ئىستانبۇلدا 13 - سېنتەبىردىن 13 - ئۆكتەبىرگىچە بىر ئاي داۋام قىلماقچى بولغان مىللەتلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل سەنئەت بويۇملىرى ۋە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خوتەن قەغىزىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ئىستانبۇلدا داۋام قىلىۋاتقان مەزكۇر خەلقئارالىق يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ، تۈركىيىدىكى داڭلىق ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەرمەنكىدە ھەم باشقا مەدەنىيەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىغان.
"خوتەن قەغىزى" ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى، ئەمما دەۋرىمىزدە خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي ھۈنەرنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا قالدى. خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى بۇددا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 80 ياشتىن ھالقىغان توختى باقى ، ئەنە شۇ تەۋەرۈك ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن 10 - ئەۋلاد خوتەن قەغىزى ئۇستىسى ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر بۇ كىشىنى خوتەن قەغىزىنى ياسىيالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاد بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەجىبا بۇ بوۋايدىن كېيىن خوتەن قەغىزى ياسىيالايدىغان كىشى تېپىلماسمۇ ؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار خوتەن قەغىزىدىن ئىبارەت نەچچە مىڭ يىللار ساقلىنىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ؟
قىممەتلىك مىراس - خوتەن قەغىزى
ئۈژمە قوۋزاقلىرى قاتارلىق پۈتۈنلەي تەبئىي خام ئەشيالارنى ئاساسلىق ماتېرىيال
قىلىپ قەدىمىي ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان خوتەن قەغىزى،ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى، خوتەن قەغىزى ئاسانلىقچە يىرتىلمايدۇ ، چىرىمايدۇ ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، قاتلىشىپ كەتسىمۇ تۈزلەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ،كۈن نۇرى ياكى نەملىكتىن ئۆزگەرمەيدۇ، رەڭگى ئاق سۈپەتلىك بولۇپ قاش تېشى سۈركەپ پاتلانغاندىن كېيىن يۈزى سىلىقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق قەلەم بىلەن خەت ياكى رەسىم سىزغاندا رەڭ يېيىلمايدىغان ، ئۇزاق يىللارغىچە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىدە خوتەن قەغىزىنى ،خەت -چەك، دىنىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىش، ۋەسىقىلەرنى يېزىشقا ئوخشاش مەتبەدە ئىشلەتكەندىن سىرت ، كىيىم كېچەك، دوپپا تىكىشتە قاتۇرما قىلىش ھەم مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ،قەن- ناۋات ، تاتلىق گېزەكلەرنى ئوراش، ئىشىك ، دېرىزە كۈزنەكلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا چاپلاپ توپا - چاڭدىن ساقلىنىش ...قاتارلىق ھەر ساھەلەردە كەڭ قوللانغان.
شۇ ۋەجىدىن خوتەن قەغىزى يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە ، مەشھۇر بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ،گەرچە ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كەڭ قوللىنىلغان قەغەز بولسىمۇ ، بىراق ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان ھەمدە بارغانچە تار دائىرىدە قوللىنىلىدىغان بىر خىل يەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بويۇم بولۇپ خوتەننى مەركەز قىلىپ ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.
يىراق يېزىدىكى داڭلىق ھۈنەرۋەن
2002 - يىلى ئامېرىكا سىمىتسونىيون مۇزىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئويۇشتۇرغان يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا ،خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدىن كەلگەن بېشىغا چىرايلىق گۈللۈك دوپپا كىيگەن 80 ياشلاردىكى بىر بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي چاققانلىق بىلەن شاخ - شۇمبا ، قەدىمىي ، ئىپتىدائىي ئەسۋابلار بىلەن بىر دەمدىلا ئۆزگىچە قەغەز ۋاراقچىلىرىنى ياساپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى كۆرسىتىشى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى. مانا بۇ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزا بۇددا كەنتىدە ياشاپ ،خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونىنچى ئەۋلاد ، خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقى ئاكا ئىدى.
شۇندىن كېيىن خوتەن قەغىزى بارغانچە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەخسۇس خوتەن قەغىزى ئۈستىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەزچىلىك مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلار خوتەننىڭ يىراق يېزىلىرىنى ئارىلاپ ، دەۋرىمىزدىكى ئاخىرقى ئەۋلاد قەغەز ئۇستىسى توختى باقىنى ئىزدەپ سورايدىغان ئۇنىڭ ياسىغان قەغەزلىرىنى قىممەتلىك بويۇم ئورنىدا ساقلايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدا ساقلىنىپ قالغان خوتەن قەغىزى توختى ئاكىنىڭ داڭقى بىلەن تەڭ قايتا ئېتىبارغا ئېلىنىشقا باشلىدى.
ئارىدىن بەش - ئالتە يىل ئۆتتى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توختى باقىنىڭ قەغەز ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان شاگىرتنىڭ يوقلۇقى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار خوتەن قەغىزىدىن ئىبارەت مىراستىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىك گەپ سۆزلەر تارالماتقا ئىدى.
مەنبە ياشلار
[ بۇ يازماnuzugumتەرپىدىن2011-01-03 07:43دە قايتا تە ]