مۇئەللىمنىڭ جاپاسى سىز دىگەندەك تولىدۇر ،
يەتمىگەچكە مائاشى كىيىملىرى جۇلدىدۇر ،
چېچەكلىمەي كۈنلىرى ئارمانلىرى يولدىدۇر ،
دەرس قېلىپ بىر ياقتا غەم - غۇسسى پۇلدىدۇر ،
بۇنى يازساق نەچچە بەت گەپ بولىدۇ مۇشۇنداق !
مۇئەللىملەر ئارسىدە تەڭسىزلىكلەر تەنتەنە ،
ۋىجدانىغا مۇخالىپ ئىش قىلماسلار ئاز يەنە ،
ئەيش - ئىشرەت يولىدا كۈن ئۆتكۈزەر بەزىلە
تارتىپ ئېلىپ مەيلىنى چىرىك ناچار نەرسىلە ،
بۇنى يازساق نەچچەبەت گەپ بولىدۇ مۇشۇنداق .
ئىجتىھاتتا ئىشلىگەن ھوسۇلنى ئاز ئالىدۇ ،
مۇدىرلارنىڭ يېقىنى ئەجىرسىز داپ چالىدۇ ،
پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ياققان چەتتە قالىدۇ ،
مانا بۇلار داۋاسىز ھەم ساقايماس يارىدۇر ،
بۇنى يازساق نەچچە بەت گەپ بولىدۇ مۇشۇنداق .
[ بۇ يازماشەخلاتەرپىدىن2011-10-10 13:14دە قايتا تەھر ]