hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئىلگىرلەتتى .(2010-07-18)
ئەنجان پولو

خۇرۇچى :
گۆش بىر كىلوگرام ، پىياز بىر تال ، گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام ، ، زىرە مۇۋاپىق مىقداردا ، سۇ يىغى 500 گىرام ، چامغۇر بىر كىلوگرام ، بىھى تۆتتىن - بەشكىچە ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، سەۋزە بىر كىلوگرام ، ئانار بىر دانە ، قىتىق مۇۋاپىق .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . گۆش ، بىھى ، سەۋزە ، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغۇرلىدۇ .
2 . گۇرۇچنى پاكىز يۇيۇپ ، يىرىم سائەت چىلاپ قۇيۇلىدۇ .
3 . قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 - دەرجە قىزىتىپ ، پىيازنى گۆشنى سىلىپ قۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن سەۋزىنى سىلىپ ياخشى قورۇپ بۇلغاندىن كىيىن ، تۇز ،سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سىلىپ پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىلدۇ .
4 .سۇينىڭ ئوستىگە يۇيۇپ چىلاپ قۇيغان گۇرۇچنى سىلىپ ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ ، گۇرۇچنىڭ سۇيى تارتىلغاندا بىھىنى ئاشنىڭ ئۇستىگە تىزىپ دۇملىندۇ .
ئۇستىگە زىرە سىپىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ، لىگەنلەرگە ئۇسسۇپ ، ئۇستىگە ئانار چىچىپ ، قىتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
ئاشنىڭ رەڭگى بوزرەڭ ، ئانار ئاش ئۇستىدە مارجاندەك پاقرايدۇ . تەمى مەززىلىك ، ۋەم يىيىشلىك .

بولاق مانتا

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 300 مىللىمىتىر ، پىياز 500 گىرام ، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا ، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، شولتا ئازراق .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . ئۇنغا تۇز ۋە خىمىر تۇرۇچ سىلىپ ، تۇزى كەمرەك خىمىر يۇغۇرۇپ ، ئىسسىق جايدا يۇگەپ 1-2 سائەت بۇلدۇرلىدۇ .
2 . گۇشنى ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ سىپىپ ، تۇز ، ئۇششاق تۇغرالغان پىياز ۋە سوققان كاۋاۋىچىن ، زىرىنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
3 . بولدۇرغان خىمىرغا شۇلتا سۇيى بىرىپ ئىشلەپ ، 20 دانە زوۋلا ئوزۇپ ، قۇل بىلەن بىسىپ قىلىنراق جىلىت ئىچىپ ، ئىچىگە قىيما سىلىپ مانتا تۇگۇپ ، قاسقانغا سىلىپ ، تىز ئوتتا 20 - 25 مىنۇت ھوردا پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
قىيمىسى مەززىلىك ، خىمرى يۇمشاق ، سىڭىشلىك بۇلىدۇ .

سەۋزە تۈرمىلى:

ماتىرىياللار:
سەۋزە 4-5 باش،ئۇن كىچىك پىيالىدە 3-4 پىيالە ياكى ئىھتىياجغا لايىق ،بىر دانە تۇخۇم، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
ئېتىش ئۇسۇلى:
ئاۋال ئۇنغا تۇخۇم ،تۇز،سۇ قۇيۇپ يۇغۇرىمىز،سۇيۇقئاشنىڭ خېمىرىدەك چىڭ يۇغۇرۇش كېرەك. ئاندىن سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ تېرىسىنى ئاقلاپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.دورا-دەرمەك ۋە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قويىمىز. ئاندىن يۇغۇرۇلۇپ ئۆزىگە كېلىپ بولغان خېمىرنى ياڭاقتىن چوڭ قىلىپ زۇۋۇلا ئۈزىمىز،نۇغۇچتا ناھايىتى نېپىز قىلىپ يايىمىز. قەلەمچە قىلىنغان سەۋزىنى نېپىز يېيىلغان خېمىرنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا چاچمىز .چوقۇم توغرىسىغا يەنى يۆگىلىش يۆنىلىشىگە پاراللىل قىلىپ چاچساق ياخشى يۆگىگىلى بولىدۇ. سەۋزىنى مۇۋاپىق تەكشى چاچقاندىن كىيىن ، ئاندىن خىمىرنى يۇگەيمىز ، يۆگەپ بولۇپ 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا كىسىمىز . كەسمەي شۇ پېتى دۈملىسىڭىزمۇ بولىدۇ،لېكىن كەسسىڭىز يېمەككە ئاسان قولايلىق. ئاندىن قازاندا 20 مىنۇتچە دۈملىسەكلا بۇلىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە چامغۇر تۈرمىلى،ياڭيۇ تۈرمىلى ،چىگىدەك(قوي يېغىنى ئېرىتىپ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان تۈگۈرمەكلىرى) تۈرمىلى........ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ھەرخىك سەي-كۆكتاتلارنىڭ تۈرمەللىرىنى يۇقارقى ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ يېسىڭىز بولىدۇ.
خۇرۇچى :
پۇرچاق ئۇنى 500 گىرام ، ئاچىققسۇ بىر كىلوگىرام ، سۇ يىغى 100 گىرام ، سوققان قىچا 15 گىرام ، سوققان لازا 25 گىرام ، سوققان زەنجىۋىل 3 گىرام ، سامساق 3 - 4 باش ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . پۇرچاق ئۇننى سۇغا چىلاپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرى قىلىپ 1 - 2 سائەت قۇيغاندىن كېيىن كوك سۇ يىغلىدۇ ، ئۇن ئاستىغا چۇكدۇ . ئۇستىگە يىغلىپ قالغان كوك سۇ تۇكۇۋىتىلدۇ ، مۇشۇ ئۇسۇل بۇيچە ئىككى - ئۇچ قېتىم سۇينى يەڭگۇشلىگەندىن كىيىن ، پۇرچاق ئۇننىڭ پۇرىقى تۇگەيدۇ .ئاندىن يەنە ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ ، ئۇنى ئەلگەكتىن ئوتكۇزۇپ . تۇز ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمنى تەڭشەپ ، قازانغا تۇكۇپ پىشۇرلىدۇ .
2 . سامساقنى ئۇششاق چاناپ سوققان لازا ، ئاچچىقسۇ قۇشۇپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇستىدىن قىزىق ياغنى قۇيۇپ داغلاپ ، ئاندىن قايناق سۇ قۇيۇپ سۇيۇق لازا تەييارلىندۇ .
3 . سوققان قىچا ، زەنجىۋىللەرنى ئاچچىقسۇغا تۇكۇپ ئارلاشتۇرلىدۇ .
4 . سوۋۇتۇلغان ئۇيۇتمىنى قىرغۇچتا قىرىپ ياكى ئىنچىكە تۇغراپ تەخسىگە ئىلىپ ئۇستىگە سۇيۇق لازا ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلنىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
سوغۇق ، ئاچچىق - چۇچۇك ، ئىشتىھانى ئاچدۇ ، يىيىشلىك .


نارىن چوپ

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، قارىمۇچ بىر چىمدىم ، گوش ئىككى يېرىم كىلۇگرام ، كاۋاۋىچىن 10 تال ، تۇخۇم ئىككى دانە ، زەنجىۋىل بىر باش ، پىياز ئىككى تال ، قۇرۇت 140 گىرام .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . گۇشنى 140 گىرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، تۇز قۇيۇپ شۇرپىسنى بىر قانچە رەت سورۇلدۇ . ئاندىن كاۋاۋىچىن ، زەنجىۋىلنى پۇتۇن سىلىپ ، پەس ئۇتتا بىر سائەت سىم - سىم قاينىتىپ ، پىشقان گوشنى ، كاۋاۋىچىن ، زەنجىۋىلنى سوزۇپ ئېلۋىتىلدۇ .
2 . تۇخۇمنى ئۇنغا چىقىپ ، تۇزنى ئوتكۇزۇپرەك چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ ، 10-15 مىنۇت تىندۇرلىدۇ . تىنغان خېمىرنى نېپىز يىيىپ ، 15 مىنۇت شامالدىتىپ ، قىسقا ئۇگرە كىسىپ ، قايناق سۇغا سىلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلدۇ . ئۇگرە پىشقاندا ، سۇزۇپ ئىلىپ ، سوغوق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ لېگەنگە ئېلىپ قۇيلىدۇ .
3 . ئۇششاق يالپاكلاپ توغرالغان پىيازنى بىر قاچغا سىلىپ ، ئۇستىگە شۇرپىنىڭ يۇزدىن قۇيلىدۇ . ئۇگرىنىڭ ئۇستىگە گوشنى ئوششاق توغراپ سېلىپ ، سۇققان قارىمۇچنى سېپىپ ، تەييارلانغان شۇرپىنى ئاشنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ ئاىرلاشتۇرۇپ يەيدۇ .
سوققان قۇرۇت ئايرىم تەخسىدە كەلتۇرلىدۇ . قۇرۇتنى ھەر كىم ئوز ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلسا بۇلدۇ .
ئالاھىدىلگى :
گوشى كوپ ، شۇرپىلىق ، تەملىك ۋە كۇچلۇك بۇلۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاھىدە ئېسىل تاماقلىردىن بىرى .

پېتىر مانتا

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن 500 گىرام ، قارمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قوي گۇشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 250 گىرام ، پىياز بىر كىلوگرام ، تۇز < سۇيۇق > مۇۋاپىق مىقداردا .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . قوينىڭ لوق گۇشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ ، سۇيۇلدۇرۇپ < سۇنىڭ نىسبىتى 3:1 بۇلسا مۇۋاپىق > ، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ ، پىياز ، تۇز ، سوقۇلغان قارمۇچنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
2 . چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ ، ياخشى ئىشلەپ ، 40 دانە زوۋۇلنى ئۇزۇپ ، چورسى باك نېپىز ، ئوتتۇرسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ ، قىيما سىلىپ تۇگۇپ ، جىمبىلنى ياغلاپ ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قۇيۇپ ، تىز ئوتتا پىشۇرلىىدۇ . پاقلان گوشى بولسا 15 مىنۇتتا ، چوڭراق قوينىڭ گوشى بۇلسا 15 - 20 مىنۇتتا پىشىدۇ . ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سىلىنسا ، 5- 6 مىنۇتتا پىشىدۇ . مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بۇلمايدۇ .
پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ ، داستىخانغا كەلتۇرۇلدۇ . ھەر بىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
جىلىتى نېپىز ، قىيمىسى يۇمشاق ، يېڭسىى يېيىشلىك ھەم مەززىلىك .
مەسلىھەت :
1 . خېمىرنى بەك قاتتىق ھەم تۇزلۇق يۇغۇرماسلىق كېرەك . 2 . پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ ، تەڭنىگە سېلىپ ، ئىتتىك پىچاق بىلەن ئاۋايلاپ چاناش كېرەك . پىيازنى كوتەكتە چاناشقا توغرا كەلسە ، نېپىز يالپاقلانغان پىيازنى ئىتتىك پىچاق ياكى قىڭراق بىلەن ئاۋايلاپ تېز - تېز توغراپ ، باشقا قاچغا ياكى گوشكە سېلىش كېرەككى ، كوتەكتە ئۇزۇن قويۇپ قويۇشقا بۇلمايدۇ .
چۇنكى مانتىنى تاتلىق قىلىدىغنى پىيازنىڭ غاشىسى ئەمەس ، ئۇنىڭ سۇيى .
3 . گوشنى چانماي ، ئۇزۇپ - ئۇزۇپ توغراش كىرەك ۋە يىپلىرنى ئېلۋىتىش كېرەك .
4 . گوش ئورۇق بۇلسا ، قۇيرۇق ياغنى كوپرەك سېلىش كېرەك .
5 . گوش يېڭى بۇلسا ، قىيمىسىغا سۇنى جىقراق قۇيۇش كىرەك ، توڭ گوش بۇلسا ، سۇنى ئازراق قويۇش كېرەك .
6 . قىيما ئېلىشتۇرغاندا مىجىماي ، باش قۇل بىلەن ئەركىلىتىپ ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەش لازىم . پىيازنى شۇ كۇنى توغراپ ئىشلىتىش ، قوندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ .

تۇخۇم پوشكىلى

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن 70 گىرام ، ئەبجەش ياغ 175 گىرام ، تۇخۇم 10 دانە ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، خېمىر تۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا .
سىلىش ئۇسۇلى :
1 . قاچغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ ، ئۇنىڭغا ئۇن ، تۇز ، ئېرىتكەن خېمىر تۇرۇچنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قۇيۇق شىرە ياساپ ، 10 - 20 مىنۇت تىندۇرلىدۇ .
2 . تاۋىنى ياكى قازاننى قىزىتىپ ئەبجەش ياغدا داغلاپ ، تىندۇرغان شىرنى ئۇلچەملىك قىلىپ قۇيۇپ ، تەكشى يېيتىپ ، ھەر ئىككى يۇزىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
رەڭگى تۇق سېرىق ، تېشى چۇرۇك ، ئىچى يۇمشاق ، ئەتگەنلىك ناشتا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .

گوشنان

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، سۇ 500 گىرام ، قوي گوشى بىر كىلوگرام ، پىياز 500 گىرام ، قارمۇچ ئازراق ، ئەبجەش ياغ 70 گىرام ، زىرە مۇۋاپىق ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، خېمىرتۇرۇچ ئازراق .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . گوشنى ئۇششاق توغراپ ياكى ماشىنىدىن ئوتكۇزۇپ ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز ، تۇز ، سوققان زىرە ، قارىمۇچ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
2 . خېمىرتۇرۇچ قاتتىق بۇلسا سۇغا سېلىپ ئېزىپ ، ئۇنغا سىلىپ ، تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ ، ئازراق تىندۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن 200 گىرام ۋە 140 گىرام قىلىپ زۇۋۇلا ئۇزۇپ تاۋلاپ ، ھەر بىر زۇۋۇلنىڭ گىرۋىكنى نېپىز ، ئوتتۇرسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلىت ئېچىپ ، چوڭ جىلىتقا تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ ، ئۇستىىدىن كىچىك جىلتىنى يېپىپ چوڭ جىلتىنىڭ گىرۋىكى بىلەن چىمدىپ يىپىشتۇرۇپ ، گوشنان تەييارلىندۇ .
3 . قىزىغان تاۋىنى ياكى قازاننى ياغلاپ ، گوشناننى سىلىپ ھەر ئىككى تەرپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ ، سەككىز پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۇرلىدۇ . بۇ ناننىڭ خېمرىنى كوپتۇرمەيلا پېتىر قىلىپ ياسغاندا ، خېمىر نېپىز قىلىپ يېپىلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
گوشى كوپ ، جىلتى نېپىز ، تەملىك ، يۇمشاق بولدۇ . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنۋى نانلىردىن بىرى .
قىيمىسغا ھەر خىل كۇكتاتلارنى ئارلاشتۇرسىمۇ بۇلدۇ .


پىلتە لەڭمەن

خۇرۇچى :
ئۇن بىر كىلوگرام ، سامساق بىر باش ، گوش 175 گىرام ، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق ، سۇ يىغى 105 گىرام ، زەنجىۋىل سۇيى ئازراق ، جاڭدۇ 140 گىرام ، كاۋاۋىچىن سۇيى ئازراق ، كوك لازا ئىككى تال ، سۇڭپىياز بىر تال ، پەمدۇر ئىككى تال ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . يۇقۇردا ئىيىتقىنمىزدەك ، پەسىلگە قاراپ ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خىمىر يۇغۇرۇپ ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35 گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۇزۇپ ، زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلمىز . پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا ، ھەر قەۋىتىنىڭ ئۇستىنى ياغلاپ تۇرۇش كىرەك . پىلتىلەر تەييار بۇلغاندا يەنە 10 - 15 مىنۇت تىندۇرۇش كىرەك .
2 . تىنغان پىلتىنى بىر - بىردىن ئىلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالقان بىلەن دوملىتىپ تەكشىلۋېلىپ ، ئاندىن ئىككى بىشدىن تۇتۇپ سۇزۇپ ئاشتاختا ئۇستىگە قاتار - قاتار تىزلىدۇ .
ئاندىن ئىككى ئۇچدىن تۇتۇپ ئىككى بىلكىمىزنى كېرىپ ئاستا دادىللىق بىلەن سۇزۇپ ، ئوتتۇرسىنى ئاش تاختىسغا بوش - بوش ئۇرۇپ ، بىر غۇلاچ بۇلغاندا قاتلاپ يەنە سوزۇلدۇ . ئىنچىكە سوزۇلغاندا ، بىر ئالقىنمىزغا يىغىلغان پىلتە بىشنى ئوزۋىتىپ ، ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قايناۋاتقان قازانغا سىلىپ بەش مىنۇت قاينىتىلدۇ . ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئىلىپ ، سوغۇق سۇدا چايقاپ ، ئاندىن يا ئىسسسىتىپ ياكى شۇ پېتچە چىنلەرگە ئېلىپ ئۇستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بۇلدۇ .

قۇرۇمنى قۇرۇش ئۇسۇلى :
1 . گوش نىپىز ، ئۇزۇنچاق توغرۇلدۇ . كوك لازىنى پاكىز يۇيۇپ ، ئىچدىكى ئۇرۇق ۋە تۇمۇرلىرنى ئىلىۋىتىپ ، جاڭدۇ بىلەن ئىككىسى توغرالغان گوشچىلىك چوڭلۇقتا توغرىلدۇ . پەمدۇر ، سامساقلارنى ئۇششاق ، سوڭپىيازنى ئۇزۇن ، ئىنچىكە توغراپ زەنجىۋىل ، كاۋاۋىچىنلارنى سوغا چىلاپ تەمى چىقىرلىدۇ .
2 . قازانغا ياغ قۇيۇپ ، ياغ قىزغاندا گوشنى سىلىپ قورۇپ ، قىزارتىپ ، سوڭپىيازنى سىلىپ سارغايتىپ ، ئاندىن پەمدۇر ئىزىلگىدەك قورۇلدۇ . جاڭدۇنى سىلىپ 80 پىرسەنىت پىشقاندا تۇز ، زەنجىۋىل سۇيى ، كاۋاۋىچىن سۇينى قۇيۇپ ، كوك لازا ، سامساقلارنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قورۇپ ، ئاندىن ئازراق قايناق سو قۇيۇپ تۇز ۋە دۇرا - دەرمەك تەمنى تەڭشەپ ، سەينى تەييارلانغان ئاشنىڭ ئۇستىگە سالساق بۇلدۇ .
مەسلىھەت :
1 . لەڭمەن ياكى ئون تامىقىنىڭ خېمرىنى يۇغۇرۇشتا تۇزنى سوغا تەڭشىۋىلىپ ، ئاندىن شۇ سۇدا خېمىر يۇغۇرسا ياخشى .
2 . لەڭمەننىڭ خېمىرىنى ئېرىنمەي كوپرەك چەيلەپ ئىشلىسا ، خېىمىرى كۇچلۇك ، تىرىك بۇلدۇ . چالا ئىشلەنگەن خېمىرنىڭ ئېشى خامسىق ، مىچ - مىچ بۇلدۇ .
ئالاھىدىلگى :
ئىشى تىرىك ، چايناشلىق . تەمى ياخشى ، يىڭى بۇلۇپ ، كىشلەر ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان ئاساسلىق تاماقنىڭ بىرى .

تۇخۇم شۇرپىسى

خۇرۇچى :
تۇخۇم ئۇچ دانە ، سامساق توت چىش ، كۇنجۇت يىغى 20 گىرام ، ئاچچىقسۇ ، سۇڭپىياز 35 گىرام ، پۇرچاق ئۇنى 20 گىرام ، پەمدۇر 35 گىرام ، شۇرپا ياكى قايناقسۇ ئىككى كىلۇگىرام ، پالەك 20 گىرام ، تىتىقۇ بىر چىمدىم .
ئىتىش ئۇسۇلى :
قازانغا شۇرپا ياكى قايناقسۇنى قۇيۇپ ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز ، پەمىدۇر ، سامساقلارنى سىلىپ ، تۇز ، ئاچچىقسۇ بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ، پالەكنى چوڭ - چوڭ توغراپ سىلىپ ، تۇخۇمنى چىقىپ سىلىپ ، سۇينى قۇيۇلدۇرۇپ ، كۇنجۇت يىغنى تىمىتىپلا قاچغا ئالمىز .
بۇ شۇرپا ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، كەشتە تاماققا قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا ، تاماقنى سىڭدۇرۇپ ، ھاردۇقنى چىقىردۇ .
ئىشەنمىسڭىز سىناپ كۇرۇڭ

مور -- گۆش قۇرۇمىسى

خۇرۇچى :
سىمىز قوي گوشى 175 گىرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، كوپتۇرۇلگەن قارا مۇر 10 قۇلاق ، جاڭيۇ ئازراق ، سۇ يىغى 140 گىرام ، ئاچچىقسۇ ئازراق ، قىزىل لازا بىر تال ، تىتىتقۇ بىر چىمدىم ، پالەك ئىككى تۇپ ، سوڭپىياز بىر تال ، زەنجىۋىل بىر پارچە ، سامساق تۇت چىش ، شۇرپا 500 گىرام .
قورۇش ئۇسۇلى :
1 . قوي گۇشىنى قاقتەك چۇڭلۇقتا نىپىز توغراپ ، ئۇنىڭغا تۇز ، كىراخمال قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرلىدۇ .
2 . مورنى پاكىز يۇيۇپ ئادالاپ ، چوڭلىرى تىتىپ پارچىلنىدۇ ، قىزىل لازا كىچىك - كىچىك ، پالاك چوڭ - چوڭ توغرۇلىدۇ .
3 . ساپلىققا يەنە ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ ، تەييارلانغان گوشنى سىلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سۇزۇۋىلىندۇ .
4 . ساپلىققا يەنە ئازراق ياغ قۇيۇپ سوڭپىياز ، زەنجىۋىل ، سامساق ، لازا سىلىپ داغلاپ ، ئۇستىگە توغرالغان قىزىل لازنى سىلىپ قورۇپ ، ئۇستىگە ئازراق شورپا قۇيۇپ ، تەييارلانغان مور ، گوش ، پالەكنى سىلىپ ، تۇز جاڭيۇ ، تېتىتقۇ سىلىپ تەمنى ياخشى تەڭشەپ ، ئازراق ئاچچىقسۇ تىمتىپ ئىككى ئورۇپلا تەخسىگە ئىلىنىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
رەڭگى كۆركەم ، گۆشى يۇمران ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-18 07:09 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
پالتا
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 278
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرىتى: 1185 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1319 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 125 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە كوپ ئەجىر قىپسىز، ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-18 15:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پالتا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 905
شۆھرىتى: 9155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9210 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 927 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇنبەردىكى قىزلارنىڭ ئىچىدە نۇزۇگۇم تاماققا ئەڭ ئۇستىغۇ دەيمەن ھە ؛ جاپا تارتىپسىز ،  تېمىڭىزغا رەھمەت .
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-18 15:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2771
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تالاي  تالاي  تېمىنى  يوللاپ  تۇردى  نوزۇگۇم ,
ئەجرى  بىلەن  مۇنبەرگە  گۈللەر  ئويدى  نوزۇگۇم
قۇرۇق  گەپنە  ساتماستىن  ,  ياكى  ئۇخلاپ  ياتماستىن ,
ئۆزىگە  خاس  ئابىدە  تىكلەپ  قويدى    نوزۇگۇم
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-18 22:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

karmalika
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 217
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 134
شۆھرىتى: 1425 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6535 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 150 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇنداق  تەپسىلى   ئەتراپلىق  چۈشەندۈرۈپسىز ، نەچچە قېتىم  پېتىر  مانتا  قىلسام  پىشقاندىن  كېيىن  سەل  قارىداپ  قالىدۇغۇ  ؟؟؟   بۇ  قانداق ئىش ؟؟؟  ھىچ  بىلمىدىم ....  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-18 22:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( karmalika ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

107
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 11 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاخىرى يەنە باردەكلا.... رەھمەت
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-19 14:15 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 107 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

پارلاق
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 446 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە ياخشى تىمىلار نى يوللاۋاتسىز.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-19 19:34 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پارلاق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەلكىم خېمىر نى تۇزلۇق ياكى بەكلا چىڭ يۇغۇرۋېتسىڭىز شۇنداق بۇلامدىكىن دەيمەن مەنمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن كەچۇرۇڭ .

بولسا ئازپەز ئۇستام ئوبدانردق چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسا ياخشى بۇلاتتى........         
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-19 19:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

140
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالدىم
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-23 09:04 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

204
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 6 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە     شۇنداق  تەپسىلى   ئەتراپلىق  چۈشەندۈرۈپسىز
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 17:52 | 新疆乌鲁木齐市

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 204 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » بېلىق گۆشى تەييارلىندىغان قورىمىلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا