
ئىتىش ئۇسۇلى :
ئاساسىي ماتىرىياللىرى :
ئۆزىڭىز ياخشى كۆردىغان ماتىرىياللارنى تەييارلايسىز ، مەسلەن : لامىنارىيە (خەيدەي ) ، مۇگۇ ، دۇفۇ تىرىسى ، مايلىق دۇفۇ ياپىراقچىسى ، تۇخۇ تاشلىقى ، بەرەڭگە ، پالەك قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا .
دۇرا دەرمەك ماتىرىياللىرى :
پىياز، زەنجىۋىل ، سامساق ، چۇڭچىڭ يەل قازان شۇرپىسى دەرمەكلىرى مۇۋاپىق مىقداردا ، تۇز ، شىكەر ، شىڭچيۇ ، لىياۋ جۇ ( سېرىق ھاراق ) ، توخۇ تەم جەۋھىرى ، ئاقمۇچ تالقىنى قاتالىقلار .
1. ئۆزىڭىز ياخشى كۆردىغان ماتىرىياللارنى ۋە بامبۇك زىخلارنى تەييارلىۋالىسىز ، ئاندىن قازانغا قايناقسۇ قۇيۇپ ، ئاز مىقداردا تۇز سالىمىز ئاندىن بامبۇك زىخلارنى سىلىپ 5 مىنۇت قاينىتىمىز .

2. ئايرىم قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ، لامىنارىيە (خەيدەي) ، توخۇ تاشلىقى قاتارلىقلارنى سىلىپ پۇشۇرۋالىمىز .
3. بارلىق ماتىرىياللارنى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك تۇغراپ ، بامبۇك زىخلارغا ئۆتكۈزىمىز .

4. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ ، ئۈستىگە چۇڭچىڭ يەل قازان شۇرپىسى دەرمەكلىرى ( 重庆火锅底料) نى سېلىپ ، بۇش ئوتتا پۇراق چىققۇچە قۇرۇيمىز .

重庆火锅底料

5. قازانغا شۇرپا ياكى سۇ قۇيۇپ بولۇپ ئۈستىگە يەنە پىياز ، زەنجىۋىل ، سامساق تۇغرالمىلىرىنى سالىمىز .

6. يەنە ئۈستىگە سېرىق ھاراق ( لىياۋ جۇ) ، شىڭچيۇ قاتارلىقلارنى قۇيۇيىمىز .

7. ئۈستىگە يەنە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ، ئاقمۇچ تالقىنى ، توخۇ تەم جەھىرىنى سالىمىز .

8. پۇراق چىققۇچە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىمىتىز ، ئاندىن كىيىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆردىغان ماتىرىياللارنى تاللاپ ، كىچىك قازانغا سالىسىز .

9. باياتىن بىز پۇشۇرۇپ تەييارلىۋالغان شۇرپىنى كىچىك قازانغا قۇيۇپ يىسەك بولىدۇ . ئاستىدىن قىزتىپ قاينىتىپ يىسەك تىخمۇ ياخشى بولىدۇ .
