oznur.cn abduheni
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 241 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتىقى 570 - 632) مۇھەممەد ئەلەيھىسالام - ئىسالام دىنىغا ئاساس سالغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان مەككە شەھىرىدە قۇرەيىش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدە بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ، بوۋىسى بىلەن تاغىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان. بالىلىق دەۋرلىرىدە پادا باققان، ياشلىق دەۋرىدە سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان؛ 40 يېشىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان؛ 613 - يىلىدىن تارتىپ، ئاللانىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۆمىنلەرنىڭ بەش پەرز گە )ئىمان ئېيتىش، ناماز، ئۆشرە - زاكات، روزا ۋە ھەج قىلىش( ئەمەل قىلىشلىرىنى بۇيرۇغان، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك - ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى دىن ئېتىقادچىلىرى ئاساسەن يوقسۇللار" ئىدى. مەككىدىكى ئاقسۆڭەك باي - سودىگەرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاچقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلار مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان. مەدىنە ئاھالىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوللىشى ئارقىلىق ئىسلام دىنى بىر قەدەر ئەركىن تارقىلىشقا باشلىغان. مۆشرىكلار ۋە يەھۇدىيلار بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم باشلىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ، مەدىندىكى يەھۇدىي دىنى مۇخلىسلىرى ۋە مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان جەڭلەردە ئۈزلۈكسىز زورايغان؛ 630 - يىلى مەككە ئىشغال قىلىنىپ، كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۆشرىكلار تاۋاپ قىلىدىغان كەبە )بەيتۇلغۇقەددەس( بۇتلاردىن تازىلىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تاۋاپگاھى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇ يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلى بىرلىككە كەلتۈرۈلەەن. 632 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ زور بىر تۈركۈمىنى مەككىگە باشلاپ بېرىپ بىرىنچى قېتىم ھەج قىلىش پەرزىنى ئادا قىلغان. قۇرئاندا: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالەتكە يەتكۈزدۈم، سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى تاماملىدىم ۋە دىنىڭلارغا ئىسلامنى تاللىدىم دەپ جاكارلانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ جاكارلانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەچكە، شۇ قېتىمقى ھەج تارىختا ھەججەتۇل ۋىدا، ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بەرپا بلۇشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى ئۆزىدىن ئىلگىرى بەرپا بولغان بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنى بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرىگە ئايلانغنا.ھەججەتۇل سىدا نۇتقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 632 - يىلى ھەج قىلىش ۋاقتىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرى ۋە ئەقىدىلىرى توغرۇلۇق سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتقى. بۇ نۇتۇقتا ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئېتىقادى ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئىسلا دىنى ئېتىقادچىلىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مىزان، پەرھىز، نىكاھ ۋە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. بۇ نۇتۇق قۇرئان بىلەن بىللە پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلامدىنىغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ۋىدالىشىش نۇتقى 632 - يىلى ھەممە مەدھىيە ئاللاغا خاس، ئاللانى مەدھىيىلەيمىز. ئاللادىن كەچۈرۈم سورايمىز. ئاللاغا توۋا قىلىمىز. ئاللاغا سىغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللا ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللا ئزدۇرالمايدۇ.ئاللا ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغزۇ بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللانىڭ شېرىكى يوق. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. سىلەر ئاللانىڭ بەندىلىرى، سىلەرنى ئاللاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەنئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. ئى خالايىق، تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر - بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارمدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللا، گۇۋاھ بولغىن.قولىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن تاغام ئابباسى ئىبنى مۇتەلىبنىڭ جازانىخورلۇقىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسىنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئىبىنى، ئابىزەمزەمنى باشقۇرۇتشىن باشقىلىر بىكارق ىلىنىدۇ. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن قەستەنلىك ھېسابلىنىپ، قىساسىغا يۈز تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى.ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا خۇدا بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ.ئى خالايىق! نەس دېگەننى قوللىنىش كۇپۇرنى تېىمۇ ئاشۇرىدۇ، كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللا ھارام قىلغان ئاينى ئاۆلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىل ھارام قىلىشىدۇ، ئاللا ئاسمان - زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللانىڭ ھۆمۈمىدە ئاسمان - زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى - زۇلقەدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جامادىيەلئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللا، گۇۋاھ بولغىن.ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرىي ئادەملەرنى يلاتماسلىقى، سىلەر خپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللا سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپسىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقغچە ئاش - نان، كىيىم -كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار، سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئايللار ئۆزلىرىگە ئىگە ئەمەس.ئۇلارنى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار، سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى،ئى ئاللا، گۇۋاھ بولغىن.مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر - بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللانىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر، سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللا، گۇۋاھ بولغىن.ئى خالايىق1 سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى بولسا، شۇ ئادەم ئاللانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرىي ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل.سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللا، گۇۋاھ بولغىن.سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.ئى خالايىق! ئاللا ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نېسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسىنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىدۇرۇش ئەمەس؛ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ بالا ئەرنىڭ بولىدۇ، زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ،خوجىسىدىن باشقا بىرىنى خوجا دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللانىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ
مەنبە؛-ئۇيغۇر كىنو تور بىكىتى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-06 07:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتچان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1130
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرىتى: 1610 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 182 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللا ئەجرىڭلارنى   يەردە قويماس
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-07 12:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتچان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋارىس
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرىتى: 500 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 51 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
ئاللا سىزكە يار بولسۇن .......
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 23:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋارىس ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋارىس
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرىتى: 500 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 51 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
ھەدىس...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 23:30 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋارىس ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋارىس
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرىتى: 500 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 51 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
دۇۋا...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-08 23:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋارىس ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تارىخقا نەزەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/