oznur.cn vip
ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 659
شۆھرىتى: 6965 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7640 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 810 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىراۋ دەيدۇ مۇئەللىمنى" تۇنلەردىكى شام چىراق"،
بىراۋ دەيدۇ رەنجىشتە "ماختاشلاردىن بەك يىراق".
بىراۋ  تىلەك  تىلەيدۇ"  ياشا مەڭگۈ تاپ رۇناق"،
بىراۋ قىلىپ غەيۋەتلەر" بېرىلمىسۇن  نام ئاتاق"،
مۇئەللىملەر ئۇستىدە گەپ بولىدۇ مۇشۇنداق.

ئىشلەپ كەتسە قىشى –ياز،ئېرەن قىلماس بەزىلەر،
ئارام كۈندە دەم ئالسا چىشلەپ ھارماس بەزىلەر،
ماشى ئۆسسە بىر تىيىن شىلىپ قانماس بەزىلەر،
چۈشسە غەملەر بېشىغا قاراپ قويماس بەزىلەر،
سۆزلەپ كەلسەك بۇلارنى دەرت بولىدۇ مۇشۇنداق.

خۇددى تۈمۈر ئادەمدەك ئىشلەۋەرسۇن دەمدىكىن،
نىمە قىلساق لىۋىنى چىشلەۋەرسۇن دەمدىكىن،
خوشامەتنىڭ دېپىنى چېلىۋەرسۇن دەمدىكىن
مۇئەللىملەر بىر ئىزدا قېلىۋەرسۇن دەمدىكىن،
دەۋەتكەندە ھەممىنى سەت بولىدۇ مۇشۇنداق.

مىننەت قىلغۇم يوق ئىدى مۇئەللىملەر ئىشىنى،
دەپ سالدىممەن يەنىلا كۆرۈپ ئۇچتەك بېشىنى.
دىمەي زادى  بولمىدى ئۈنسىز تۆككەن يېشىنى،
سېلىشتۇرساق ئوخشىماس يېشى بىلەن جىسمىنى،
دىسەك دەرتلەر كۆپ بولغاچ رەت بولىدۇ مۇشۇنداق.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-05 22:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/