daris sohpat بىلىمزار توربېكىتى
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2070 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1579 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 355 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرلەرگە :  بۇرادەر ، مۇبارەك بولسۇن ! بويتاقلىق ، يالغۇزلۇققا خاتىمە بىرىپ ، كىيىنىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ يەنە بىر ھالال جۇپتى بىلەن ئۆتكۇزۇشكە بەل باغلاپ ، بۇگۇنكى خۇشناۋا سورۇننى ھازىرلىغىنڭىزنىڭ ئۆزىلا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ . مەن جاھاندا بويتاقلار ، تۇللار ، يىگانە ، ساياقلار قانچە ئازلىسىمۇ شۇنچە خوش بولغۇچىلاردىن . يالغۇز تۇرمۇش كىشنى ئوڭايلا بەربات قىلۋىتىدۇ . يەنە كىلىپ كىشنىڭ تۇرمۇشى رەتىسز، مەنىۋى دۇنياسى زىدىيەتچان ، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرىدىغان گەپ . توي ، نىكاھ ۋە ئايال ھەرقانداق كىشنىڭ غەم غۇسسلىرگە خاتىمە بەرگۇچى خاسىيەتلىك مەرھەممەتتۇر . بۇ مەرھەممەتنىڭ ئىللىق ، ئارام بەخىش تۇيغۇلىرى تويلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىلا ئەمەس ، ئەل جامائەتنىمۇ ، تونۇش- بىلىش ، دوسىت -يارەنلەرنىمۇ تەبىئيلا يىقنلاشتۇرۇپ ،كىشلەر ئارسىدىكى مىھىر -مۇھەببەتنىمۇ چىڭىتىدۇ . بۇمەنىدىن بىز <<تويلار مۇبارەك >>دەپ جار سىلشقا ھەقلىقمىز .
  نىكاھتىن بۇرۇن بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغانسىرى ياكى كۆڭۇل قىزىقچلىقىدىلا ، ياشنىڭ چوڭىيپ قالغانلىقى تۇپەيلى ۋە ياكى ئاتا- ئانىڭىزنىڭ زورىدىلا بۇ تويغا يۇزلىنىپ تۇرغانسىز -دە ، <،بولغىننى كۆرەرمەن >>دەپ نىكاھنى غايىپ قاينامنىڭ دولقۇنلىرغا تاشلاپ بەرگەنسىز . ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتىئىينەزەر ، مەيلى كىلنچەكنى ياقتۇرۇڭ - ياقتۇرماڭ ،ئۇنىڭ خۇي پەيلىنى بىلىڭ -بىلمەڭ ، ئۇنىڭ بايلىقىنى ، نەسەبىنى ، چىرايىنى ياكى دىيانىتىنى دەپ ئالغان بولۇڭ ،ئۇ بەرىبىر سىزنىڭ نىكاھىڭىزغا ئۆتىدۇ .دېمەككى ھازىرغىچە يالغۇز ياشاپ كەلگەن ، بىر ئۆزڭىزنىڭىلا غىمىنى يەپ ، كەلگەن بولسىڭىز ئەمدى يەنە بىر ئىسسىق جاننىڭ غىمىنى يەپ ، گىپىنى قىلىشىڭىز كىرەك . ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلشتىن ، ئائىلىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت يەلكىڭىزگە مىنگىشىدۇ . سىز بۇنى ئەستايىدىل ئويلاندىڭىزمۇ- يوق ،بۇنىسى بىزگە ، سورۇن ئەھلىگە نامەلۇم . ئەمما بۇ مۇبارەك زىياپەتنىڭ ھەربىر داخىلى داستىجانلىرى سىزگە ، كىلنچەككە بەخىت تىلەيدۇ . كەلگۈسىڭلەرنىڭ شاتلىق ، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشنى ، نىكاھىڭلارنىڭ ھايا ، ئەخلاق ، ھۆرمەت ، ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلۇپ ، ھارامدىن ، زىنادىن ، بۇزۇقچىلىقتىن جەڭگى -جىدەلدىن يىراق تۇرۇشى ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ . يەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنگەن بىر جۈپ ئۈچۈن :<<ئاللاھ ئائىلەڭنى ساڭا مۇبارەك ئەيلسۇن ، ئۇستۇڭلارغا پەيزۇ بەركەت ياغدۇرسۇن ، ئىككىڭلارنى خەير ۋە ياخشىلىق ئۈچۈن بىر ئورۇنغا كەلتۇرسۇن >>دەپ تىلەك تىلىگەنىكەن .بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا ھەمجۆرىمىز .   نىكاھ بىر ئەركەكنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم جەريان . ئۇ سىزنى يىگتتىن ئەرگە ئۆزگەرتىدۇ . يەلكىڭىزگە بالىلىقنىڭ ساددا ھەۋەسلىرىنى،يىگىتلىكتىكى ئەركە - شوخلۇق ،تەنتەكلىكلەرنى چۆرىۋېتىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ . ئاخۇنىمنىڭ نىكاھ پەتىسىدە سورىغان سۇئالغا ناھايتى كۇچلۇك ھاياجان ۋە تەسۋىرلىگىسىز ھۇدۇقۇش ئىلكىدە :<،ئالدىم >>دەپ جاۋاب بىرۋاتقىنىڭىزدا سىز يالغۇز بىر خوتۇننى ئەمەس ، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭىدىن ئارتۇق جاننىڭ تۇرمۇش غىمىنى ، بىر ئائىلىنى ، بىر نازاكەتلىك ئايالنىڭ ئىززەت - نەپسى ، شەرىم - ھاياسىنى ، بىرلاياقەتلىك ئەر ، مەسئۇليەتچان دادىنىڭ بالا ، ئايال ، ئائىلە ،جەمىيەتتىكى بۇرچىنمۇ تەڭ زىممىڭىزگە ئالغان بولىسىز . تۇرمۇشتىن تەنتەكلىك ، بالىلىق ، يىنكلىك ، شاللاقلىق كۆتۇرلىشى كىرەك .ھەر بىر قەدەم قاتتىق ئويلۇنۇش ئاساسىدا بىسىلىشى ، بىلىڭىز چىڭ ، ئىرادىڭىز مۇستەھكەم ، مەيدىڭىز تىك بولىشى كىرەك . خوتۇن ئالغۇچىغا بولغۇچىغا بىكاردىن بىكار پوتا باغلىمايدۇ . ئىشتانباغىنى چىڭ باغلا دىگەنلىك ئەمەس ، بەلكى بېلىڭ چىڭ بەردەم ، چىدامچان ، قەتئىي بول! دىگەنلىك .
  كىشلەر خوتۇن ئالغان ،ئەرگە تەگكەنلەرنى <<ئەمدى ئادەم بوپسىز >>دەپ قويىدۇ . دېمەككى ، سىز ئەمدى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يىپيىڭى ، جاپا بىلەن خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن رەڭدار يولغارەسمىي قەدەم باستىڭىز . خۇشاللىققا ، مەغرۇرلىققا ،  چۇڭقۇر شۇكىرى ھەمدۇ ئېيتىڭ ، نۇرغۇن ئادەم يېشى بىر يەرگە بىرىپ قالسىمۇ خوتۇن ئالالمايۋاتىدۇ ، مۇۋاپىق لايىق تاپالمايۋاتىدۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ بۇ ھەقىقى يۇزىگە يۇزلىنشتىن قورقۇۋاتىدۇ . خوتۇننى كىشەن ، ئائىلىنى يۇك زەنجىر دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .ۋەھالەنكى ، سىز بۇ مۇقەددەس سۇننەتكە دادىللىق بىلەن يۇزلەندىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياراتقۇچىنىڭ ھالاللاپ بەرگەن نېئمەتلىرنى تەرىك ئىتىش ياخشى بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس .ئەمدى مۇرۇۋۋەتلىك ئىشىڭىزنى قانداق قىلىپ ئاخىرغىچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلىپ چىقىش ئۇستىدە ئىزدىنىڭ . يىگىتلىك شوخلىقىڭزدىن قايسىنى تاشلاپ ، قايسى خىل خاراكتىرىنى داۋاملاشتۇرسىز ؟ئايالىڭىزنى قانداق كۇتىسىز ؟ئايالىڭىزدىن نىمىلەرنى كۇتىسىز ؟بۇ ئائىلىنى جەڭگى - جىدەل ، ماجىرا - نىزانىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماي گۇللەندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟  <<ئالدىم >>دىگەن جاكارىدىن كىيىنلا مۇشۇ ھەقتە ئويلاپ قويۇڭ . بۇ سۇئاللار سىزنى تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە خۇدىڭىزنى يوقۇتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەمكىن سوغۇققانلاشتۇرىدۇ . ئەمىليەتتىمۇ ، بىر ئەر ، بىر ئائىلە ئۇچۇن تەمكىن سوغۇققانلىق بەك كىرەك . ئايال كىشى ئەردىن سالماق سۇپەتنى كۆرۇشنى خالايدۇ .    ھېكمەتلەردىن يەنە ئايال كىشى ئەرنىڭ ئىمانىنىڭ يېرىمى دىيلىدۇ . سىز ئۆز ئىمانىڭىزنى ، تېنىڭىز ، روھىڭىزنىڭ يىرمىنى قانداق كۇتىۋالىسىز ؟ئەگەر بۇ يىرىم ئىمان تىخىمۇ يىرىم ياتا بولسىچۇ ؟ ۋە ياكى سىز ئۇنىڭدىن ئۆتەر ھالدا <<يالتىراق نوچى >> بولسىڭىزچۇ ؟
  يىپيىڭى دۇنيا ، يىپيىڭى ھەمىرا سىزگە قول سۇنۇپ تۇرۇپتۇ . چوڭقۇر تىنۋىلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە <<سەۋىرچان ، قەتئىي ،رەھىمدىل ئەمما تەلەپچان بول >>دەڭ .پوتىڭىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭ ، مەيدىڭىزنى رۇسلاڭ . بۇگۇن سىز راسا كېرلىدىغان كۇن، كۇلىدىغان كۇن.
مەنبە:باغداش تورى
mukapat
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-29 18:57 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
140
دەرىجىسى : قىزىققۇچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 283
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 351
شۆھرىتى: 5 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1180 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى يېزىلىپتۇ ، يىگىتلەر ياخشىراق كۆرۈڭلار ، سىلەرگە بەك پايدىلىقكەن
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 21:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا