يىگىتلىرىمىز يىگىتتەك بولسا...
گۈلنۇر ئابلىمىت ( ئارچا )
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەدەپ - ئەخلاقلىق، قائىدە - يوسۇنلۇق، ئەقىل - پاراسەتلىك، ساغلام بەدەن، ساغلام روھقا ئىگە تېرىشچان مىللەت ئىدى. بالا تەربىيلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپتىكەن، قىزلارنى نازۇك بەدەن، زىلۋا، شەرمى - ھايالىق، لاتاپەتلىك، قائىدىلىك چوڭ بولۇشقا يىتەكلىسە، ئوغۇللارنى قەيسەر، قورقماس، باتۇر، چەبدەس، جاسارەتلىك، قەددى - قامەتلىك، بەستلىك (گۈرەن)، كۆپ خىل ھۈنەر ۋە بىلىمگە ئىگە، ئۇنۋېرسال ساپالىق،،، چوڭ بولۇشقا يىتەكلەپتىكەن، شۇڭا باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىمىز بولغانكەن. قارايدىغان بولساق ھازىر ئۇ خىل ئۈستۈنلۈكلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى (قائىدە - يوسۇنلىرىمىز) زىيادە «تەرەققىي» قىلىۋېتىپتۇ، ئەمما كۆپ قىسمى يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ. باشقا تەرىپىنى قويۇپ تۇرۇپ ئاددىيلا بىر مىسالنى ئالسام؛ قىسمەن يىگىتلىرىمىزنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ ھەتتا مېڭىش شەكلىمۇ ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ (%70 شۇنداقكەن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدىكەن). بۇنداق دېسەم رەنجىشىڭلا مۇمكىن، لېكىن ئەيىپلىمەي تۇرۇپ يىگىتلەر بولۇپمۇ ياشلار تۆۋەندىكى سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىپ باقساڭلا بولىدۇكى؛
1. يول ماڭغاندا دادىڭىزردەك ماڭالامسىز؟ سىرتقا بىللە چىقىپ پىيادە ئۇزاق مېڭىپ سىناپ بېقىڭ.
2. يول ماڭغاندا قەددىڭىز دادىڭىزنىڭ رۇسمىكەن ياكى سىزنىڭمۇ؟
3. قانچىلىك ماڭغاندىن كېيىن ھېرىپ كەتتىڭىز؟ دادىڭىزمۇ ھاسىرىدىمۇ؟
4. ماڭغان چاغدىكى ئاياق ئاۋازى سىزنىڭ چىڭ ئاڭلىنامدىكەن ياكى دادىڭىزنىڭمۇ؟
5. ئاۋازىڭىز دادىڭىزنىڭ ئاۋازىدىن بوم چىقامدۇ؟
ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە قايسى ئۇسۇلدا كۆتۈرىسىز؟ (دادىڭىز بىر خالتا ئۇننى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرەلىسە بوۋىڭىز ئىككىلەنمەيلا دولىسىغا ئارتىپ ھېچ كۈچىمەيلا كۆتۈرىدۇ شۇنداقمۇ؟ بەلكى سىز كىيىمىڭىزگە تەككۈزمەسلىك ئۈچۈن خالتىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن كۆتۈرۈپ بەك قىينىلىدىغانسىز).
6. ئەينەككە قاراپ بېقىڭ، رەڭگىڭىزدە قىزىللىق بارمىكەن؟ ئەگەر دادىڭىز ئاغرىق بولمىسىلا ئىككى مەڭزى سىزنىڭكىدىن قىزىلراق بولۇشى مۇمكىن.
7. دادىڭىز بىلەن يېزىغا چىقىپ كەتمەن چېپىشتا مەسلىشىپ بېقىڭ، قايسىڭلار ۋەزىپىنى تىز ھەم ئۆلچەملىك تاماملىدىڭلا؟
8. زۇكامداپ قالسىڭىز دارا يىمەي، ئوكۇلمۇ ئۇرغۇزماي ساقىيالامسىز؟ تەخمىنەن نەچچە كۈندە ساقىيىسىز؟ دادىڭىزچۇ؟
9. بىر ئىشقا دۇچ كەلسىڭىز مۇستەققىل قارار چىقىراامسىز؟ قارارىڭىز توغرا چىقامدۇ؟ كۆزىڭىز يەتكەن ئىشقا تەۋەككۈل قىلالامسىز؟
10. نىشان بەلگىلەپ پىلان ئىچىدە نىشانىڭىزغا يىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ توسالغۇغا ئۇچرىسىڭىز توختاپ قالدىڭىزمۇ ياكى بۆسۈپ ماڭالىدىڭىزمۇ؟
11. تاماقلىنىشتا گۆش، كاۋاپ، پېتىر مانتا، گۆش نان، نارىن، ھالۋا، پولو... قاتارلىق كۈچلۈك تاق يىيىشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى لەغمەن، گاڭپەن، كالا گۆشى ئۈگرىسى، راڭپىزا، سوغۇق ئىچىملىك،،، قاتارلىقلارغا ئامراقمۇ؟
12. قىزلار ياكى ئايال تۇققانلار بىلەن ئاشخانىغا كىرگەندە يىىنىڭىزدىكى قىز ياكى ئايال تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ باقتىمۇ ياكى داۋاملىق سىز تالىشىپ تۆلەمسىز؟
13. قىز دوستۇڭىزغا سوۋغا ئېلىپ بەردىڭىزمۇ ياكى ئۇ سىزگە سوۋغا بېرىشىنى ئۈمىت قىلامسىز؟
14. قىز دوستىڭىز ياكى قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقامسىز ياكى دادىللىق بىلەن چىقالامسىز؟
15. بىرەرسى نەھەقچىلىققا ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئەمىلىي ياردەم بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟
يۇقۇرقى سۇئاللارغا ئىچىڭىزدە تەپسىلى جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ، ددادىڭىزمۇ بوۋىڭىز بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ باقسا ئاندىن سىزنىڭ نېمىشقا شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كېتىشىڭىزدىكى سەۋەپنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ بەت ئادرىسىنى ۋە ئىسمىمنى بىللە يوللىسىزڭىز ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان بولىسىز!
2011.10.12
[ بۇ يازماarchaتەرپىدىن2011-10-13 16:17دە قايتا تەھر ]