مىنكاۋخەن قىزنىڭ ناماز ئوقۇشى
يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرى ئىدى . بىر كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم ، ئىشكتىن كىرىشىمگىلا ،ئۇ « ھۈش ، ئۈنلۈك گەپ قىلما ، ئاچام ناماز ئوقىۋاتىدۇ » دىدى ھەم ئىشىكنى ئىشارەت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقتۇق . ھەيرانلىقىمنى باسالماي :
_ قايسى ئاچاڭ ؟ – دەپ سورىدىم .
_ مىنىىڭ شۇ بىرلا ئاچام بار ، بىلمەيدىغاندەك سورايسەنغۇ .
_ شۇ دەيمەن ، ئاچاڭ ناماز ئوقامدا ؟ ئۇ مىنكاۋخەن تۇرسا ؟
_ باشتا سەنلا ئەمەس مەنمۇ ھەيران قالغان ، دادام – ئاپاملارمۇ ئىشەنمىگەن . بولدى ، يۈرە ، ئۆيگە كىرەيلى ، بۇ كەمگە ئاچاممۇ ناماز ئوقۇپ بولدىمىكىن .
دەرۋەقە ، ئۆيگە كىرگەن چىغىمىىزدا ،ئاچىسىى ئەمدى مىھمانخانا ئۆيگە چىقىپ تۇرغانىكەن . ئۇ مىنى كۆرۈپلا :
_ ۋۇي ، ئەسلى مىھرىبان كەپتىكەنغۇ ، – دىدى .
_ ياخشىمۇسىز مۇكەررەم ئاچا ، – دىدىم مەن . دوستۇم :
_ ئىككىڭلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ، مەن چىقىپ كۆكتات ئەكىلەي ، – دەپ چىقىپ كەتتى .
مەن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كىيىمىگە دىھقەت قىلدىم ، ئۇزۇن يەڭ ئاق مايكا ، قارا تەنتەربىيە ئىشتىنى كىيىپ ، ياغلىقنى كەينىگە چىگىۋالغانىدى.
_ چاي ئىچىڭ ، – دەپ بىر ئىستاكان چاينى سۇندى مۇكەررەم ئاچام .
_ مۇنەۋەردىن ئاڭلىسام ناماز ئوقۇۋىتىپسىز ؟ – دەپ تۈزلا سورىۋەتتىم ھەيرانلىقىمنى باسالماي .
_ ھەئە ، – دىدى ئۇ ، – يېرىم يىلدىن ئاشتى ، سىز ئىچكىرىگە كەتكەچكە بىلمەيسىز ، دەسلەپكى تۆت ئايدا كۈندە بىر ۋاق ئوقۇدۇم ، ئىككى ئايدىن ئاشتى ، بەش ۋاق ئوقۇۋاتىمەن . يۈرۈڭ ھۇجرامغا كىرەيلى ، سىزگە ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىمنى كۆرسىتىپ قوياي ، – دەپ مىنى ھۇجرىسىغا باشلىدى .
_ قاراڭ ھازىر مۇشۇ« 富乐智慧»(«قۇتادغۇبىلىگ » نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ) كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن ، نۇرغۇن خاتىرىمۇ قالدۇردۇم تىخى ، – دەپ كىتابنى ماڭا سۇندى ،- يەنە «古兰经» ( « قۇرئان – كەرىم » نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى )نىمۇ سىتىۋالدىم ، كۆرۈپ باقاي دەيمەن.
_ بەك ياخشى بوپتۇ ، ناھايتتى ياخشى ئويلاپسىز، سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقسام بولارمۇ ، سىز قانداق قىلىپ ناماز ئوقۇشنى باشلاپ قالدىڭىز ؟
_ بۇ سوئالنى نۇرغۇن ئادەم مەندىن سوراپ كەتكەنىدى ، مەن ئۇلارغا « شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك ئەمەسمۇ » دەپلا جاۋاب بەرگەن، سىزگە تەپسىلىي دەپ بىرەي ، – دەپ ھىكايىسىنى باشلىدى ئۇ .
مىنىڭ دادام – ئاپام ھەر ئىككىسى مىنكاۋخەن بولۇپ ، نىفىتلىكتە خىزمەت قىلاتتى . بۇ يەردە دادام – ئاپامنىڭ خىزمەتداشلىرىمۇ ساپلا خەنزۇ بولغاچقا ، مەنمۇ كىچىكىمدىن خەنزۇ بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولدۇم ، ھەم خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇدۇم . سىڭلىم بولسا چوڭ ئانامنىڭ يىنىدا چوڭ بولدى . تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ، ئۇيغۇرچىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم . پەقەت تەتىلدە چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغاندىلا ، ئاز – تولا ئۇيغۇرچە سۆزلەيتتىم . ئىسىڭىزدە بارمىكىن ، مەن تولۇق 3-يىللىقنى پۈتتۈرگەن تەتىلدە ، چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغان ھەم شۇ چاغدا سىزنى تۇنجى قىتىم كۆرگەنىدىم . سىز سىڭلىم بىلەن ئوينىغىلى كەپتىكەنسىز . سىز شۇ چاغدا « ئاچا – سىڭىل ئىككىڭلارنىڭ ئىسمى مۇكەررەم ، مۇنەۋەر ئىكەن . بىرىڭلارنىڭ مەككە – مۇكەررەم ، يەنە بىرىڭلارنىڭ مەدىنە – مۇنەۋەركەن ، نىمىدىگەن پەيزى » دىگەنتىڭىز ، مەن شۇ چاغدا گىپىڭىزنى قەتئىي چۈشەنمەپتىكەنمەن .
كىيىن ئىچكىرىگە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغىلى باردىم . مەن شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ناماز ئوقۇشنى ئۆگەندىم .داۋامى مەن ئالىي مەكتەپنەڭ 2 – يىللىقىغا چىققان ۋاقىتلار ئىدى ، بىر كۈنى ساۋاغداشلىرىم بىلەن باشقا بىر فاكۇلتىتنىڭ كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق ، پائالىيەتتە بىر ئۇيغۇر يىگىت ساتتار چىلىپ مۇقام ئېيتىپ بەردى . ئەسلى بىلسەم ئۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ xxفاكۇلتتىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن . كىيىن باشقىلار ئۇنى بىر ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى ، ئۇ ئەتراپقا بىر تەكشى كۆز يۈگۈركەندىن كىيىن ، مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ :
_ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ، – دىدى . نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ، خىجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى ، چۈنكى مەن ئەينى چاغدا،
« ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم » غا « ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام » دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم ، ئەسلىگەندەك قىلغان بولساممۇ ، لېكىن دەپ ئادەتلەنمىگەچكە ئاغزىمغا كەلمىدى . ئۇ يىگىت يەنە :
_ سىز ئۇيغۇرمۇ ؟ – دەپ سورىدى . مەن گەپ قىلماي بېشىمنى لىڭشىتتىم . ئۇ يىگىت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :
_ كەچۈرۈڭ ، ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسڭىز ، ئۇلار ماڭا بىر ئۇسۇل ئويناپ بىرىسەن دەپ تۇرۇۋالدى ، قارىسام چىرايىڭىزدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىز چىقىپلا تۇرىدۇ . ئۇسۇلنى ئىككىمىز بىللە ئوينىساق دىدى ،- دىدى .
« ئۇھ » يۈرىكىم ئورنىغا چۈشتى ، مەن چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا سىڭلىمدىن ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋالغان ، ھەم يامان ئەمەس ئوينايتتىم . مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئويناشنى خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. شۇنداق قىلىپ بىز ئىككىمىز بىر مەيدان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىدۇق . كىيىن بىر – بىرىمىزنىڭ يانفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈۋىلىپ خوشلاشتۇق .
شۇندىن كىيىن بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق ، ئۇ مىنىڭ ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىمنى ئۇققاندىن كىيىن ، ماڭا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ قويىدىغان بولدى . مەن ناھايتتى تىز ئىلگىرلىدىم . ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدۇم ، ئۇ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيتتى ، دەرىسى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ، بىرەر ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيتتى . ئۇنىڭ گەرچە مىنكاۋخەن بولسىمۇ ، دىننىي ئىتىقادىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولشى مىنى ھەيران قالدۇراتتى . ئۇنىڭ تەسىرىدە مەن يۈرۈش – تۇرۇش ، كىيىنىش ھالىتىمنى ئۆزگەرتتىم . مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ، زادىلا خەنزۇچە سۆزلىمەيتتى ، بۇ تىلنى ئۆگىنىشىمىز ۋە مۇشۇ تىلدا ئوقۇشىمىز ئامالسىزلىقتىن بولغان دەيتتى . ئۇ ماڭا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمنى تەشەببۇس قىلدى ھەم ئۆگىتىپ قويماقچى بولدى ، لېكىن بىر ئوقۇش يىلى تىزلا ئاخىرلىشىپ ، ئۇ 4 – يىللىقنىڭ ، مەن بولسام3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدۇق . ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىشكە زادىلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
مەن ئۇنىڭ ھەربىر ئىشلىرىغا قايىل ئىدىم ، سۆزلىرىنى ئاڭلىسام – ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كىلەتتى ، بىز ھەر قىتىم پاراڭلاشقاندا ئۇ ئىسلام دىنى توغرىلىق ، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام توغرىلىق ، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ « قۇتادغۇبىلىگ » دىگەن ئەسرى توغرىلىق يەنە مەھمۇد قەشقەرىي ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى » توغرىلىق سۆزلەپ بىرەتتى . مۇسۇلمانلار نىمىلەرنى قىلىشى ، نىمىلەرنى قىلماسلىقى كىرەكلىكى توغرىسىدا ، ناماز ئوقۇشنىڭ ئىككى دۇنيالىقتىكى ساۋابى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمدىن بەك نومۇس قىلىدىغان بوپ قالدىم . ھەمدە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىش قارارىغا كەلدىم .
بىر كۈنى ئۇنىڭغا بۇ ئويلىرىمنى ئېيتىۋىدىم ، ئۇ بەك خۇشال بولدى ، ئۇ ماڭا ناماز ئوقىغاندا ئوقۇيدىغان بىر قانچە ئايەت – سۈرىلەرنى ئوقۇلىشى بويىچە ئىنگىلىزچە قىلىپ يىزىپ بەردى . تاھارەت ئىلىش ، سەجدە قىلىش قاتارلىقلارنى باسقۇچ بويىچە بىرمۇ- بىر قىلىپ ، خەنزۇچە تەپسىلىي يېزىپ بەردى ، ھەمدە ناماز توغرىسىدا خەنزۇچە يېزىلغان (خۇيزۇلار ئىشلىتىدىغىنى بولسا كىرەك ) بىر قانچە كىتابنى تېپىپ بەردى . قولۇمدىكى « قۇتادغۇبىلىگ »نىڭ خەنزۇچە نۇسخسىنىمۇ ئۇ شۇ چاغدا بەرگەن .
دەسلەپتە كۈنىگە بىر ۋاق ، يەنى ئەتىگەنلىكىلا ئوقۇدۇم ، ئوقىغاندىمۇ دەپتەرگە قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېزىپ بەرگەنلىرى بويىچە قىلاتتىم.
ئەڭ دەسلەپتە بامدات ئوقۇشۇم ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغاندىم ، كىيىن بارا – بارا سۈرىلەرنى يادقا ئىلىۋالدىم ، بىر ۋاق ناماز تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى . ئۇ ۋاقتى بولسىلا مىنى ئىزدەپ ماڭا ئايەت ئۆگىتىپ قوياتتى . ئەلۋەتتە ، مەن ئۇنىڭمۇ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغانلقىنى سەزدىم .
ئۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرەتتى ، مەن ئۇنىڭمۇ مىنى ياخشى كۆرىشىنى ، ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ، لىكىن دائىم بىز ئۇچراشقاندا ، ئۇ يەنىلا داۋاملىق دىن توغرىلىق ، مىللەت توغرىلىق سۆزلەييتى ، مەن ئۆز خىيالىمنى ئۇنتۇپ بېرىلىپ ئاڭلايتتىم ، ئۇنىڭ توختاپ قالماي سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ، ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر سۆزىنى كاللامغا ئويۇۋالغۇم كىلەتتى . ئۇ بىر كۈنى مىنىڭدىن :
_ بىر ۋاق ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەرمەكچىمۇ سىز ،- دەپ سوراپ قالدى .
_ سۆزىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم ، – دىدىم مەن ، چۈنكى ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنەلمىگەندىم .
_ دىمەكچىمەنكى ، بىر ۋاق نامازنى بەش ۋاققا ئۆزگەرتىشنى ، يەنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ ؟
_ سىزنىڭچە مەن قىلالارمەنمۇ ؟ – ئىككىلىنىپ سورىدىم مەن .
_ ئەخمەق قىز ، نىمىشقا قىلالمىغۇدەكسىز ، يەنە ئىككى ئايدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ مەكتەپتىن كىتىمەن ، مەن كەتكۈچە سىزگە بەش ۋاق ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قوياي دىگەن نىيىتىم بار ئىدى .
_ ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈم بار ، بۇرۇنمۇ ئويلىغان ، بىراق سىز بەك ئالدىراش تۇرسىڭىز ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويارمەنمۇ؟
_ بىراۋغا ناماز ئۆگىتىش ناھايتتى ساۋابلىق ئىش ، بۇ ساۋابلىق ئۈچۈن قانچە ئاۋارە بولسام ئەرزىيدۇ ، – دىدى ئۇ .
شۇنداق قىلىپ ، نەچچە كۈندىن كىيىن ، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋەتتىم ، بەزى كۈنلىرى پىشىن بىلەن دىگەر ئوقۇشقا دەرس تاقىشىپ قالاتتى ، بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە دەرستىن چۈشۈپ قازاسىنى ئوقۇيتتۇم .
ئۇ ئوقۇش پۈتتۈردىغانغا ئىككى ھەپتە قالغان كۈنى ، مىنى بىللە تاماق يەپ كىلىشكە چاقىردى . نىمىشقىكىن كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ قالغانىدى . ئۇنىڭ كېتىشىنى ئويلىسام ، كۆزلىرىمگە ياش كىلەتتى . ياكى مەن غەيرەتكە كىلىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام بولارمۇ ؟
_ قايتقاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىسىز ؟ – دەپ سورىدىم مەن.
_ توي قىلىمەن ، -دىدى ئۇ . بىشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، ئالدىراپ سورىدىم :
_ كىم بىلەن؟
_ ئۇ قىز يۇرتۇمدا ، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە چوڭ بولغان ، ئۆيدىكىلەرمۇ ھازىر توي تەييارلىقى قىلىۋاتىدۇ .
_ بىراق ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ – يەنە سورىدىم .
_ ھەئە .
_ ئەزەلدىن تىلغا ئىلىپ باقمىغان ئىدىڭىزغۇ ؟
_ شۇنداقمۇ، – دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، – بىر قىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قىز توغرىلىق سۆزلەشنى ئەدەبسىزلىك دەپ بىلىمەن .
مەن يەنە قايتا گەپ سورىمىدىم ، ئۇ ماڭا ناماز ئوقۇشنى ھەرگىز تاشلىماسلىقىنى ، ياخشى ئوقۇشۇمنى تاپىلاپ بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلدى.
_ شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم ، كىيىن تەتىل بولدى ، مۇشۇ يەرگە كەلدىم .
_ ئۇنداقتا ئاچا ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىدىمۇ ؟
_ مەن ئۇنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى ۋە ئەخلاقىغا قايىل ، ئۇ قىزنىڭ بەك تەلىيى باركەن ، مەن ئۇلارغا بەخىت تىلەيمەن.
شۇ ئەسنادا مۇنەۋەر ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپ :
_ تاماق يەڭلار خانقىزلار، مىھرىبان ، قانداق ؟ ئاچامنى زىيارەت قىلىپ بولغانسەن ؟ يۈرە ، تاماق يەيمىز ،- دەپ قولۇمدىن تارتتى.
تاماق ۋاقتىدا مىھرىبان ئۇنى -بۇنى دەپ بىزنى كۈلدۈرۋىدى ، مۇكەررەم ئاچام :
_ تاماق يىگەندە گەپ قىلماي يىيىش كىرەك ، – دەپ ئۇنىڭ جىمىتىپ قويدى .
تاماقتىن كىيىن ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن بىلەن خوشلىشىپ ، ئۆيۈمگە راۋان بولدۇم . ئىچىمدە بۇ مىنكاۋخەن قىزغا قايىل بولدۇم ، ھەم ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم . شۇنىڭ بىللە ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم .
http://www.hedislar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=838