ئانار ، ئامۇت ، شاپتۇلنىڭ شىپالىق رولى
ئانار
بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئانارغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ
بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق، گۈلى قىزىل، ئاق ياكى سېرىق رەڭدە؛ مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، يۇمىلاق، قىزىل، پوستى ئىچىدىكى
قىزىل دانلىرى سۇلۇق، سۈزۈك مارجانغا ئوخشاش پارقىراق. بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى تاتلىق، ئىككىنچىسى ئوتتۇرا ھال (ئاچچىق
تاتلىق)، ئۈچىنچىسى ئاچچىق تەمگە ئىگە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، پوستى، گۈلى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى
يىغىۋېلىپ، قۇرغاق ئورۇندا ساقلاپ ئېھتىياج چۈشكەندە پوستى بىلەن ئۇرۇقىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەينى چىڭىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئىچ سۈرۈش ۋە قاناشنى
توختىتىش، مەنىينى قۇيۇلدۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، ھەزىمنى ياخشىلاش، چىش تۈۋىنى چىڭىتىش، سۈيدۈك تېمىپ
كېلىشنى ياخشىلاش، قان كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ دانىسى ياكى شەربەتلىرىدىن 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15
گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 20 ~ 30 گرام، 10~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 30 ~ 40 گرام، 15 دىن يۇقىرى چوڭلارغا 50 ~ 60 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام ئانار پوستىنى سۇدا قاينىتىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە
بالىياتقۇ قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەش گرام ئانار پوستىنى 12 گرام سەرخىس بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۈتۈ قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.
12 گرام ئانار پوستىنى 250 گرام سۇدا قاينىتىپ، 100 گرام قالغاندا ئېلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۈچەيگە ھەمەل قىلسا، تۈتۈ قۇرتنى
چۈشۈرىدۇ.
35 گرام ئانار پوستىنى سەككىز گرام تازىلانغان شور بىلەن بىللە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە،
سازاڭسىمان مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
35 گرام ئانار پوستىنى 20 گرام زەمچە بەش بىلەن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ ۋە سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئاق خۇن قىزىرىپ كېلىشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئانار پوستىنى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى سوقۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش، چىش ئاغرىقى ۋە بوۋاسىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار ئۇرۇقىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ كاپ ئىتىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ تاماق سىڭدۈرۈپ، ھەزىمنى
ياخشىلاپ، چىش تۈۋىنى چىڭىتىدۇ.
ئانارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشنى توختىتىدۇ.
ئانارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر كېسەللىكى، ئىستىسقا، زىققە، يۈرەك، تال كېسەللىرى ۋە ئىسسىقتىن بولغان
يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇت
بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پىشقاندا مېۋە شۆپۈكى
سېرىق رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى سەل قىرتاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى (ئامۇت) ۋە چېچىكى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى چېچەكلىگەندە چېچىكىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى
يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تېرىنى پارقىرىتىش، يۇمشىتىش،
مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، نەزلىنى يوقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، قان ۋە سەپرا
خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئامۇتنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش،
ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇت چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، مېڭىگە قۇرۇقلۇق
يېتىش ۋە بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئامۇتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ، شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇت چېچىكىدىن بىر كىلوگرام، شېكەردىن 5.3 كىلوگرام ئېلىپ، ئامۇت چېچىكىنى ھۆل پېتى ھاۋانچىدا سوقۇپ، شېكەرنى ئاز - ئازدىن
سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ گۈلقەنت ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 9 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان ئازلىق،
ئىشتىھاسىزلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تۇتقاقلىق، سەپرالىق كۆڭۈل ئېلىشىش، ھۆ بولۇش، شەقىقە، پۇت بوغۇملىرى ئاغرىش،
ئۇنتۇغاقلىق، جىگەر قېتىش ۋە چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاپتۇل
شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، ماي ، شېكەر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ، ھەر خىل ۋىتامىنلار ) ، كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار .
قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئۇساش ، ئىچى قېتىش ، ئىسسىقتىن بولغان ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى يوقىتىش ۋە مىجەز تەڭشەش ئۈچۈن ، شاپتۇلنى بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلسا يۇقىرىدىكى ئىللەتلەر تۈگەيدۇ . قۇرۇق ئىسسىقتىن باش ئاغرىش ، قان قويۇلۇش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ، شاپتۇل يېسە ياكى شاپتۇل قېقى ، سوقا چىلان ، قوناق ساقىلى ، ئۈجمە يىلتىزى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ دەملەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرىقى ئىللەتلەر تۈگەيدۇ . قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بەدەندە قىزىتما پەيدا بولغاندا سۇلۇق شاپتۇلدىن تويغىچەيېسە ، ياكى شاپتۇل قېقى ، سوقا چىلان بىلەن دەملەنگەن چاينى ئىچسە قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ . شاپتۇل قېقى ، تەبئىي ئىسسىققا مايىل بولۇپ ، ئۆپكە تۇبېركۇليوز سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قان تۈكۈرۈش ، دائىم كۆڭلى ئاينىپ قۇرۇق ھۆ قىلىش ، كۆپ تەرلەش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ .
مەنبە: تۇرمۇش ساۋاتلىرى دىگەن كىتابدىن ئېلىندى