بوڭ، چۈلۈك، پوتلا بويۇنتۇرۇق، ياغ ئېلىش قاچىسى، تېڭىق ئۈچۈن ئارقان، قايچا ياغاچ كۆتىكىگە ئىلىپ قويىدىغان تاش، ياغ ساقلاش ئۈچۈن تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە (تۇلۇم)، چاۋا (مايلىق كۈنجۈرە يۇڭ قېتىلمىسىدىن ياسالغان كوزا) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، جۇۋازنىڭ ئاساسىي سايمانلىرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ.

جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى: بىر مېتردىن ئېگىز قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئۈستى كەڭ، ئاستى تەرەپ تار قىلىنىپ ئويۇق ئويۇلۇپ ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغزى كىچىك، قورسىقى يوغان (تۈكۈرۈك قاچىسى شەكلىدە) ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى بىر تەرىپى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ياغ تۇڭى قويۇش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچا شەكلىدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياساپ گۇندىغا ئاچىنى تىرەپ قويىدۇ. ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرەپنى ياپىلاق قىلىپ ئوتتۇرىسىغا بىر ئويۇق ئويۇپ، ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتايدىغان ياغاچنى تىك بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا ئېچىلغان تۆشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ (ئۇنى پوتلا دەپ ئاتايدۇ). قىلچاڭ ئۇچىغا بۆك دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ ئويمىنى يىپ ئارقان بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزىدۇ. ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى گۇندىدىكى باچكىغا، يۇقىرىقى ئۇچىنى چوتلا ياغاچقا تېڭىپ قويۇلغان ياغاچ ئويما - بۆك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا (ئاچا) ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۈندىنى ئارىغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئات ياكى كالا قوشۇلىدۇ (جۇۋازغا كۆپرەك كالا قوشۇلىدۇ).

ماي چىقىرىش ئۇسۇلى: ماي چۈشىدىغان باچكا ئىچىگە مايلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئېلىپ قويىدۇ. تاش ئېغىرلىقى چوڭ تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قىرىق بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ. كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىتنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ. ئوق تاشنىڭ ئېغىرلىق بېسىمى بىلەن چىگىتنى يانجىيدۇ. چىگىت كۈنجۈرىگە ئايلانغاندامايلىق دان سېلىنىدۇ. جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، ئوق ئاستىدا دان يانجىلىدۇ. دان يانجىلىپ بولغاندا، چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق داندىن ماي تامىدۇ. دان ۋە چىغ يانجىلىپ بولغاندا گۇندا ئىچىدە بىر قاتماللىق پەيدا بولىدۇ، بۇنى جۇۋازچى بوشىتىۋېلىپ پارچىلاپ، ئايلانما ئوق ئاستىغا باسىدۇ. بۇ چاغدا دەسلەپ جۇۋازچى قولى مايلىشىدۇ. ماي پىشقاندا، قول قۇرۇقلىشىدۇ. جۇۋازچى بۇنىڭدىن ماينىڭ ئېلىنىپ بولغانلىقىنى بىلىپ جۇۋازنى توختىتىدۇ.

ماي ئېلىپ ساقلاش ئۇسۇلى: بىر جۇۋاز كۈنىگە بىر قېتىم ئۇلاغ ئالماشتۇرۇش بىلەن ئون - ئون ئىككى كىلوگرام ماي ئالىدۇ. پىشقان ماينى بەزىلەر ئوقنى چ ىقىرىۋېتىپ باچكىدىن سۈزۈۋالىدۇ. بەزىلەر گۇندا ئاستىدىكى ئويۇققا قويۇلغان ماي قاچىسىغا، باچكا ئاستىدىكى ماي چۈشۈش تۆشۈكىدىن چۈشۈرۈپ ئالىدۇ. جۇۋازدا ھەيدەلگەن ماي «پىششىق ماي» دېيىلىپ، ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. جۇۋاز ھەم كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ياغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ھەم ھايۋانلارنى بورداش ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك يەم - خەشەك بولغان كۈنجۈرە تەييارلايدۇ.

جۇۋازغا قاتىدىغان چارپايلار كەچكىچە جۇۋاز ئوقىنى مەركەز قىلىپ، بۇ يولدا ئايلىنىۋېرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇنىڭ كۆزىنى لاتا بىلەن باغلاپ قويىدۇ.


ئۇيغۇرلاردا تۆمۈرچىلىك

ئۇيغۇر خەلقىدىكى تۆمۈرچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن.

ئۇيغۇرلار تۆمۈرچىلىكنى ئاق ئىش، قارا ئىش دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. پىچاقچىلىق، ئۇستىرا، قىلىچ، قايچا، قىڭراق، رەندە تىغى، ھەرە تىغى، ئىسكىنە، ئۈشكە، كەكە، پالتا، ئىكەك، دەرەش، قۇلۇپ، قاغىتۇمشۇق، ئىشك زەنجىرى، ئوۋ مىلتىقى، تۈنىكسازلىق، مىسكەرلىك، زەرگەرلىك ئەسۋابلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئون ئۈچ خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر تۆمۈرچىلىكتىكى ئاق ئىش تۈرىگە كىرىدۇ.

كەتمەن، كۈرەك، ئوغاق، بولقا، بازغان، لوم، ئات تاقىسى، نال، مىخ، قاماق (ماخاڭ)، كويزا - كىشەن، قاپقان، چوڭ دەرۋازا زەنجىرى، ھالقا، ھارۋا - مەپە، ئات ئېگەر - جابدۇق، تۈگمەن، جۇۋاز، سوقما، توسما، قۇرۇلۇش سايمانلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئاتمىش خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر قارا ئىش تۈرىگە كىرىدۇ. يەنە ئۇيغۇرلاردا مەزكۇر ئىشلارنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى بولىدۇ. پىچاقچىلىق، كەتمەنچىلىك، قۇلۇپسازلىق، تۈنىكىسازلىق، مىسكەرلىك، تاقىچىلىق قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھۈنەر - كەسىپ بولۇپ، ئۇلار يەنە ئۆز سەنئىتىنى جارى قىلدۇرۇش يولىدا باشقا كەسىپلەرنى قوشۇمچە ئىشلەيدۇ.

يۇقىرىقى كەسىپلەرنىڭ ئايرىمىسى بولسىمۇ، ئىشلىتىش سايمانلىرى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن، ئوچاق، كۆمۈر، كۆيەك، بولقا، بازغان، سەندەل، قايچا، قىسقۇچ، ئېكەك، داغمال، تۆمۈر ئۈشكە، كەپشەر، دانىكا، سەركول قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلار تۆمۈر بىلەن ئىشلىنىدىغان ھەر قايسى ھۈنەرلەرگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈرنى تۆمۈرگە، پولاتنى تۆمۈرگە قوشۇپ كەپشەرلەشكە ماھىر، ئۇلار تىغ تىپىدىكى پىچاق، قىلىچ، قىڭراق، كەتمەن، ئورغاق قاتارلىقلارنىڭ دەستىسىنى تۆمۈردىن، تىغىنى پولاتتىن ياسايدۇ. يەنى كېسىلىدىغان تىغ تەرىپىگە پولاتتىن ياسايدۇ. يەنى كېسىلىدىغان تىغ تەرىپىگە پولاتتىن گاڭ باغلايدۇ. ئۇيغۇر ئۇستىلار ئىشلەتكەن دانىكا بىلەن كەپشەرلەش ئۆزىگە خاس يېڭى مىللىي كەشپىيات.

ئۇيغۇر تۆمۈرچىلىرى ھەر قانداق ئەسۋاب ياسىغاندا كۆز چېنى - مۆلچەر بىلەن ياسايدۇ، قېلىپ، ئەندىزە ئىشلەتمەيدۇ.

ئۇيغۇر ئۇستىلار تۆمۈرچىلىكتىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئەزەلدىن توغراق، قارىغاي كۆمۈرلىرى ئىشلىتىدۇ (ھازىر كوكس ئىشلىتىش رەسمىيلەشتى).

ئۇيغۇرلاردا سىرچىلىق

ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان بۇددا دىنىنىڭ بىر مۇنچە ئىزلىرىدىن قارىغاندا، مەسىلەن، بايدىكى قىزىل غارلىرى، كۇچادىكى قۇمتورا، سىم - سىم، قىز قالغان (قىزقاغا)، مازار باغ غارلىرى، قارا شەھەر شىكشىن مىڭئۆي ۋە غارلىرى، تۇرپاندىكى بېزەكلىك، سىڭگىم ئېغىزىدىكى ئىبادەتخانا، تۇيۇق غارلىرى، دۇنخۇاڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى رەڭلىك ھەيكەل (بۇت)، ھەر خىل رەڭلىك سۈرەتلەر، سىرلانغان تام تورۇس، تۈۋرۈك، لىملار ۋە باشقىلاردىن قارىغاندا ئۇيغۇر سىرچىلىق تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئۆز زامانىسىدا كامالەتكە يەتكەن. تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ساماۋىي خانغا تەقلىد قىلىنغان رەڭلىك ياغاچ قورچاق بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بىباھا سەنئىتى.

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ھەر خىل كاھىشلار، ئويمىلار، ياغاچ تۈۋرۈكلەر، رېشاتكىلار، ۋاسا جۈپ، لىم جەگە، ھاراق پەرمانلىرىغا ئويۇلغان نەقىشلەر، مېۋە - چېۋە شەكلى چۈشۈرۈلگەن قاپارتما ئويمىلارنىڭ ھەممىسى ۋە باشقا ئۆي جاھازلىرى ئۇيغۇر سىرچىلىرىنىڭ كارامىتى بىلەن گۈزەل تۈس ئالغان. سىز ھەر قايسى مەسچىت، مەدرىس، مازار، قەدىمكى ئىمارەتلەر ۋە ئائىلە بىنالىرىنىڭ تام - تۇرۇس، لىم - جەگەلىرىگە قارىسىڭىز، سىر بىلەن بېزەلگەن بېزەكلەرنى كۆرىسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر سىرچىلىقىنىڭ كارامىتى.

ئۇيغۇرلار سىرنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى - سىر تېشى، بۇ خىل تاش قاراڭغۇ تاغ ئېتىكىدىكى لاداق سايلىرىدا بولۇپ، ئاتچىلار ھەر قېتىم چەت ئەلدىن قايتقاندا ئالغاچ كېلىپ ساتىدۇ، يەنە زىغىر مېيى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭ ۋە ھەر خىل رەڭلەر. زۆرۈر تېپىلغاندا، چەتنىڭ تاش رەڭ دېگەن ماتېرىيالنى ئىشلىتىدۇ.

سىر ئىشلەش ئۇسۇلى: سىر تېشىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ زىغىر مېيى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا ئۇزۇن قاينىتىپ خۇرۇچ تەييارلايدۇ. ئاندىن قايسى خىل سىر لازىم بولسا، تەييارلانغان خۇرۇچقا شۇ خىلدىكى رەڭنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسايدۇ. سىر بىلەن سىرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېڭى تۈرلەر (رەڭلەر) پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان گىل (تاغدىن قېزىلىدىغان جىگەرەڭ سېغىز تاش) دىن قىزىل، ئات باغرى رەڭلەر ياسايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى سىرچىلىق ئوتتۇزىنچى يىللارغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر يېڭى زامان سەنئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر سىرچىلىقى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سىر تەييارلاش ئۇسۇلىدىن تارتىپ، سىرلاش، نەقىش ۋە كاھىشلارنى ئويۇشقىچە بولغان بارلىق جەريانلار يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

ئالتۇن ھەل تەييارلاش ۋە ھەل بېرىش سەنئىتىمۇ ئۇيغۇر سىرچىلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

ئۇيغۇرلاردا تاقىچىلىق

تاقىچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئاتنى قولغا كۆندۈرۈش دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى«ئات يۈك كۆتۈرىدۇ، تاقا ئاتنى كۆتۈرىدۇ» دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى. بولۇپمۇ قاتناش - سودا ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تاقىچىلىق كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تاقىچىلىق بىر خىل كەسىپكە ئايلىنىپ تۆمۈرچىلىكتىن ئايرىلىپ چىقتى.

تاقىچىلىقنىڭ سايمىنى ئاساسەن، ئوچاق، كۆيەك، قىسقاچ، بولقا، بازغان، سەندەل، قەلەم، سۈنبە سومتىراچ، ئاتنىڭ تاقىسىنى شىلىدىغان ئۇستىرا، دار، ئارغامچا قاتارلىقلار. ئۇلار مۇشۇ سايمانلار بىلەن تاقا ياسايدۇ ۋە ئات - ئۇلاغ تاقىلايدۇ.

ھايۋانات تۈرىگە، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە يولغا قاراپ تاقىنىڭ تۈرى بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئات، قېچىر، ئېشەك، بۇغا تاقىسى قاتارلىقلار. تاقا يەنە تاشلىق يول، توپىلىق يول، مۇز يولغا قاراپ ئايرىم سوقۇلىدۇ.

تاشلىق يول (ئۇزۇن يول) تاقىسىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئۈچ يۈز گرام تۆمۈر ئىشلىتىپ قېلىن سوقۇلسا، توپىلىق يول ئۈچۈن ئىككى گرام تۆمۈر ئىشلىتىپ سىپتە سوقۇلىدۇ. مۇزلۇق يول تاقىسى مىخلىق بولىدۇ.

ياسىلىشى: تۆمۈر ئۆلچەملىك كېسىلىپ، قىزىتىلىپ ئىككى بېشىغا زەي (مىخ ئورنى) تارتىلىپ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچتىن تۆشۈك ئېچىپ قاتىنى ئېگىدۇ. تۆمۈرنى قىزىتىپ ئۇچىنى ئۇچلۇق قىلىپ سوزۇپ كېسىپ، قېلىپقا سېلىپ، بىر تەرىپىگە باش چىقىرىپ تاقا مىخى ياسايدۇ.

تاقا قېقىش: ئۇچ تال ياغاچتىن ياسالغان دار ئىچىگە ئاتنى ئۇزۇنىغا تۇرغۇزۇپ، ئارقان باغلاپ قولتۇق ۋە تېقىم ئارىلىقىدىن دارغا باغلاپ، ئارقان ئۇچىنى دار قوزۇقىغا باغلاپ قوڭيىدۇ. ئاندىن تاقىلايدىغان پۇتنىڭ تۇياق ئۈستىدىن ئارقان بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سوتىراچ بىلەن تۇياقنى ياساپ تاقىنى قويۇپ مىخلاپ، تۇۋاق چۆرىسىنى تاقا يۈزىگە جىپسىلاپ ياسايدۇ.

ئۇيغۇر تاقىچىلىرى يالغۇزلا تاقا ياساش، تاقىلاش بىلەن بولماي، بەلكى ھايۋانات دوختۇرلۇقىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ئۇلاغلاردا بولىدىغان چاشقان يارىسى، ئالىقاراق، تۇياق يېرىلىش، يىرىڭداش، ھەر خىل سۇلۇق يېغىر، جۆجەي ۋە باشقا جاراھەتلەر، ئۆسمىلەرنى ئۇيغۇر تاقىچىلىرى يەرلىك ئۇسۇل، يەرلىك دورىلار بىلەن داۋالايدۇ ۋە ئوپېراتسىيە قىلىدۇ.

تەجرىبىلىك تاقىچىلار ھايۋانلارنىڭ يۈرۈش، تىنىش ئەھۋالىغا قاراپ كېسەللىكى ۋە بولغۇسى كېسەللىكلىرىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئېشەكمۇ ئاتقا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش قورالى. شۇڭا تاقىچىلىقنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى ئېشەك تاقىلاش بولۇپ، ئۇنىڭ جەريانلىرى ئاتنى تاقىلاشقا ئوخشىشىدۇ.

سەندەل

سەندەل - ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە ئاياغنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى بىر چېتىگە ئۈستى يۈزى يېرىم كۋادرات مېتر، ئېگىزلىكى يېرىم مېتر كېلىدىغان تۆت پۇتلۇق بىر شىرە قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا چويۇن، تۆمۈر ياكى مىستىن ياسالغان چوغدان (سەندەل) قويۇلىدۇ. چوغدانغا كۆيدۈرۈلۈپ ئىسى قالمىغان ئوتۇن كۆمۈرنىڭ ياكى ئىسسىز كۆمۈرنىڭ چوغى ئېلىنىدۇ. شىرە پاختىلىق كۆرپە ياكى يوتقان بىلەن پۈركەپ قويۇلىدۇ. پۇت - قولىنى ئىسسىتماقچى بولغان ئادەملەر پۇتىنى شىرە ئاستىغا تىقىپ ئولتۇرۇپ ئىسسىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يارۇ بۇرادەرلەر يىغىلىپ سەندەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ھەنسۆھبەتتە بولىدۇ، كىتابخانلىق قىلىشىدۇ. بەزىدە يەنە شىرە ئۈستىگە داستىخان سېلىپ چاي ئىچىشىدۇ. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرى ئاياغ تەرەپنى سەندەلنىڭ ئاغزىغا قارىتىپ ئورۇن تەييارلاپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ. سەندەلنىڭ ئۈستىگە بوۋاق بالىلارنىڭ بۆشۈك كۆرپىلىرى يېيىلىپ، ئىسسىغاندا كۆرپىنى بۆشۈككە سېلىپ بوۋاقنى بۆلىسە، بالا تولىمۇ راھەت ھېس قىلىدۇ. سەندەلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چوغدان قىسمى ئادەتتە چوڭقۇرراق بولۇپ، تۆت ئەتراپى يەر يۈزىدىن ئۈچ - تۆت سانتىمېتر ئېگىزرەك ياسىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق

ھۈنەر - سەنئەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولىدىكى سودا - ئالاقىسىنىڭ مۇھىم نىشانىغا جايلاشقان. ئۇلار بۇ مۇنبەت زېمىندا سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ، تاۋار، دۇردۇن، كىمخاب، شايى - ئەتلەس، بەقەسەم، ماتا - چەكمەنلەرنى توقۇپ، يىپەڭ يولى سودىسىنى جانلاندۇرغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەتمىش - سەكسەن يىللار ئىلگىرى يەكەن، خوتەن، قەشقەر ئۇستىلىرى توقۇغان، تەيتىللا، كىمخاب، ئاق كالۋۇتۇن، سېرىق كالۋۇتۇنلۇق زەرباب رەختلەر چەت ئەلگە ئېكىسپورت قىلىنغان، كېيىنكى ۋاقىتتا ھاكىمىيەت زوراۋانلىقى، شاگىرت تەربىيىلىمەسلىك نەتىجىسىدە ئۇستىلارنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، بۇ كەسىپ ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتنىڭ كىمخاب، تەيتىللالىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق رايونلار يىپەكچىلىكنىڭ ئانا يۇرتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان يىپەكتىن سېرىق، ئات باغرى، قىزىل ئالا، سېرىق ئالا، ئالا قاغا، قارا قاتارلىق كۆپ خىللىق ئەتلەس، تۆمۈررەڭ، يېشىل، يېشىل ئالاقاغا، مۈجەت قاتارلىق يىگىرمە نەچچچە خىل بەقەسەم، ئاق، سېرىق، ئەت رەڭ، قارا، پورەڭ شايى، قوش يىپلىق چەكمەن شايى قاتارلىق رەختلەر، يىپەك گىلەم، جايناماز، مېھراب ياپقۇ، ئاياللار ياغلىقى، چۈمپەردە، پەرىجە، ھەتتا ئەگلەك شايىلارنى توقۇغان.

پاختىدىن ھەرخىل كاتەكچە، ھەيرانى ۋە ئانارگۈلى، ئالما گۈلى، يۇلغۇن چېچىكى، توز قۇيرۇقى، يېشىل، نىل رەڭ تولىما، شاتاۋا، ئاق قىرغاق سىماۋى تېرىكە، قوش يىپلىق رەڭمۇرەڭ تېرىكە قاتارلىق يەتمىش - سەكسەن خىل گۈللۈك رەخت، كۆپ خىللىق ماتا - چەكمەن (ماتا - چەكمەن ئاق توقۇلۇپ بويىلىدۇ). ھەرخىل گۈللۈك پالاس، گۈللۈك تاغار، گۈللۈك خۇرجۇن، گۈللۈك ئىشتانباغ قاتارلىق يۈز نەچچە خىل پاختا توقۇلمىلارنى توقۇيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تولانغان يىپتىن تىۋىتلىك توقۇپ، قىزىل، قاراكۆك ياكى نىل رەڭ بىلەن بويىغان چەكمەنلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلار يۇڭ توقۇلمىچىلىققىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلار ساپ تۆگە يۇڭىدىن ۋە تىۋىت ئارىلاشتۇرۇلغان تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن (قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارىغاندا يۇڭ چەكمەننىڭ تۈرى كۆپ). تىۋىت رومال، يۇڭ پالاس، كاشا، ئات ئۇلاغلار ياپقۇسى قاتارلىق كۆپ خىللىق توقۇلمىلار ۋە يۇڭ تاغار، يۇڭ خۇرجۇن قاتارلىق ئىپتىدائىي يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇغان.

ئۇيغۇرلار بوياقچىلىققا ماھىر، ئۇلار قىزىل، نىل، قارا، قاراكۆك، زەيتۇنە، چەيزەرەڭ، شاپتۇل چېچىكى، ئانارگۈلى، خورما رەڭ، توپا رەڭ، ئەت رەڭ، توق سېرىق، تۇخۇم سېرىقى، پوررەڭ، كاۋا چېچىكى قاتارلىق كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرىنى كۆپەيتىدۇ، رەڭلەرنى تەڭشەيدۇ.

تەڭشەلگەن رەڭلەردە يىپەك، پاختا، يۇڭ رەختلەرنى بويايدۇ، مەشۇت بويايدۇ. ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرى قىزىل چەكمەن چاپان كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىك غورۇرى ھېسابلايدۇ. ۇيغۇرلارنىڭ نىل بويىقى دۇنياغا مەشھۇر. ئۇيغۇر بوياقچىلىقى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلار بوياق ئۈچۈن تۇخۇمەك، زاك، زەمچى، ئانار پوستى، يۇلغۇن چېچىكى، ئۆرۈك قوۋزىقى، ياڭاق پوستى، تۆمۈر دېتى، داشقال قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ. بۇ خىل بوياق ئەسەرلەربويى توزۇمايدۇ. ئۇيغۇرلار توقۇغان «كونا رەڭلىك گىلەم» نىڭ خەلقئارا بازاردا ئەتىۋارلىق بولۇشى، ئۇنىڭ رەڭ - بوياقلىرىنىڭ ئۆڭمەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلاردا ئىلىمچىلىك

ئۇيغۇرلاردا ئىلىمچىلىك ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈلگە بولغان خۇمارى ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىدە، ئۆي بىساتلىرىدا تولۇق ئەكىس ئەتكەن. ئېيتايلى، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ گۈل قىسىشى، گۈللۈك دوپپا كىيىشى، گۈللۈك رەختلەردىن كىيىم - كىيىشى، ئۆيلىرىگە گۈللۈك رەخىتتىن قىلىنغان زەدىۋال تارتىشى، كاڭ، سۇپىلارغا تەڭلىمات، گۈللۈك كىگىز سېلىشى، تام - تورۇسلارغا نەقىس چىقىرىشى ... بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ياستۇقلىرىغا، لىمتاق يانچۇقلىرىغا، قىز - جۇۋانلارنىڭ ئۇزۇن ئىشتانلىرىنىڭ پۇچقىقىغا ئىلمە ئېلىنغان. بوۋاقلارنىڭ ئىشتان - پايپاقلىرىغا، ھەتتا چاي خالتىسى تاماكا خالتىسى، ئۇزۇن لۆڭگىلەرگىمۇ ئىلمە ئېلىنغان. بۇرۇن ئۆتۈك ياكى مەسە ئىچىگە كىيىدىغان ئۇزۇن پايپاقلارغا، ئەرلەر بېلىگە باغلايدىغان تۆت چاسا ياغلىقلارغا ئىلمە ئېلىناتتى.

ئومۇمەن، ئىلىمچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - كەسىپ سەنئىتى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئىلىمچىلىك ئاياللارغا خاس ھۈنەر بولغاچقا، ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قىز بالىلىرىنى يەتتە ياشتىن باشلاپ قولىغا يىڭنە تۇتقۇزۇپ ئىلىمچىلىككە ئۆگىتىدۇ. ناۋادا ئىلىمچىلىكنى بىلمەيدىغان قىزلار چېلىقسا، جامائەت تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئانىسى ئەيىبلىنىدۇ. شۇڭا يىڭنە بىلەن ئويماق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى.

ئۇيغۇرلاردا چاق ۋە يىپ ئېگىرىش

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلە ئىشىدىن بوشىغاندا چاق ئېگىرىپ يىپ تولاپ ئائىلىنىڭ يىپ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار يىپ ئېگىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار بازار كۈنلىرى ھال - ئوقىتىگە يارىشا پاختا سېتىۋېلىپ ئۇنى ئېگىرىپ، يەنە بىر بازار كۈنى سېتىپ دەسمايىسىگە پاختا ئالسا، پايدىسىغا گۆش، ياغ، چاي، تۇز، سەي - كۆكتات ئېلىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ.

بەزى يۇرت - مەھەللىلەردە چاق ئېگىرىش كەسىپلەشكەن بولۇپ، توپلىشىپ چاق ئېگىرىدۇ. توپلىشىپ چاق ئېگىرىش قىزىقارلىق بولۇپ، ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن چاقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاياللارنىڭ توپ بولۇپ ئوقۇغان مۇڭلۇق ناخشىلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

ھەرقانداق بازاردە مەخسۇس يىپ بازىرى بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ بازارغا توپلىشىپ يىپ ساتىدۇ، پاختا ئالىدۇ.

چاق - چاق ياسىغۇچىلار تەرىپىدىن ياغاچتىن ياسىلىدۇ. سەكسەن سانتىمېترلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا ئەللىك سانتىمېترلىق ئىككى ياغاچنى ئون سانتىمېتر ئارىلىق قويۇپ تۇرغۇزىدۇ. يەنە بىر بېشىغا يىگىرمە سانتىمېترلىق ئىككى ياغاچنى ئارىلىقىدا يىك تۇرغۇدەك قىلىپ تۇرغۇزىدۇ. سەككىزدىن ئون ئالتە چىشلىق قىلىپ ياسالغان يۇمىلاق ئىكك چاقنى پۇزا شەكىللىك ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىپ چاقنىڭ قارىمۇ قارشى چىشىنى يىپ بىلەن ئۇدۇل تاناپ بېكىتىدۇ، بۇ تاناپ چاق بىلەن يىكنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

ئېگىرىش: ئۇچ قىلىنغان يىك ئۇچىغا پاختىنىڭ بىر ئۇچىدىن بىر غېرىچ يىپ ئېشىلىپ، يىك ئۇچىغا ئىلىپ قويۇپ ئوڭ قول بىلەن چاقنىڭ ئوقىنى ئايلاندۇرۇپ، سول قولىدا پىلتە پاختىنى سوزىدۇ. يىپ ئېشىپ غۇلاچ بولغاندا، ئوقنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئېشىلگەن يىپنى يىككە يۆگەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بىردەمدىلا يىك توشىدۇ، ئاندىن يىكتىكى يىپنى قومۇشقا چاق بىلەن ئوراپ كاللەك قىلىدۇ، قومۇش توشقاندا بازارغا ئەكېلىدۇ.

يېزىلاردا چاق ئېگىرىش بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان قوشۇمچە ھۈنەر - كەسىپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەخسۇس «چاق ئېگىرىش تاختىسى» بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقچىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە بۇ ئەمگەك تۈرىنىڭ جەريانلىرى ئوبرازلىق ئەكىس ئېتىلگەن.

ئۇيغۇرلاردا كەندىر توقۇمىچىلىقى

ئۇيغۇرلاردىكى كەندىر توقۇمچىلىقى ئەڭ ئىپتىدائىي توقۇمچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشىدىن باشلاپ ياۋا كەندىر تالالىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىم - كېچەك توقۇپ كىيگەن.«لوپنۇر كەندىرى» دەپ ئاتالغان شىنجاڭنىڭ ياۋا كەندىرى قەدىمدىن باشلاپ ناھايىتى داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ، تارىم دەرياسى بويلىرىدىن ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلاردا قول توقۇمچىلىقى تەرەققىي قىلغان مەزگىلدە، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ياۋا كەندىرلەرنى بىر مەزگىل كۆمۈپ قويۇش ئارقىلىق تالالىرىنى غولىدىن ئاجرىتىپ (بۇنداق قىلغاندا، تالالىرى پۈتۈن چىقىدىكەن)، ئۇنى شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىپ تالالىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭدا ئەڭ داڭلىق شايى - ئەتلەس، كىمخاب، زەرباپ، تەيتىللا ۋە ھەرخىل داستىخان (كاناپ داستىخان كەندىر تالاسىدا توقۇلغان)، چۈمپەردە (پەرەنجە)، ئەغۋانە قاتارلىق كەندىر رەخىتلىرىنى توقۇغان. ئادەتتىكى مالچىلار كەندىردىن زەمبىل، قوتان ئىشىكى، قاشا تام ياساشتىن باشقا يەنە، يەرلىك ئۇسۇلدا تالالىرىنى ئاجرىتىپ، پالاس كەندىر ئارغامچا قاتارلىقلارنى توقۇۋالىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كەندىر يىپ توقۇلمىلىرى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەنمەكتە.

ئۇيغۇرلاردا پۇل ۋە پۇلچىلىق

شىنجاڭنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يەرلىك پۇللىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇيۇلغان يەرلىك پۇل مىلادى Ⅰئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە ئۇدۇن دۆلىتى (ھازىرقى خوتەن) قۇيغان ئات سۈرەتلىك خوتەن پۇلىدۇر. مىلادى Ⅲ - Ⅴئەسىردىن Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا قۇيۇلغان كۆسەن پۇلى، مىلادى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە ئىشلىتىلگەن ئىدىقۇت پۇلى، مىلادىⅩئەسىردە يەنى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى بىلەن قۇرۇلغان قاراخانىلار دۆلەت پۇلى (1056 - 1057 - يىللىرى قۇيۇلغان)، مىلادىⅢⅩ-ⅩⅣ ئەسىردەئالمىلىقتا قۇيۇلغان چاغاتاي خانىنىڭ كۈمۈش پۇلى (بۇ پۇلنىڭ بىر يۈزىگە ھىجرىيە 727 - يىل دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن)، مىلادى 1327 - يىل دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن(، مىلادى ⅦⅩ ئەسىردە ياركەنت )ھازىرقى يەكەن( دە قۇيۇلغان مىس پۇل، 1760 - يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەندە قۇيۇلغان. بىر يۈزىگە «چىيەنلۇڭ تۇڭچاۋ»، يەنە بىر يۈزىگە ئۇيغۇرچە «يەركىم، يەركەنت» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مىس پۇل،19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىلى كۇچا پادىشاھى راشىدىن خان غوجا ئۇيغۇر يېزىقىدا «سەيدى غازى راشىدىن خان»، «پايتەخت كۇچادا قۇيۇلدى» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مىس پۇل ۋە ئالتۇن پۇل، مىلادى 1917 - يىلى ياڭ زېڭشىن تارقاتقان ئۆلكە ۋە قەشقەر پۇلى (قەغەز پۇل)، تاشئاخۇنۇم كۈمۈش تەڭگە، 1925 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە مۇسا بايوۋلار غۇلجىدا قۇيدۇرغان «مۇسا بايوۋ» ناملىق ئەللىك سەرلىك كۈمۈش يامبۇ، 9351 - يىلى شېڭ شىسەي تارقاتقان ئەللىك سەرلىك قەغەز پۇل (ئۆلكە پۇلى)، 1939 - يىلى ماۋزېمىن تارقاتقان ئۆلكە (قەغەز) پۇلى، 1943 - يىلىدىن 1949 - يىلى كۈزگىچە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ پۇل ئىدارىسى تارقاتقان ھەرخىل قەغەز پۇل ۋە بىريۈەنلىك تەڭگە، 1974 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تارقاتقان قەغەز پۇل قاتارلىق يەرلىك پۇللار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ پۇلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلاردا پىچاقچىلىق

يېڭسار پىچىقى - ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي قول ھۈنەر - سەنئىتى بۇيۇملىرى ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەسلىدە يېڭسارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجادىيىتى بولغاچقا، شۇ جاينىڭ نامىغا ماس ھالدا «يېڭسار پىچىقى» دەپ ئاتالغان. دەرۋەقە، تارىم بوستانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يېڭسار ناھىيىسىدە پىچاق ياساش ھۈنەر كەسپى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان. بۇ يەردە ئىشلەنگەن يېڭسار پىچىقىنىڭ تۈرلىرى يىگىرمە خىلدىن ئاشىدۇ. 1987 - يىلى مەملىكەت بويىچە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا، يېڭسار پىچىقى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۈگۈنكى يېڭسار پىچىقى بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى يېڭسار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراباش يېزىسىلىق داڭلىق ئۇستا مۇھەممەد قۇلاخۇن نامى بىلەن ھەممە ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان.

يېڭسار پىچىقى ياسىلىش شەكلى جەھەتتىن نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، ئىشلىتىشكە ناھايىتى قولاي، يېڭسار پىچىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن:

بىرىنچى، يېڭسار پىچىقىنىڭ تىغى ئۈچۈن سۈپەتلىك پولات تاللىنىدۇ. تاللانغان پولات ماتېرىيالىنى پىچاقچى ئۇستام يۈكسەك ماھارەت بىلەن قايتا - قايتا سۇغىرىپ ھەم داتلاشمايدىغان، ھەم تىغى گاللاشمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچى، ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ، پىچاقنىڭ بىسى ۋە سېپى ھەر خىل شەكىللىك ياسىلىدۇ. ھەر بىر تۈرىنىڭ خاس نامى بولىدۇ. مەسىلەن، قوش بىسلىق پىچاق، خەنجەر نۇسخىلىق پىچاق، قاسساپ پىچىقى، تۆشۈك پىچىقى (ئائىلە پىچىقى)، يان پىچىقى (يانغا ئاسىدىغان پىچاق)، كۆرگەزمە پىچىقى (سەنئەت بۇيۇمى) قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېستېتىك تەلىپىگە ماس ھالدا ياسىلىدىغان پىچاقلارمۇ بار.

ئۈچىنچى، يېڭسار پىچىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىغ قىسىمىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، سېپىغا يېڭسار پىچىقىنىڭ سېپى ئۈچۈن ئاساسلىقى - ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ۋە سۆڭەكلىرى، مىس، كۈمۈش، قاشتېشى، مەرۋايىت قاتارلىق ئەتىۋارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خام ئەشيالار ئىنچىكە ھۈنەر ئارقىلىق بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈپ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان گۈزەل - سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ھەتتا تىغ قىسمىغىمۇ مىس ياكى ئالتۇن ھەللىك مېتالدىن بىر نەچچە تال خال قويۇلۇپ، تىغ بىلەن ساپنىڭ تۇتاشقان يېرىگە ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە «يېڭىسار» دېگەن خەت ئويۇلىدۇ. بۇ يېڭىسار پىچىقىنىڭ ماركىسى ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، يېڭىسار پىچىقىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان غىلاپ ياسىلىدۇ. غىلاپسىز يېڭىسار پىچىقى بولمايدۇ. بۇ غىلاپلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەرخىل رەڭلىك كالا خۇرۇمىدىن قاتۇرما قىلىپ ياسىلىدۇ. يەنە بەزى غىلاپلار مىس ياكى ئاليۇمىندىن ئىشلىنىپ، يۈزىگە ھەرخىل نەقىش ئويۇلىدۇ. خۇرۇم ياكى كۆندىن ياسالغان غىلاپلارنىڭ ھەممىسىگە بويتاسما بېكىتىلىدۇ.

پىچاق قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە ئەر - يىگىتلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدىغان «قورالى»بولۇپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىنى بەلباغ بىلەن باغلاش ئادىتىمۇ پىچاقنى يانغا ئېسىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان، قىسقىسى، پىچاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى يانغا ئېسىپ يۈرۈش، پىچاقنى ئەرلىك جاسارىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ بىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بالىنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە سالغاندا، ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا، ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا پىچاق قويۇپ قويىدىغان ئادەتلەر، قەسەم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، پىچاقنى يەرگە سانجىپ قويۇپ، ئۇنى «گۇۋاھچى»قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەر پەيدا بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىراقتىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە «يېڭىسار پىچىقى» نى تەقدىم قىلىش ئادىتى بار. دېمەك، يېڭىسار پىچىقى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا، ئۇ يالغۇز تۇرمۇش قورالى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بىرخىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە مىللىي قول سانائەت تەرەققىياتىمىزنى نامايان قىلماقتا.

مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
[ بۇ يازماتۇزتەرپىدىن2009-05-02 00:27دە قايتا تەھرىر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 06:36 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

140
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مول بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىۋاتىسىز ، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت ، باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى نادىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 21:19 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 816
شۆھرىتى: 8695 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9785 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 901 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كونۇپكا تاختىسىنى باسقانلارنىڭ ئەمەىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ خان.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 10:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇنى باسقان ئادەم سىزغۇ دەيمەن ھە
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-05 22:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » سودا رايۇنى,ئېلىم-سېتىم ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/