oznur.cn abduheni
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خەلقىمىز شانلىق مەدەنىيەت دۇردانىلىرىگە ئىگە خەلق. قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز سەنئەتلىك قىممىتى، نەپىسلىكى، كۆركەملىكى جەھەتلىرىدىن ئەل ئارىسىدا داڭلىق. پىچاقچىلىقىمىز، جۈملىدىن يېڭىسار پىچاقچىلىقى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر.

  ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› ئۇ بارلىققا كەلگەن جاي يېڭىسار بىلەن ناملانغان. يېڭىسار دىيارىمىزدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك كامال تاپقان سەنئەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پىچاقچىلىق بۇ يۇرتتا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› شەكلىنىڭ كۆركەملىكى، نەپىسلىكى، ئۆتكۈرلۈكى بىلەن داڭلىق بولۇپ، 1987  –  يىلى ساياھەت قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا مەملىكەت بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

  ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› نىڭ نەقىش تۈرى كۆپ. ئاساسلىقى، ھىلال، ئانار، قاپاق، بادام، ھەرخىل گۈل –  گىياھ ۋە گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر بولۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە.

  ئادەتتە بۇنداق پىچاقلارغا ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلمەيدۇ. بەكە –  پىچاقلارنى نەقىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتە بىرىنچىدىن، بەكە –  پىچاقلارنى كۆركەملەشتۈرۈش، ئىككىنچىدىن، بەكە –  پىچاقنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش، ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ سەنئەتلىك، ساقلاش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئاساسلىقى، خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىككە ھېرىسمەنلىكى، سەنئەتخۇمارلىقىنىڭ شاھىتى. نەقىشسىز، سىدام بەكە – پىچاق بىلەن كۆركەم نەقىشلەنگەن بەكە – پىچاقنىڭ تەننەرخى، ساقلاش قىممىتىدە پەرق زور بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ياقۇت، قاشتېشى، كۈمۈش قاتارلىق ئېسىل ماتېرىياللار بىلەن كۆركەم، نەپىس نەقىشلەنگەن بەكە – پىچاقلارنىڭ تەننەرخىدىن كۆرە سەنئەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

  ئادەتتە بۇ يۇرتتىن چىققان بەكە –  پىچاقلارغا ‹‹يېڭىسار›› دېگەن خەتلەر ئۇيۇلىدۇ. بۇ، ماھىيەتتە، ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› نىڭ نوپۇزلۇق ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹يېڭىسار پىچىقى››نىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار. بۇلاردىن بىرى مۇنداق: بۇ ئەسلى تۇپرىقى ناچار، خەلقى نامرات جاي بولۇپ، بۇ جايدىكىلەرگە تەڭرىنىڭ رەھىمى كېلىپ، بىر ھۈنەرۋەنگە پىچاق ياساپ سېتىپ، شۇ يەردىكىلەرنىڭ ھال – كۈنىنى ياخشىلاشنى بۇيرۇپتۇ. ھۈنەرۋەن تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى دەرھال بەجا كەلتۈرۈپتۇ ۋە نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدىكىلەرنىڭ ئىش – ئوقىتى گۈللىنىپ، داڭقى يېقىن – يىراققا تارقاپ، ئەسلىدىكى ئۈنۈمسىز، نامرات تۇپراقتا يېڭى بىر شەھەر بىنا بولۇپتۇ... بۈگۈنكى گۈللەنگەن يېڭىسارنىڭ نامى ئەنە شۇ ‹‹يېڭى شەھەر››دىن كەلگەن ھەم پىچاقچىلىق يېڭىسارلىقلارغا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تەۋەررۈك ئۇدۇم كەسىپ بولغان ئىكەن. خۇلاسە كالام، رىۋايەتلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆركەم، جەلىپكار دوپپىلىرىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېۋەر قوللىرىنىڭ مەھسۇلى بولغىنىدەك، بەكە –  پىچاقلىرىمىز ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى، شۇنداقلا ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ بىباھا ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ.



مەنبە ياشلار
[ بۇ يازماnuzugumتەرپىدىن2011-01-03 07:41دە قايتا تە ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 06:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

140
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ ھەمىمىزنىڭ بىردىن ئىككىگىچە پىچىقىمىز بار ، بەك نوچى ، سىپتا ئىشلەنگەنكەن ، رەھمەت
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 21:16 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 644
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 346(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يىڭىسا پىچىقى بەكلا چىرايلىق بىزىلشى،مەندىما بىرسى بار يىنىمدىن ئايرىمايمەن
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 00:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن دىمۇ بار
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-03 07:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » سودا رايۇنى,ئېلىم-سېتىم ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/