تونۇر كاۋاپ ئاساسەن پۈتۈن قوينىڭ تونۇردا كاۋاپ قىلىنغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ ، مۇنداق ﻫازىرلىنىدۇ :
قوي سويۇلۇپ ئىچ - قارنى ئېلىپ تازىلانغاندىن كېيىن (باش - پاقالچاقلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ) ئىچى ئىسسىق سۇدا بىر قۇر يۇيۇلۇپ پاكىز ئېتىلىدۇ ، ئاندىن قۇيرۇق تەرىپىدىن بويۇن تەرەپكە قارىتىپ مەخسۇس ﻫازىرلانغان ياغاچ ئۆتكۈزۈپ ، ياغاچنىڭ بويۇندىن چىقىپ تۇرغان قىسمىغا توغرىسىغا مەلۇم توملۇقتا كالتە تۆمۈر ياكى يوغان مىخ ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ تەييارلىق پۈتكۈچە بىر قاچىدا تۇخۇم سېرىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە زەچىۋە تالقىنى ، قارىمۇچ ، زىرە ، ئاق ئۇن قوشۇپ قوچۇپ تۇخۇم شىرنىسى تەييار قىلىنىدۇ ۋە بۇ تۇخۇم شىرنىسى گۆشنىڭ يۈزىگە تەكشى سۈرۈلىدۇ . ئاندىن تونۇرنى ۋايىغا يەتكۈدەك قىزىتىپ چوغلىرىنى پاكىز ئېلىۋېتىش بىلەن گۆشنىڭ بويۇن تەرىپىنى ئاستىغا قارىتىپ تىكلەپ ئاغزى ﻫىم قىلىپ ئېتىپ تاشلىنىدۇ . گۆش تەخمىنەن40 مىنۇت ئەتراپىدا كاۋاپ بولۇپ پىشىدۇ . ئۇنىڭ پىشقانلىقىنى ئالتۇن رەڭدەك پارقىراق ﻫالەتكە كەلگەنلىكىدىن مەلۇم بولىدۇ .
تونۇر كاۋاپ مېﻬمان ئۈچۈن تەييارلانسا ، ئۇ پاقلان گۆشىدە قىلىنىدۇ ۋە مېﻬمان ئالدىغا شۇ پېتى ياكى سىرتلاپ ئېلىپ چىقىلىپ كېسىپ يېيىشكە پىچاق قويۇپ قويۇلىدۇ . بازارغا تەييارلانغانلىرىنى بولسا خېرىدارنىڭ تەلىۋى بويىچە پارچىلاپ بېرىلىدۇ .
تونۇر كاۋاپ -- كاۋاپلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە قەدىمكى يىمەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ .
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2010-06-27 15:32دە قايتا تەھ ]