oznur.cn abduheni
parhat
قوچىقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قوققىنى ئەمەس!
دەرىجىسى : مەڭگۈلۈك ئەزا


UID نۇمۇرى : 132
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 244
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان _ قۇملۇقتىكى ئەڭ چوڭ قازان


        بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن قەشقەردىكى مىللىي بۇيۇملار سارىيى ئالدىدا دىئامېتىرى1.50 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن يېرىم مېتىر كېلىدىغان، بىر قېتىمدا يەتتە – سەككىز قوينىڭ گۆشىنى پۇشۇرغىلى بولىدىغان بىر قازاننى كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا مەن ئۇنى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قازان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان.

     بۇلتۇر 11 – ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە بارغىنىمدا  ئۇ يەردىكىلەر ماڭا: ھاراپ يېزىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال:

     — قازاننىڭ دىئامېتىرى ئىككى مېتىر كېلەمدۇ؟  دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار:

     — ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغانلىرىمۇ بار،   دېدى. كاللامدىن شۇھامان «دۇنيادا شۇنداقمۇ چوڭ قازان بولامدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا بۇ قازاندا قانداق تاماق ئېتىلىدۇ؟ بۇنداق چوڭ قازاننى قانداق ياسايدىغاندۇ؟»دېگەن خىياللار كەچتى.

     شۇ خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئەڭ چوڭ قازاننى كۆرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك مەدەنىيەت  – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇدابەردى بىلەن  يولغا چىقتىم. ھاراپ يېزىسىغا بارغاندىن كېيىن يېزىدىكىلەر: يېزىنىڭ ئاياغجىلغا كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى «ئوردا مازار»دېگەن يەردە بىر نەچچە چوڭ قازان بارلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى، ھەتتا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قازان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى دېيىشتى.

     ئۇلار ماڭا «ئوردا مازار»قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ئارىلىقنىڭ 24 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، يولنىڭ ناچارلىقىنى، ئەتراپىنىڭ قۇملۇق  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

     ئۇلار بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ، بىزگە ئاياغجىلغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن ھەسەن بىلەن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ كادىرى ئابلىكىم سۇلايماننى ھەمراھ قىلدى. بۇلار 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەزىمەتلەر ئىدى، ئۇلار يول باشلىغاچ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ماڭدى.

     يېزا مەركىزىدىن ئانچە ئۇزىمايلا  بىپايان قۇملۇققا كىرىپ كەتتۇق، خەرىتىدىن قارىغاندا بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەرب چېتى ئىدى.  شوپۇر يۈرەكلىك ھەم تېخنىكىغىمۇ پىششىق بولغانلىقتىن قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۈپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، قۇم بىلەن قورشالغان «ئوردا مازار»غا كەلدۇق. مازارغا پۈتۈلگەن خەتلەردىن قارىغاندا، بۇ  نامدار بىر زاتنىڭ مازىرى ئىكەن. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1998 –  يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بۇ ئورۇننى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپتۇ.  بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان كىم؟ ئۇنىڭ چوڭ قازان بىلەن نېمە باغلىنىشى بار؟
بىز غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن، ياسىن ھەسەن بىلەن ئابلىكىم سۇلايماننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 7 – خاقانى ئۇرۇش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندا كىشىلەر  ئۇنى مۇشۇ جايغا  دەپنە قىلغانلىقتىن، بۇ يەر شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دىياردىكىلەرنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلانغانىكەن. تاۋاپچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن  چوڭ قازان قۇيۇلغان ئىكەن. 1911 – يىلى دىئامېتىرى ئىككى مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 80 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 6.28 مېتىر كېلىدىغان مىس قازان قۇيۇلۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازاندا بىر قېتىمدا تۆت كالىنىڭ گۆشىنى پۇشۇرۇشقا بولاتتىكەن. كىشىلەر ئۇنى «ئالتۇن داش»دەپ ئاتايدىكەن.

     بىز پاراڭلاشقاچ ئەتراپىنى قۇم بېسىپ كەتكەن  بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن ئۇلاردىن: «ھېلىقى قازان قەيەردە؟»دەپ سورىدىم. ئۇلار  «مۇشۇ يەردە»دېدى. بىز قازاننى تەپسىلىي كۆرۈش ئۈچۈن شەرق ۋە جەنۇب تەرەپتىن قۇم دەسسەپ ئۆگزىگە چىقتۇق. ئۇلار ئۆگزىدە تۇرۇپ: بۇ ئۆي «تاۋاپخانا»دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا پۇقرالاردىن ئىئانە يىغىپ سېلىنغان، قازانمۇ مۇشۇ يەردە، ئۇزاق ۋاقىت  تاشلىنىپ قالغاچقا، ئۇنى شۇ پېتى ساقلانغان، دەپ ئېيتالمايمىز، دېيىشتى. تاۋاپخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇم بېسىپ كەتكەچكە،  كەڭلىكى50 سانتىمېتىركەلگۈدەك تۈڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە كىرىشكە بولىدىكەن. بىز شۇ  تۈڭلۈكتىن ئۆيگە كىردۇق. تاۋاپخانىنىڭ ئىچىنىمۇ قۇم بېسىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ غەرب، شىمال تەرىپىدە ئازراق بوشلۇق بار ئىكەن، غەرب تەرىپىدە تەخمىنەن 10 مېتىردەك كەڭلىكتىكى يەرگە  چوڭ ئۈچ قازان قويۇلۇپتۇ. شىمال تەرىپىگە  چوڭ ئىككى قازان جايلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىغا قازانغا چىقىدىغان پەلەمپەيلەر ياسالغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازانلاردا قوي، تۆگە گۆشلىرى پىشۇرۇلىدىكەن. بۇ قازانلار سولدىن ئوڭغا قاراپ چوڭ كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. 1911 – يىلى قۇيۇلغان چوڭ مىس قازانمۇ مۇشۇ يەردە ئىكەن.  ئۆينىڭ شەرق تەرىپىگە ھېلىقى ئالاھىدە چوڭ قازان قويۇلۇپتۇ. بۇ قازاننىڭ دىئامېتىرى ئۈچ مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 1.50 مېتىر،  ئايلانمىسى 9.45 مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا پەلەمپەي بىلەن چىقىلىدىكەن، بىر قېتىمدا ئالتە تۆگىنىڭ گۆشىنى پىشۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان چۆمۈچنىڭ سېپى پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىكەن. ھەمراھلارنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ قازان 1987 – يىلى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاياغجىلغا كەنتىدە ياسالغانىكەن، ئۇنى ياساشقا  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق بازىرى، قەشقەر، مەكىت، يوپۇرغا، قاغىلىق، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 38 ئۇيغۇر ئۇستا قاتناشقانىكەن، ئۇنىڭغا 4.5 توننا چويۇن سەرپ قىلىنىپتۇ، قازاننىڭ ئەتراپىغا ئۇنى ياساشقا قاتناشقان ئاساسلىق ئۇستىلارنىڭ ئىسمى ئويۇپ قويۇلۇپتۇ.

       كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بەش چوڭ قازان بۈگۈنگىچە يەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ چوڭ قازاننىڭ ياسالغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى بۇ قازانلارنىڭ تېخىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى توپا – چاڭ بېسىپ كەتكەن، بەزى يەرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق ئېتىش مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى، دېيىشكە بولىدۇ.

     ئۇنداقتا بۇ قازاننى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بەزى ماتېرىياللارنى ئاختۇردۇم. ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە،  فۇجۇنىڭ گوشەن تېغىدىكى تۇڭچۇەن بۇتخانىسىدا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭيۈ يىللىرىدا (1043 – 1036) مىس – تۆمۈردىن قۇيۇلغان، 250 كىلوگرام گۈرۈچتە تاماق ئەتكىلى بولىدىغان، مىڭ ئادەم غىزالىنالايدىغان «راھىبلار قازىنى» بار ئىكەن. ئۇنى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ قەدىمىي قازان، دېيىشكە بولىدۇ.

     ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس شەھىرىنىڭ مەركىزىي كوچىسىدا ئۈستى  ئوچۇق بىر ئاشپۇزۇل بار، ئۇنىڭدا ئېگىزلىكى بەش مېتىر، دىئامېتىرى 2.50  مېتىركېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قازان بولۇپ، بىر قېتىمدا 100 ئاشپەز تاماق ئېتىدىكەن، ئۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قازان بولسا كېرەك. شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ قازاننى «دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى»غا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن بۇ قازانمۇ چويۇندىن قۇيۇلماستىن تۆمۈردىن ياسالغان.

    مەن ھازىرغا قەدەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى «ئوردا مازار»دىكىدەك چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئىسپات تاپالمىدىم. مېنىڭچە چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ باشقا جايدا يوقلۇقى  شەك – شۈبھىسىز. ئۇ چوقۇم «دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى»غا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك قازان.

مەنبە : تەڭرىتاغ تور
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-12 00:40 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( parhat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن   خوتەندە   12   كالىنىڭ  گۆشىنى  بىر  قېتىمدىلا  پىشۇرغىلى  بولىدىغان  قازان  بار   ،  دەپ   ئاڭلىغان  ئىدىم .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 19:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۆزھال0908
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 232 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇنداق ئشلارمۇ بار كەندە تىخى
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 21:48 | 新疆喀什市

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۆزھال0908 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۋ
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 03:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

237
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 7 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋاي ۋاي بەك چوڭ كەن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-10 15:07 | 新疆乌鲁木齐市

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 237 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خۇرۇچ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1707
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرىتى: 670 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 670 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 67 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن  قىزقىپقا لدىم  يىڭى  خەۋەر.  
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-18 01:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خۇرۇچ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2328
شۆھرىتى: 25225 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36650 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2589 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 886(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىچىگە ئىلمان سۇنى تولدۇرۋېىلىپ ئاشپەزمۇنبىردىكى مۇنبەرداشلا  سۇ ئۈزۈپ ئوينىساقمۇ بۇلغىدەك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-18 23:36 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-19 20:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 14045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 23048 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1420 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ تىمىنى كۈرۈپ خوش بولدۇم ،
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-19 21:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ھاياتلىق
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 29
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرىتى: 1306 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1410 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 136 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

گۈلقەنىتنىڭ سۇ ئۈزگىسى  كەپتۇدە  


           بۇ پىكىرمۇ بولغۇدەك  !  


                  مىنىڭ شۇ قازاننى  كۆرگۇم كېلىۋاتىدۇ دىسە  !














[s:97][s:97][s:97][s:97]
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-19 23:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھاياتلىق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تارىخقا نەزەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/