باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
						
						بۇ يازمىنى ئەنگەر   لەتىپە،يۇمۇر،چاقچاق،تېپىشماقلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-10-13) 
					 
					چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .  تۆۋەندە بىز ئۆزىمىز توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز .  بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .  1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .  2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .  3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .  4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .  5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .  6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .  7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .  8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .  9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .  10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .  11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .  12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .  13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .  14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .  15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .  16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر .  17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .  18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .  19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .  20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .  21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .  22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .  23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .  24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .  25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .  26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .  27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .  28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .  29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .  30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .  31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .  32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .  33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .  34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .  35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .  36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .  37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .  38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر .  39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .  40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .  41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر .  42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .  43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .  44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .  45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .  46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .  47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .  48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .  49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .  50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .  51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .  52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .  53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .  54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .  55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .  56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .  57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .  58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .  59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر .  60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .  61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .  62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .  63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .  64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .  65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .  66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .  67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .  68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر .  69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .  70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .  71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .  72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .  73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .  74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .  75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .  76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .  77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر .  78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .  79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .  80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .  81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .  82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .  83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .  84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .  85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .  86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .  87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .  88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .  89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .  90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .  91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .  92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .  93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .  94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .  95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .  96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .  97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .  98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .  99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .  100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .  101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .  102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .  103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .  104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .  105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .  106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .  107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .  108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .  109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .  110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .  111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .  112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .  113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .  114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .  115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .  116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر .  117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .  118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .  119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .  120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .  121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .  122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .  123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .  124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .  125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .  126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .  127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .  128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .  129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .  130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .  131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .  132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .  133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .  134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر .  135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .  136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .  137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .  138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .  139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .  140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .  141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .  142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .  143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .  144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر .  145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .  146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .  147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .  148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .  149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .  150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .  151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .  152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .  153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .  154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .  155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .  156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .  157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .  158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر .  159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .  160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .  161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر .  162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .  163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر .  164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .  165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .  166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .  167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .  168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .  169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .  170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .  171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .  172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر .  173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .  174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .  175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .  176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .  177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .  178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .  179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .  180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس .  ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .  181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .  182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر .  183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .  184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .  185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر .  186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .  187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .  188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .  189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .  190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر .  191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر .  192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر .  193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .  194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس .  195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .  196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .  197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر . 
  ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم .  باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر .
 
 
 
 
 
  مەنبە؛   قەشقەر كىنو تورى 
  
					 |