oznur.cn abduheni
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1231
شۆھرىتى: 12790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 13000 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1405 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سوئال: ئامېرىكىدەك دۆلەتتىمۇ بالىلارغا ئىسلامىي مەكتەپلەر بار ئىكەن، ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. بۇنداق مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپ يىنىكلەتسە كېرەك؟
جاۋاب: ئەلھەمدۇلىللاھ، قىيىنچىلىق دېگەن ھەممىلا يەردە بار، گەپ شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادىگە كېلىش، شۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇش ياكى تونۇيالماسلىقتا. بالام ئوقۇغان مەكتەپ ئەسلىدىكى ئۆيىمىزدىن ماشىنا بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يول ئىدى. كۈندە ئەتىگەندە بامداتتىن كېيىنلا بالىنى بەزىدە ياخشى گەپ بىلەن، بەزىدە ھەتتا خاپا بولۇپ تۇرغۇزۇپ، مەكتىپىگە ئېلىپ ماڭاتتىم. بالىنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئىشىمغا ماڭاتتىم. ئىشقا كەلگەندە ھېرىپ ھېچ ماجالىم قالمايتتى. كەچتە بالامنى مەكتەپتىن ئەكىلىپ بىر دەم ئىشخانىدا تاپشۇرۇق ئىشلىتەتتىم. ئاندىن يەنە شۇنداق ئۇزۇن يول مېڭىپ قايتىپ كېلەتتۇق. كۈندە تۆت سائەتلەپ ماشىنىدا ئولتۇرۇش بىز چوڭلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئېغىر بىر سەپەر، كىچىك بالا ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بالام كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھارغىنلىقتىن كرېسلودا يېتىپلا ئۇخلاپ قالاتتى.  
شۇنداق چاغلاردا بەزىدە «تېخى كىچىك بولغاندىكىن، ئۆيگە يېقىنراق ئاممىۋى مەكتەپكە بېرىپ تۇرۇپ، سەل چوڭ بولغاندا ئاندىن ئىسلامىي مەكتەپكە ئالماشتۇرساقمىكىن» دېگەننىمۇ ئويلاشتۇق. بەزىلەر: «بالىنىڭ ھەقىقىي خارەكتېرى يېتىلىدىغان ۋاقىت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچتا قەيەردىلا ئوقۇسا ئوخشاش» - دەپ بىزگە ئاممىۋى مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ، يەنە ئىككىلەندىم. مەسىلەن، مەكتەپتە رامىزان ئايلىرى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىفتارنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا قىلاتتۇق، شۇنداق چاغدا باشقىلارغا دىققەت قىلىپ باققانىدىم. ئادەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىفتار ئالدىدىكى دۇئا قوبۇل بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، توختىماي ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. لېكىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان، خېلى ياخشى تەربىيە ئالغان مۇسۇلمان بالىلارمۇ چاقچاقلىشىپ، ئوينىشاتتى. شۇلارنى ئويلاپ بالا ئۈچۈن تەربىيىلىنىدىغان مۇھىتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، مۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولسا چوقۇم تەقۋا بولىدۇ، دېيەلمەيمىز، لېكىن بىز ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاللاھ بىزگە ۋەزىپە قىلىپ بەرگەن بالىلىرىمىزنى چوقۇم قولىمىزدىن كەلگىنىچە ئەڭ ياخشى ئىسلامىي مۇھىتتا چوڭ قىلىش، تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەربىر بالا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى مەجۈسى قىلىپ چىقىدۇ» دېگەن.  
ئەلھەمدۇلىللاھ، شۇنداق قىلىپ، بالامنى سەل جاپا تارتساقمۇ، ئىسلامىي مەكتەپتە ئوقۇتتۇق. شۇنچىلىك جاپاغا چۇشلۇق، بالاممۇ ناھايىتى ئوبدان تەربىيە ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى مۇنداق:
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار مەكتەپكە كېلىپ ئەڭ ئاۋۋال ئۇدۇل مەسچىتكە كىرىدۇ. مەسچىتتە بۇلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ياكى چوڭراق مۇئەللىملەردىن بىرەرى بۇلارغا بىرەر ھەدىسنى سۆزلەيدۇ، ئاندىن شۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق تېمىلىق پائالىيەتلىرى بار، مەسىلەن، بۇ ئايلىق تېمىسى راستچىل بولۇش، بولسا، ئاساسەن مۇشۇ ئايدا ھەركۈنى راستچىللىق توغرىسىدا ھەدىس سۆزلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدە راستچىل بولۇشنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. شۇ ئايدا ھەم سىنىپنىڭ، مەكتەپنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرلىرىگە «راستچىللىقنىڭ ئۈلگىسى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ قويىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى راستچىل بولۇشقا ئۈندەيدىغان ھەدىس ۋە ئەقلىيە سۆزلەرنى يازىدۇ. باشقا دەرسلىرى مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك.  
ئەلھەمدۇلىللاھ. ھازىر ئۇ قىيىنچىلىقلار ئاساسەن تۈگەپ بالامنىڭ مەكتىپىگە يېقىن يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. لېكىن يولدىشىمنىڭ مەكتىپىگە يىراقلاپ كەتتۇق. ھازىر يولدىشىمنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشىگە كۈنىگە تۆـ سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.  
سوئال: ئەر-ئاياللار ئىككىلىڭلار دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن ئۆزۇڭلار خەۋەر ئاپسىلەر، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ قۇرئان يادلايدىكەنسىز، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟
جاۋاب: ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋە لا ھەۋلە ۋە لە قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ. ۋاقىتنى ئالدىنئالا پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدىنقى كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ يېزىپ چىقىش بىر ياخشى ئادەت. ئەتىسى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن باشلاپ شۇ ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقا چۈشسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ سەزمەي نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىچىك بالىسى بار ئادەم تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك بولىدۇ. نىمە قىلىشىڭىزنى ئالدىن پىلانلىۋالمىسىڭىز بىكار ۋاقتىڭىز قىلىدىغان ئىشىڭىزنى تېپىپ بولغىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. .  
بالىلار 3-4 ياشقىچە كۇنىگە كەم دىگەندە 12 سائەت ئۇخلايدۇ. ئەگەر سىز 8سائەت ئۇخلىسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزگە يەنە 4 سائەت ئەركىن ۋاقىت بار، دىگەن گەپ. ئاشۇ 4 سائەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىغا ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، ياخشى ئوينىتىپ قويسا، بالا ئاستا-ئاستا ئۆزى ئوينايدىغان بولىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىز بىلەن ئوينىغان قىياپەتتە، لېكىن كاللىڭىزدا باشقا ئىشنى ئويلاپ ئولتۇرسىڭىز، بالىڭىز سىزگە تېخىمۇ يېپىشىۋالىدۇ. چۇنكى بالىلار سىزنىڭ ئۇلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىدۇ ۋە سىزنىڭ ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى سېغىنىپ كەچكىچە كەينىڭىزگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھىچبولمىسا يېرىم سائەت ئاجرىتىپ كىچىك بالا بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ تەڭ ئويناش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ كۆز ئالدىدا تاماق ئەتسىڭىزمۇ ۋە كىتاپ كۆرسىڭىزمۇ خاتىرجەم قىلالايسىز.  
ئىبادەتكە كەلسەك، بالىلار ناماز ۋاقتىنىڭ بىر ئالاھىدە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بارغانچە چۈشىنىدۇ. شۇڭا ناماز ۋاقتى بولغاندا بالىنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېچىكتۇرمەي ناماز ئوقۇش كېرەك، بارا- بارا يىغلاۋاتقان بالىمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن ھامان «بەرىبىر ئاپام نامىزى تۈگىمىچە ماڭا قارىمايدۇ» دەپ شاپپىدە توختاپ قالىدىغان بولىدۇ .  
كىچىك بالىلار ئاپىسى بىلەن بىللە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا يەنە بىر ئۇسۇل، بىللە تاھارەت ئېلىپ، بىللە ناماز ئوقۇسا بالا ھەم كاشىلا قىلمايدۇ، ھەم ئۆزىمۇ ئۆگىنىپ قالىدۇ. ھەتتا قۇرئان ئوقۇشمۇ شۇنداق، قۇرئاندىن ئىككىنى ئەكىلىپ «بالام، سىز قايسىسىنى ئوقۇيسىز؟» دەپ، بىرسىنى تاللىتىپ يەنە بىرسىنى ئۆزىڭىز ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. بەزىدە مېنىڭ كىچىك بالام توختىماي مېنىڭ قولۇمدىكىنى تالىشىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا تىزىمدا ئولتۇرغۇزۇپ «ئىككىمىز تەڭ ئوقۇيلى» دېسەم، «ماقۇل» دەپ بەش مىنۇت بولسىمۇ ئولتۇرۇپ بېرىدۇ.  
ئۆيدە نۇرغۇن ئۆي ئىشلىرىنى بالىلار بىللە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلغاندا بالىلارنى تەڭ قاتناشتۇرسا، ئۇلار ھەم خۇشال بولىدۇ، سىزمۇ ھەم ئىشىڭىزنى قىلالايسىز. بىز بىرىنچى بالىمىزدا كۆپ قىينالغان ئىدۇق، ئىككىنچى بالىمىزدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدۇق، ئاللاھ تائالا بىزگە كۆپ ئاسانچىلىق بەردى. نېمە ئىش قىلسام «مەنمۇ قىلىمەن» دېسە، ماقۇل دەپ قوللىرىنى يۇيۇپ قىلىۋاتقان ئىشىمنى تۇتقۇزۇپ قويىمەن، بەزىدە ئۇزۇن قىلىدۇ، بەزىدە بىردەمدىن كېيىنلا زېرىكىپ ماڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. زېرىككەن ئىشلىرىنى كېيىن قىلىۋاتقىنىمنى كۆرسىمۇ قايتا تالاشمايدۇ. ئەمما بەزى ئىشلارغا ياق دەيمەن. مەسىلەن، پىچاق، قايچا بىلەن قىلىدىغان ئىشلارنى تالاشسا كىچىك بالىلارنىڭ قايچىسى ياكى ئۆتمەيدىغان پىچاق بېرىمەن
ۋە قولۇمدىكى پىچاق، قايچىنى بەرسەم نېمە ئۈچۈن بولمايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىمەن. شۇڭا ھازىر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بىز ھەممىمىز ئۇچۇن كۆڭۈللۈك ئىش بولۇپ قالدى.  
قىسقىسى، بالا ئويغاق چاغدا مۇشۇنداق ئىشلارنى تۈگىتىۋالسىڭىز، ئاندىن بالا ئۇخلاپ قالغاندا كوپرەك زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.  
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىزگە قۇرئاننى يادلاشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسان قىلىپ بەرگەن. ئەگەر بىز نىيەت قىلساق ۋە تىرىشساقلا، ئۇنىڭ ھىچ بىر قىيىن ئىش ئەمەسلىگىنى ھېس قىلىمىز. مەن دائىم قۇرئاننى مۇسھەفتىن يادلاشقا تىرىشىمەن. چۇنكى ئايەتنىڭ ئورنى بىلەن يادلاش ئەستە تۇتۇشقا پايدىلىق ئىكەن. ئاۋال يادلىماقچى بولغان ئايەتنى ئوقۇيمەن، ئاندىن ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى سۆزمۇ سۆز ئۆگىنىمەن. ئاندىن مەنىسى ھەققىدە ئويلايمەن. بۇنىڭغا 5-10 مىنۇت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاۋۋال قىلىۋاتقان ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. يەنە 1-2 سائەتتىن كېيىن ئۇ ئايەتنى مۇسھەفتىن 3 قېتىم ئوقۇيمەن ۋە ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېسىمگە ئېلىشقا تىرىشىمەن. ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان بولسام سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى قايتا كورىمەن. ئاندىن، كىتاپقا قارىماي ئېسىمدە قالغىنىنى 3 قېتىم دەپ بېقىشقا تىرىشىمەن. ئاندىن كىتاپنى ئېچىپ يەنە 3 قېتىم ئوقۇيمەن. مۇشۇ جەرياننى تاكى ئۇ ئايەتنى يادلىغانغا قەدەر تەكرارلايمەن. بۇنىڭغا يەنە 5-10 مىنۇت كېتىدۇ. بەزىدە يەنە ۋاقىت چىقىرىپ شۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىنى ئوقۇشقا تىرىشىمەن. ئەگەر بىز ھەر كۇنى قۇرئان يادلاشقا 20 مىنۇت ئاجراتساق ناھايىتى تېز ئىلگىرلەيمىز. چۈشىنىش ۋە يادلاش بارغانسىرى ئاسان توختايدۇ.  
ئەگەر سىز ۋاقتىڭىز ئويلىغان ئىشلىرىڭىزغا يېتىشمىگەندەك ھىس قىلسىڭىز، ھەر كۇنى نېمە ئىش قىلغانلىغىڭىزنى مىنۇت-سېكۇنتلىرىغىچە سەمىمىيلىك بىلەن بىر دەپتەرگە يېزىپ مېڭىڭ ۋە بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇڭ. بىر ھەپتىدىن كېيىن يازغان خاتىرىڭىزنى كۆزدىن كەچۇرۇپ چىقسىڭىز نېمە ئۇچۇن ۋاقتىڭىز يەتمىگەندەك ھېس قىلغانلىغىڭىزنى بىلىسىز. ئاندىن سىز ئىشلىرىڭىزنى 2 تۈرگە ئايرىڭ: سىز قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئىشلار ۋە سىز قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار. ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار. مەسىلەن، بالامنىڭ قورسىغى ئېچىپ كەتسە بىر نەرسە بېرىش مەن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىش، ھەدىس يادلاش مەن قىلىشنى خالايدىغان ئىش. بىز مەجبۇرىيىتىمىزنى تونۇشىمىز ۋە ئۇلارغا جىددى قارىشىمىز كېرەك. بىز ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، دەپ ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىسەك بولمايدۇ. يەنە مەسىلەن، نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇش بىلەن قۇرئان ئوقۇش ياكى يادلاش ئوخشىمىغان ئىككى تۇرگە چۇشىدۇ. بىز قۇرئان يادلايمەن، دەپ ئولتۇرۇپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتسەك بولمايدۇ.  
قىسقىسى، ئالدىن پلانلاش ۋە ۋاقىتنى تېجەپ ئىشلىتىشنىڭ ماڭا كۆپ ياردىمى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى چەكلەش كېرەك ئىكەن.
سوئال: ھازىر ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ھەمشىرىلەر ئارىسىدا بەرىبىر ئوقۇساقمۇ يەنە بېرىپ ئۆيدە ئولتۇرىدىكەنمىز، دەپ مەكتەپنى تاشلاش خاھىشى ئېغىركەن. سىز مۇشۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىش تەس. ھەر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. بىلىم ئېلىش بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ھىچ زىددىيىتى يوق، يەنى ئۆيدە ئولتۇرغان ئادەم بىرنەرسە بىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىش بىر خاتا ئاڭ. بىلىم ھەر كىشىگە كېرەك. ئەمما بىلىمنى قانداق ئېلىش مەسىلىسى باشقا بىر گەپ. مەن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن، دەپ ئويلايمەن.  
لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئۆيدە ئولتۇرۇش ئايال كىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەجىر بېرىلىدىغان ئىش. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەشەببۇسىغا قارىساقمۇ، ئەرلەرنىڭ سىرتلاردا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك ئىشتىراك قىلىپ، ئائىلىنى قوغداش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەتراپىدىكىلەرگە كۆپرەك ياردەم قىلىشنى، ئايال كىشىنىڭ بولسا ئائىلىدە بولۇپ، ئائىلىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئايال ۋە ياخشى ئانا بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئايال كىشى ئائىلىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ياخشى قورۇقچى بولالىسا ئەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىپ، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم داۋاملىشىشى، پەرزەنتلەرنىڭ ئىللىق مۇھىتتا تەربىيىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئايال كىشى قانچە بىلىملىك بولغانچە، بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئەتراپلىق بولۇپ چىقىدۇ، بالىنىڭ تەربىيىسى كۆپ ھاللاردا ئانىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ بىلىم ئالماسلىقى ياخشى ئىش ئەمەس. ئاياللار بىلىملىك بولسا خەلقىمىز ئاندىن گۈللىنەلەيدۇ. لېكىن، مەن بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم مەھرەمسىز ھالدا يىراقلارغا سەپەر قىلىش كېرەك، دەپ قارىمايمەن.  
سوئال: يېڭى توي قىلغان، يېڭى بالىلىق بولغان ھەمشىرىلەرگە ئائىلە، ئاياللىق ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش توغرىلىق ئىككى ئېغىز نەسىھەت ۋە تەكلىپ بەرسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.  
جاۋاب: سىڭلىم، يېڭى توي قىلغان ھەمشىرىلەر ئامال بار ھەممە ئىشىنى تاشلاپ ياخشى ئايال بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بىر ئائىلە جەمئىيەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا ئەر- ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئائىلە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم. ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش. مەن ھېلىلا سىزگە «بىز يەنىلا نىكاھقا ئېھتىياجلىقمۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئەۋەتتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر ئابزاس بار:
«بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى شۇكى، نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، شۇندىلا، ئىنشائاللاھ، ئىككى تەرەپ ئوخشاش ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، نىكاھتىن كېيىن شەيتان ھەر ئاماللار بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋېتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاران تەستە قوشۇلغان بۇ بىر جۈپنى ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. جەبىر ئىبن ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ باشلىقى ئىبلىسنىڭ تەختى دېڭىزنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا شەيتانلارنى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئىبلىسنىڭ نەزەرىدە شەيتانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭ يامانلىق قىلالىغىنىدۇر. ئاندىن ئىبلىس ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلايدۇ. قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئارىسىغا خاتا چۈشىنىش ۋە گۇمان پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىسا ئىبلىس ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ئىبلىس كېلىپ شۇنى بايان قىلغۇچىنى قۇچاقلايدۇ، ھەم «سەن قالتىسكەنسەن» دەيدۇ. يەنى، بۇ شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئازدۇرغانلىقىدۇر(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). »  
يەنى، ھەر بىرىمىز شەيتاننىڭ بىزنى ئازدۇرۇش ئۇچۇن قىلىۋاتقان ۋەس-ۋەسىلىرىگە بويسۇنماسلىقىمىز لازىم ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرىشىمىز لازىم. بۇ تېمىدا نۇرغۇن ماقالىلار بار. مەن بىرنەچچىسىنى تاللاپ ئەۋەتتىم. تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ. كېيىنچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە چاپلاپ قويارمىز. بالا تەربىيىلەشمۇ چوڭ بىر تېما. ئۇ توغرىلىق كېيىنچە ئوقۇغانلىرىمنى ئورتاقلىشاي. جاھاندا ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشتىن تەس ئىش يوق ئىكەن، دەپ ئويلايمەن. بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئىنتايىن قىيىن ئىش. ھازىرچە مېنىڭ ھېس قىلغىنىم:  
1 . ئاللاھتىن كوپ ياردەم سوراش. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش.  
2 . بالىمىزغا ئۆگەتمەكچى بولغان ئىشتا ئاۋال ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇش. '
3 . پەرزەنتىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.
بۇ توغرىدا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي. ئەمدى ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ تۆەندىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەدە، كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىۋەتتىم، سوئاللارغا ۋاقىت چىقىرىپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  
ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت قىلسۇن. ئەگەر مەن باشقىلارغا پايدىلىق، ياخشى سۆلەرنى سۆزلىگەن بولسام بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن. ئەگەر مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇنلار قوشۇلۇپ قالغان بولسا ئۇ مېنىڭ يېتەرسىزلىكىمدىن. ئاللاھ ئالىمدۇر


تامام


مەنبە:قۇتيار تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-22, 13:55

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( خوشامەت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-22 20:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 14045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 23048 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1420 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەلۇم بىر بىلىمنى ئۈگۈنۇپ ئۇنى پىشىقلاشقا كۈندەن 10 مىنۇتلا يىەرتلىك ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش مۇھىم.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 11:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 70
يازما سانى : 1873
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم .......................................
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 11:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتجان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3034
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 377
شۆھرىتى: 3890 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 419 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلاكەن ،ھەم بالا تەربىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 22:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تىل ئوگۇنۇش بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/