oznur.cn abduheni
لەييان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرىتى: 840 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 101 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىز كىم؟

ئاپتۇرى :ئابدۇقادىر سادىر
 
تۆت كاللا بىر بولساق ئىچىپ كىتىمىز،
ئىچكەندە جان-پاندىن كىچىپ كىتىمىز.
شادلىقتىن كۈلسەكمۇ،پىغان چەكسەكمۇ،
مەي ئالغان ئىدىشقا چۆكۈپ كىتىمىز.
ھەشەمەت ھۈكۈمران بىزنىڭ باشلارغا،
تاپقاننى شىرەگەتۈكۈپ كىتىمىز.
تۆت رومكا ئايلانماي باشلانسا غەيۋەت،
گادايدىن شاھقىچە سۈكۈپ كىتىمىز.
زارلىنىپ گاھىدا تەتۈر پەلەكتىن،
كىمنىدۇ ساۋىداپ تىپىپ كىتىمىز
كۆزلەرگە گۈل بۇلۇپ كۈرۈنسە پىپەك،
شەھۋەتنىڭ سۈيىدە ئېقىپ كىتىمىز.
قېنىمىز قاينىسا ئېزىپ ئەقىلدىن ،
ئىپپەتنىڭ قېنىدىن چىقىپ كىتىمىز.
بىزنى دەپ پايپىتەك بولسا ساھىپخان،
يۈزىگە تۇپىنى چېچىپ كىتىمىز.
ئايلىنىپ بىردەمدە تۈكلۈك قاۋانغا،
تۇز بەرگەن قازاننى چېقىپ كىتىمىز.
قەلىپلەر تاپشۇرۇپ جان دىيىشكەننىڭ،
دەم ئۆتمەي گېلىدىن سىقىپ كىتىمىز.
ئالتۇندەك دوسلارنىڭ قەلىپ كۈزىگە،
ئۈچلانغان ياغاچنى تىقىپ كىتىمىز.
ئۈزىمىز تىكلىگەن دوسلۇق تېمىنى،
شۇيۇسۇن بىر-بىرلەپ يىقىپ كىتىمىز.
گاھىدا ئايلىنىپ جەڭگاھقا سورۇن،
ئىتلارنىڭ يۇزىنى تۈكۈپ كىتىمىز.
ھاياتنىڭ قەدرىنى ئېسىپ كانارغا،
پاخالنىڭ نەرقىدە سېتىپ كىتىمىز.
ئىچ-ئىچتە يىقىلساق نىشانسىز ئوقتىن،
دۈم چۈشكەن يالاقتا يېتىپ كىتىمىز.
گاھىدا شۇپېتى مۇز كالتىكىدەك ،
كۇچىدا ئەبىدى قېتىپ كىتىمىز
قىممەتلىك ھاياتنىڭ ئالتۇن چېغىنى،
مەي قىلىپ مەيخورغا سېتىپ كىتىمىز.
چىقالماي غالىپلىق قېپىنى يىرتىپ،
دۇنيادىن دىرەكسىز يۈتۈپ كىتىمىز.
بىزشۇنداق بەك ئىچكەك تەڭدىشىمىز يوق،
دو تىكسەك ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىمىز.
تېپىڭلار بىز كىمۇ ؟ پۇشتى كىمنىڭكى؟
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-01, 06:07

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لەييان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-30 18:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئابلەت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
شۆھرىتى: 1950 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1950 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 211 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دۇنيادىن دىرەكسىز يۈتۇپكەتمەيلى ،
مۇنبەردىن ئىنكاسسىز چىقىپ كەتمەيلى ،
ئۇچراتساق مۇنبەردە ياخشى تىمىنى،
دوسلارغا يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى !
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 00:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئابلەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئىنتىزار0998
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3876
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 116
شۆھرىتى: 1180 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1210 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 128 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دوسلارغا يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،
ساقلىۋىلىپ دائىما ئوقۇپ تۇرايلى .
بىز كىم ؟ دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرايلى ،
شۇندىلا ئۇنتۇلماس ئۇيغۇرنىڭ روھى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 08:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىنتىزار0998 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا