مەن بۇ سەينى ئاشپەز تورى ۋە قىز دوستۇم <م>غا سوۋغا قىلىمەن
ئاۋىستىرالىيە يايلاق قوي قوۋرۇغۇسى 澳大利亚草原羊排
بۇ سەي ئاۋىستىرالىيەنىڭ داڭلىق سەيلىرىدىن بىرسى بۇلۇپ 09يىلى东方美食 تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
ماتىرىيالى:قوي قوۋرۇغۇسى، بولكا ، بېلىق گۆشى .
خۇرۇچى:تۇز ،توخۇ تەملىك تېتىتقۇ، تېتىتقۇ، شېكەر، زىرە، قىزىلمۇچ تالقىنى، كاۋاۋىچىن تالقىنى.
قوشومچە ماتىرىيالى: سۇڭپىياز، ھۆل زەنجىۋىل.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1.ئاۋۋال بىز قوي قوۋۋرۇغىسىنى سۇڭپىياز،زەنجىۋىل،تۇز كاۋاۋىچىن بىلەن تەم كىرگۈزىمىز.ئاندىن بېلىق گۆشىنىڭ قىلتىرىقىنى
ئېلىۋېتىپ چاناپ ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز.ئاندىن بولكىنى دىڭ قىلىپ توغرايمىز.
2.بۇ قەدەمدە بىز تەم كىرگۈزگەن قوۋۋرۇغىنى قاسقاندا 10مىنۇت دۈملەپ چالا پۇشۇرىۋالىمىز.
3.ئاندىن ئۇماچ ھالەتتىكى بېلىق گۆشىنى قوۋۋۇرغىنىڭ ئۈستىگە سۈگەيمىز.ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بولكا دىڭىنى چاپلاپ ئوت
تورھال تېمپىراتۇردىكى مايدا پۇشۇرىمىز.رەڭگى ئالتۇن رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ ،ئايرىم تەخسىگە زىرە ،قىزىلمۇچ تالقىنىنى
يەنە تۇز ،تېتىتقۇ،توخۇتەملىك تېتىتقۇنى ئارلاشتۇرۇپ ئۈستىگە سېپىپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:تەملىك ، خۇشپۇراق، بېلىق گۆشى بولكا ئۆزىنىڭ تەمىنى قوي قوۋۋۇرغىسىغا سىڭدۈرۈپ ئېسىل تەم ھاسىل قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:شېكەرنى سالسىڭىزمۇ ،سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


