[ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق
ئاپتۇرى:يۇلغۇنجان
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
چاچلىرىڭغا قونمىسۇن توزان.
لاتاپىتىڭ گۈزەللىكىڭنى،
ئىپ كەتمىسۇن ئىشپىيون بوران.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
قورۇنمىسۇن ئەجدادىڭ روھى.
خۇنوكلىشىپ كەتمىسۇن،ئاللاھ
ئاتا قىلغان پاكلىقنىڭ نۇرى.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
كۆرىنىسەن ئولۇغ مومامدەك.
ئەنداز بولغىن ساھپجامالغا،
ئاي-يۇلتۇزدىن ئەنداز ئالغاندەك.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
سالام قىلار ساڭا نۇر قۇياش.
بوسۇغاڭدا ياتسۇن تەلمۇرۇپ،
يۇلتۇزلارمۇ تۆكۇپ مۇنچاق ياش .
(خاتىرەمدىن)
shatuti.com