oznur.cn abduheni
لەييان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 247
شۆھرىتى: 2530 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2530 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 298 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
قەبرىدىن كەلگەن مەكتۇب
جېنىم ئانا! تۇققانلار بىلەن بېشىم ئەتراپىدا پەرياد بىلەن يىغا-زار قىلىپ كۆز يېشى تۆكۈۋاتقان شۇ پەيتىڭلاردا ھاياتىمدا ھېچ كۆرمىگەن مەخلۇقلارنى كۆردۈم. ئۇلار پەرىشتىلەر ئىكەن. بىرى ئەزرائىل ۋە باشقا پەرىشتىلەر... ماڭا مەڭگۈلۈك بارىدىغان ئوت-يالقۇنلۇق جازا ئورنۇم كۆرسىتىلدى. ھەممىنى چۈشەندىم.... بەك قورقتۇم.ئۈركىشتىن قىينىلىشتىن سىلەرنى تونىيالماس بولدۇم. ئەزرائىل بەكمۇ ھەيۋەت ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىدى.مەندە غايەت زور پۇشايمانلار باشلىنىپ بولغان ئىدى.

ياخشى ئەمەل قىلىشىم، گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىشىم ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ ئۇزارتىلىشىنى، ئۆلۈمنىڭ تەخىر قىلىشىنى تىلىدىم. بىراق،بەكمۇ كېچككەنىدىم.  بۇ تىلىگىم قوبۇل قىلىنمىدى.  ئاپلا ئىسىتلىرىمدىن ئەلبەتتە سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار يوق ئىدى.  چۈنكى سىلەر تېخى قورقۇنۇچلۇق ئەزرائىلنى كۆرمىدىڭلار دە!  سەكراتتىنمۇ خەۋەرسىز.  شۇنداق ئانا، موللىلار سەكرات،ئۆلۈم، ئەزرائىل، قەبىر ئازابى ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئۇخىل سۆزلەر بىر قۇلىقىمغا كىرىپ نەفسىمگە ھېچ بىر تەسىر قىلماستىن يەنە بىر قۇلىقىمدىن چىقاتتى.  بەكمۇ توغرا ئىكەن. بەكمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن ئانا.  ھالىم بەك قىيىن.  پەرىشتىلەر روھىمنى تارتقاندا، گۇناھ ۋە غەپلەتلىرىم سەۋەپلىك روھىم بەدىنىمدىن ئايرىلىشنى خالىمايۋاتاتتى.  پەرىشتىلەر ئازاپ بەردى.  بەكمۇ قىينالدىم.  بۇ قىينىچىلىقنى ساڭا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن ئانا.  روھىم تېنىمدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنلا قەبىر ئازابى تارتىشقا باشلىغان ئىدىم.  روھىم تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ بىرىنجى ئازاپتىن قۇتۇلدۇم.  "نېمە ئىش بۇ؟" دەپ ئويلاندىم.  دېمەككى بۇلار گۇناھلىرىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى.  ئەزرائىلنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى پەرىشتە بار ئىدى.  بىرى رەھمەت پەرىشتىسى، يەنە بېرى ئازاپ پەرىشتىسى.  ئەگەر ئېلىنغان روھ ياخشى كىشىنىڭ روھى بولغان بولسا ئۇنى رەھمەت پەرىشتىسىگە، يامان گۇناھكار كىشىنىڭ روھى بولغان بولسا ئۇ روھنىڭ ئازاپ پەرىشتىسىگە بېرىدىكەن.  اللە نىڭ ئەمىرى شۇنداق ئىكەنكى، ئەزرائىل روھىمنى ئازاپ پەرىشتىسىگە تۇتقازدى.  ئۇ پەيتتە باشتا ماڭا كۆرسىتىلگەن جازا ماكانىمنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشۈنگەن ئىدىم.  ئۇ ۋاقىتتىكى قورقۇنۇچلىرىمنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئانا. پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپمۇ ھالىمنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتاتتىم.  دۇنيادىكى ۋاقتىمدا پەقەت دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلغاندەك ئۆلۈمدىكى بۇ خىل ھاللىرىمنى ئويلانماي،  غەپلەت ۋە گۇناھ يوللىرىدا يۈرگەنلىرىمنىڭ نەتىجىسى بولىۋاتاتتى.  شۇڭا پەرىشتىلەر روھىمنى قىيناپ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.  بۇلار نازىئات پەرىشتىلىرى ئىكەن.  ئەگەرمۇكەممەل بىر مۆئمىن بولغان بولسام روھىمنى راھەتلەندۈرگۈچى ۋە قولاي ئالغۇچى ناشىتات پەرىشتىلىرى ئالار ئىكەن  ۋە  « اللەنىڭ ساڭا سالىمى بولسۇن« دەپ سالام قىلاتتىكەن.  مەن بولسام غەپلەتنىڭ ئاچچىقىن تارتىۋاتاتتىم. ھېچ بولمىسا روھىم ئېلىنىشتىن بۇرۇن تاھارەتلىك بولغان بولسام، كۆپ قۇرئان ئوقۇپ، سالىھ ئەمەل ئىشلىگەن بولسام،  ھالىم بۇ قەدەر خاراپ بولمايتتى.  بۇ خىل دەھشەتلىك ھاللارنى ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى كۆرۈپ «كاشكى، كۆزلىرىم كور بولغان بولسا« دېدىم.  بىراق كور بولغان بولسىمۇ يەنىلا پەرىقى يوق،  بەرىبىر كۆرىدىغان گەپ ئىكەن.  ئاھ، بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق! ئۇ ۋاقىتتا كانايلىرىمدىن خىرىلدىغان، يۈزلىرىمنىڭ قارىداۋاتقان ھاللىرىنى بەلكىم سەن ھېس قىلمىدىڭ ئانا.   چۈنكى سەن يىغا-زار ئىدىڭ.   ئەگەر كۆرگەن بولساڭ ئاقىۋىتىمنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ،  سەنمۇ قاتتىق ئازاپلانغان بولاتتىڭ.   ئەگەر ياخشى مۆئمىن بولغان بولسام،ئۇ چاغدا ئۇ خىل كۆرىنىش ئەمەس، بەلكى پىشانىلىرىم تەر ،كۆزلىرىم ياشارغان، يۈزلىرىم نۇرلانغان، بۇرۇن تۆشۈكلىرىم كېڭەيگەن ھالدا بولاتتىكەندە،  بۇ كىشىنى راھەتلەندۈرىدىغان ھال ئىكەنتۇق.

جېنىم ئانا،  ئىككى پەرىشتە پۇت تەرىپىمدىن باشلاپ قىيناپ تۇرۇپ،  تا كۆكسىمگىچە ئېلىپ كەلگەن روھىمنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن روھىمنى ساقلاش ئۈچۈن ئازاپ پەرىشتىسىگە بەردى.  ياخشى مۆئمىن بولغان بولسام رەھمەت پەرىشتىسىگە بېرەتتىكەندە،  ئۇ روھىمنى اللە قا ئېلىپ چىقاتتىكەن.  سىلەر جەسىدىمنى كىپەنلەۋاتقاندا،  پەرىشتىلەرمۇ روھىمنى كىپەنلاۋاتاتتى.  ئەلۋەتتە بۇلاردىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار يوق ئىدى.   مەن سىلەر گۆرگە كۆمۈپ بولغاندىن كېيىن،   روھىم ئەقلىم بەدىنىمگە يېڭىدىن كەلدى.   يەنى، روھىمنى ئاسمانغا كۆتۈرپ ماڭغان ۋاقىتلىرىدا،  دۇنيا ئاسمىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلمىدى.   نەتىجىدە پەرىشتىلەر "سىججىن" گە ئېلىپ كېلىپ يامان  ئەمەللىرىمنى تاپشۇرغاندىن كېيىن قەبرەمگە قويۇشتى.  جەسىدىمگە كىرگۈزدى.  ئەگەر ياخشى ئادەم بولغان بولسام، ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلاتتى ۋە ئەمەللىرىم "ئىلىييۇن" دا تاپشۇرۇلۇپ،  ئۇ يەردىكى ياخشى سالىھ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەتتىم.  ئۇلار مەندىن دۇنيادىكى"پالانچى قېنى؟" دەپ سورىسا، مەن "ئۇمۇ ئۆلدى،بۇ يەرگە كەلمىدىمۇ؟" دەيتتىم.  ئۇلار ئۇنىڭ ئازاپ ۋە ئوتقا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى چۈشىنەتتى.

جېنىم ئانا! ئۆلۈم كۆنۈم،  بىر قىسمىڭلار قوشاقلار بىلەن يىغلاۋاتقىنىڭلاردا كۆپ ئازاپ بېرىلدى ،"بىر ئاز بۇرۇن بولسىمۇ توختىتىشمامدۇ!؟" دەپ كەتتىم. بىر قىسمىڭلار بولسا رەھمەت دۇئالىرى ۋە قۇرئان ئوقۇشتى.  بۇ ھال مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.  ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا پەرىشتىلەرمۇ"ئامىن!" دەۋەتاتتى.   كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ،  ئىڭىكىمنى چىگىپ جىنازا نامىزىغا ئالدىرىشىڭلار مېنى شۆيۈنۈرىدىغان ھال بولغان ئىدى. جىنازا نامىزىمغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىگىمۇ ياخشى بولدى.  بىراق بەزىلەرنىڭ نامىزىمغا داخىل بولمىغانلىقى ئىچىمنى سىقتى.  "ئەجەبا ئۆلۈمگە كېلىپ نامىزىمغا داخىل بولسا ھەم ماڭا پايدا، ھەم ئۆزلىرىگە پايدا كەلتۈرىدىغان بۇ ساۋاپلىق ئىشنى قىلسا نېمە بولاتتى؟" دەپ كەتتىم.
جېنىم ئانا!  دۇئا قىلىپ مەغپىرەت تىلەپ تۇرساڭ بەكمۇ سۆيىنىمەن.  گۇناھلىرىمنىڭ ئېغىر يۈكى ۋە خىجالىتى بىلەن ئۆكۈنۈشنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن ئانا.  كاشكى اللە قا ۋاپالىق قۇل بولۇپ، سالىھ ئەمەللىرىم كۆپ بولغان بولسا، جەننەتكە لايىق قۇللار ئارىسىدا بولغان بولسام، دەپ كۆز ياشلىرى تۆكمەكتىمەن . بىراق يەنىلا شۇكۈر، كېچىكىپ بولسىمۇ ئازاپتىن قۇتۇلغۇدەك ئىمانىم بار.  بۇ تەرەپكە كەلگەن ئىمانسىز ۋە كاپىرلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە خاراپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز.   يەتتە قات يەرنىڭ ئاستىدىكى ئازاپ تۈرمىلىرىدە ئازاپ چېكىشمەكتە.   سالىھ مۆئمىنلەر بۇ ئالەمدە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشالايدۇ.   بولغان ۋە بولىدىغان ئىشلارنى ئۆز-ئارا مۇزاكىرە قىلىشالايدۇ.  ھاللىرى بەكمۇ راھەت.  بىراق مەن ھېچكىم بىلەن كۆرىشەلمەيمەن، ئانا!ئەلىمىم كۆپ، سالىھ مۆئمىنلەردەك ئەركىن ھاياتقا مەن ئۈچۈن رۇخسەت يوق.   بۇ يەرنىڭ قانۇن-تۈزىمى ئەنە شۇنداق ئانا. كاشكى دادام بىلەن كۆرۈشسەم دەيمەن. بىراق ئۇ اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن سالىھلەرنىڭ قاتارىدا بولغاچقا ئىمكان يوق.  مېنىڭ بۇ ھالدىكى ئازاپلىرىمنى بىلمەيسەن. شۇنداق ئانا، مېنى قەبرىگە قويغاندىن كېيىن،  ئاياق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.  بىرئازدىن كېيىن ئىككى پەرىشتە كەلدى  . بىرنىڭ ئىسمى مۇنكەر،  يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى نەكىر.  ھەقىقەتتە ئۇلار ياخشى كىشىلەرگە سۆيۈملۈك بىر قىياپەتتە كېلىدىكەن.  بىراق ماڭا بەكمۇ ھەيۋەت بىر ھالدا كەلگەن ئىدى .  "رە ببىڭ كىم؟دىنىڭ نېمە؟پەيغەمبىرىڭ كىم؟كىتابىڭ قايسى؟"دەپ سۇئاللار سوراشتى.  بىراق مەن....  جاۋاپ بېرەلمىدىم.   ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۇ سۇئاللارنىڭ ئاغزاكى جاۋابىنى بىلسەممۇ،  بىراق قەلبىمدە ئۇ جاۋابنىڭ ئاساسى بولمىسا بۇ يەردە جاۋاب بېرەلمەيدىغان گەپ ئىكەن ئانا.   ماڭا جەھەننەمدىكى ئورنۇم كۆرسىتىلدى.   شۇڭا قىيامەتنىڭ تېز كېلىشىنى ھېچ خالىمايمەن.   چۈنكى قوقۇنچۇم غايەت زور.  ساۋاپلىرى كۆپ بولغان بولسا ئۇلارغا جەننەتتىكى ئورۇنلىرى كۆرسىتىلىدىكەن ۋە ئۇلارمۇ قىيامەتنىڭ تېزراق كېلىپ،  ئۇ نىئمەت ماكانىغا تېزرەك بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىشىدىكەن.  ھەمدە رەببىمىز، پەيغەمبىرىمىز، دىنىمىز، قۇرئانىمىز، ياخشى ئەمەللىرىمىز، ئىمانىمىز ھەققىدە سۇئال سورالغاندا ئۇلار مەندەك خىجىللىق ۋە ئازاپلىق ھاللارنى چەكمەيدىكەن.   بۇ يەرنىڭ قانۇنى ئەنە شۇنداق ئىكەن ئانا.  ماڭا ئازاپ بېرىلىۋاتىدۇ،   قەبرىم مېنى سىقماقتا.  ھەر ئەتىگەن ۋە كەچ جەھەننەمدىكى ئورنۇم كۆرسىتىلىدۇ.   ھازىر ئەڭ كۆپ ئارزۇلايدىغىنىم قەبرەمدىكى بۇ ئازاپلار بىلەنلا قۇتۇلۇپ كەتسەم ۋە مەھشەر سوتىدا پاك بولۇپ،  شۇ ئوتلۇق جەھەننەمگە كىرمىسەمكەن دەيمەن.   دۇئا قىل ئانا ، دۇئا قىل.  ئەگەر بۇ ئازاپلار بىلەنمۇ تازىلانمىسام،  مەھشەردە يەنىلا يامان ئەمەللىرىم ئېغىر كەلسە....  ئاھ،  ئاھ، ...  مېنى پەقەت جەھەننەم ئوتى تازىلايدۇ،  بەك قورقۇۋاتىمەن  .ئارزۇيۇم،   جەننەتنى ئارزۇلىماق،  چۈنكى ئۇ يەردە قىينىلىش يوق،  ھەممە نىئمەت بار.  خالىغىنىڭ تېپىلىدىكەن.  خالىغىنىڭ بېرىلىدىكەن.  بىراق بۇلار ئەلبەتتە بىكارغا بېرىلمەيدىكەن.  ھەم ئەرزانمۇ ئەمەسكەن.  سالىھ ئەمەللەر كۆپ بولسا، گۇناھلاردىن نەفسىنى يەڭسە بېرىلىدىكەن.  ئۇنداقتا ئانا ساڭا ئەسكەرتىپ قوياي.  سالىھ ئەمەللىرىىڭنى يىغ.  ساۋاپلىرىڭ كۆپ بولسۇن.  سەن بولساڭمۇ ياخشى تەييارلان.  تۇققانلىرىمغىمۇ گەپلىرىمنى ئەستايىدىل ئەسكەرتكىن.  ھەممىڭلار اللە نىڭ شەرىئەت بەلگىلىرىمىنى ئۆگىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار.  مېنىڭ ھالىمغا چۈشۈپ قالماڭلار، بولامدۇ ئانا!
بۇ يەردىكى سالىھ ئەمەل ئىگىلىرى بولغان مۆئمىنلەرگە ئەتىگەن ۋە كەچ جەننەتتىكى ئورۇنلىرى كۆرسىتىلىدىكەن.  ئۇلارمۇ جەننەتكە كىرمەستىن جەننەت ھاياتى ياشايدىكەن.  ئوقۇشقان قۇرئانلىرى، تاھارەتلىرى،  زىكىرلىرى بۇ يەردە ئۇلار ئۈچۈن نۇر بوپتۇ.   قەبرىلىرى ئاپ-ئايدىڭ ۋە باغچىدەك گۈزەل ۋە يەنە ئاڭلىغىنكى،  بۇ يەردە تەنلىرى چىرىمەيدىغان،  يىلان-چايان،  قۇرت-قوڭغۇزلار ھېچ چېقىلمايدىغان اللە نىڭ شېھىت قۇللىرى  ۋە ئەۋلىيالىرى بار.   ئۇلار تېخىمۇ ئېسىل نىئمەتلەر رەھمەتلەر ئىچىدىكەن.  ئەنە شۇنداق ئانا.  بۇ ئالەم باشقا بىر دىيار،تامامەن باشقا بىر دىيار....  

جېنىم ئانا،  قەتئىي ئەسكەرتىمەنكى:  دۇنيادا موللىلاردىن ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى توغرىكەن.  ئۇ تەرەپتە بىلىنمەيۋاتقان ،كۆرۈنمەيۋاتقان ئادالەت بۇ يەردە كۆرۈنىدىكەن.  شۇڭا جېنىم ئانا،  ماڭا قۇلاق سال،  ساڭا يالۋۇراي،  قۇرئاندا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە نېمە دېيىلگەن بولسا توغرا ۋە ھەقتۇر  .  ھەممىسىگە چوقۇم ئىشەن ۋە تامامەن بىرمۇ-بىر ئورۇنلا.سەن ۋە سىلەر مېنىڭدە بولماڭلار،  دۇنيانى دەپ ئاخىرىتىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار،  خاراپ قىلماڭلار.  دۇنيادا بېرىلگەن نىئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمتاھان ئۈچۈن بېرىلگەن.   شۈكۈر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالما.  پەرىز ۋە ۋاجىپلارنى قەتئىيلا داۋاملىق ئورۇنلا، سۈننەتلەرگىمۇ چوڭ كۈچ بىلەن دەىققەت قىل. ب  ىلىشىڭ كېرەككى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى سالىھ ئەمەل دەپتىرىڭگە يېزىلمايدۇ،  تۆۋىلىرىڭ قوبۇل بولمايدۇ.  
دۇئالاردىن كېيىنكى دۇئالارمۇ مۇھىم ئىكەن.  كۆپ كۆپ قۇرئان ئوقۇ.   ناماز ۋە قۇرئاندىن كېيىن ماڭىمۇ دۇئا قىل بولامدۇ ئانا.  شۇنىڭ بىلەن جېنىم ئانا، بۇ يەردىكى ئازاپلارنى نەتىجە بەرگۈچى بولغان ئەمەللەردىن قەتئىي قاچ! باشقىلارنىڭ ماددى،  مەنىۋى ھەققى سەندە قالمىسۇن.  قەلىبلەرنى رەنجىتمە،  ئەپۇچان بول.  قىزغانچۇق،  ھەسەتخور ۋە تەكەببۇر بولما،  غەيۋەتلەردىن،  تۆھمەتلەردىن ئۇزاق تۇر.   بۇلار ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئازاپقا تۈرتكەنلىكتۇر.  ۋاقتى-ۋاقتىدا تەۋبە قىل،  تەۋبەڭ چىن بولسۇن.   قەلبىڭ اللە نىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان،  رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىدىغان ھالدا بولسۇن.   قەبىر ھاياتىڭنى ئويلا،  دۇنيا ھاياتىغا ھېرىسمەن بولۇشنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى تەپەككۇر قىل.   ئەتە نەگە بارىدىغانلىقىڭنى،  ئەمەللىرىڭنىڭ يېزىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشا.  چۈنكى سىلەر دۇنيادىكىلەرمۇ بىزدەك بولىسىلەر.  قەبرىگە كىرىشتىن،  سۇئال-سوراققا  تارتىلىشتىن مۇستەسنا قالمايسىلەر.   ھەممىڭلارنى ئۆلۈم ۋە ئەجەل دىققەت بىلەن كۈتىۋاتقاندەك،   جەننەت ۋە جەھەننەممۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.   كۈتىلىۋاتقانلار خەۋەرسىز قالمىسۇن،كۈتكەن تەرەپكە تەييارلانسۇن.  دۇنيا ئۆتىڭىدىكى مېھمانلار بارىدىغان يولىنى ئويلىنىش كېرەك.  ھەقىقەت ئەنە شۇنداق تۇرسا ئوغلۇڭلار ئالداندى، ئانا. دىققەت! دىققەت!!  سىلەرمۇ ئالدانماڭلار، ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، كىچىك پېئىل، كەمتەر بولۇڭلار. ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت ۋە خىزمىتىڭلار كۆپ بولسۇن.  تۇققانلار ئوتتۇرسىدا شەپقەت،  مۇھەببەت كۆپ بولسۇن.  بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى كولىماڭلار.  پىخسىق ئەمەس مەرد بولۇڭلار.  نىئمەتلەردە ھالال دائىرىگە قانائەت قىلىڭلار.  ھەشەمەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئىسراپلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭلار.  رىياكارلىق،  مەنمەنچىلىكتىن ساقلانمىساڭلار،  ئېغىر زىيان ۋە ئازاپ كەلتۈرىدىكەن.  چۈنكى قەبىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە دۇنيا ئەھلىلىرى نەزىرىدە ئېسىل بولغان نەرسىلەر ئۇ تەرەپتە يىرگىنىچلىكتۇر، ئازاپتۇر.
ئاچچىقىڭلارغا،  تىلىڭلارغا ھاكىم بولۇڭلار .  كەمبەغەللەرگە شەپقەتچان،  كىچىكلەرگە ۋە كېسەللەرگە مەرھەمەتلىك بولۇڭلار.  ئۆسۈم ۋە پارىلارغا يېقىن يوللىماڭلار.  ھارام-ھالالنى بىلىڭلار.  ھاراقنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىردۇر.   مۇسۇلمانلار سالاملىشىپ تۇرۇڭلار.  مۇ بارەك كېچىلەرنى غەپلەت بىلەن ئەمەس ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.  كىچىك گۇناھلارنى كىچىك كۆرمەڭلار،  بۇلۇپمۇ بالا تەربىيىسىگە بەكمۇ دىققەت قىلىڭلار.  قىزلار كىيىم-كىچەكلىرىگە دىققەت قىلسۇن.   بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرۇڭلارغىمۇ دىققەت قىلىڭلار.  يۇقۇرقىدەك شەرىئەت مەسىلىلىرىگە سەل قارىلىدىكەن،  پۇشايمانلار بەكمۇ كۆپ بولىدىكەن ئانا.   خەق كۆرمىدى دېمەڭلار،  گۇناھ يۇشۇرۇن قالدى دېمەڭلار.  يۇشۇرۇن گۇناھ يوق ئىكەن.   ئەزالىرىمىز نېمە ئىش قىلغان بولسا ئۆزلىرى بىرنىمۇ قويماي گۇۋاھ بولىدىكەن،  سەل قارىماڭلار ئانا سەل قارىماڭلار.

ئۆلۈمگە ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكىگە ياخشى  تەييارلىنىڭلار.   نەفسىڭلارنىڭ ئىستىبدادى ئاستىدا قالماڭلار.  جىھادنى نەفسىڭلار بىلەن قىلىڭلار.   بۇ تەرەپتە ھېسابقا تارتىلىشتىن بورۇن،  ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھېسابقا تارتىڭلار  .چۈنكى ئىنسان كونتىرولسىز ئەمەس.   ئەبەدى ئالەمگە نامزاتتۇر.  چوڭ،  كىچىك،  ئاز-كۆپ پۈتۈن ئەمەللىردىن ھېساب بېرىدۇ.  يا ھەسرەتكە قالىدۇ،  يا مۇكاپات ئالىدۇ!
جېنىم ئانا، دەيدىغانلىرىم يەنە كۆپ بولىشى مۇمكىن.  ھازىر مۇشۇ يەردە توختىتاي.  
ئاخىرقى سۆزۈم: _  ھايات، دۇنيادىكىلا ھايات ئەمەس ئىكەن. سەگەك بولۇڭلار ۋە تېخىمۇ سەگەك بولۇڭلار....
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-15156.html




تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-25, 22:10

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لەييان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-25 22:32 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1229
شۆھرىتى: 12770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1403 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغاي
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 08:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئائىيشە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2273
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 364
شۆھرىتى: 3780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3900 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 391 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يا رەببىم مۇسۇلمان بۇلۇپ تۇغۇلدۇم. مۇسۇلمان بۇلۇپ ياشاپ،مۇسۇلمان بۇلۇپ ئۆلۈشنى نىسىپ ئەتكىن اللاھ...!
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 10:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ھۇزۇر
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 711
شۆھرىتى: 7250 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7450 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 752 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بېلىپ-بىلمەي قېلغان گۈناھلىرىمىنى مەغپىرەت قىلغايلا ئاللا.رەھمىتى ئانامنىڭ جىق دۇئالىرىنى ئىلۋاپتىكەنمەن،ئاللا يۇلىدا.........................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 12:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەرھابا0997
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 4255
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرىتى: 20 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 3 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ ،ھەر بەندىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،ئىماننى ھەمرا قىلىڭ.....
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 17:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەرھابا0997 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

mukam88
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4093
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرىتى: 900 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 900 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 92 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللا ھەمىمىزگە ئنساپ ۋە ئىمان ئاتا كىلسۇن ئامىن.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 02:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( mukam88 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرىتى: 2000 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1540 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 200 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ ،ھەر بەندىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،ئىماننى ھەمرا قىلىڭ   
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-28 18:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كوسەن ئوغلى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3927
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرىتى: 1120 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1120 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 113 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

اللاھ  ئمانمزنى مۇستەھكەم قىلغاي .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 03:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كوسەن ئوغلى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/