oznur.cn abduheni
ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 304
شۆھرىتى: 3275 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3380 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىر قارىغۇ كىشى كېچىسى يول يۈرگەندە دائىم پانۇس كۆتىرۋالىدىكەن،باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدىن:
-كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ:
-سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېنى سوقۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن،شۇنداق قىلىسام ھەم ئۆزەمگە خەۋپ يەتمەيدىكەن،ھەم ئۆزگىگىمۇ ياردەم بۇلۇپ قالىدىكەن،-دەپتۇ.
گەرچە كىشىلىك دۇنيا سان-ساناقسىز ئادەملەرنىڭ ئارسىدا ياشىسىڭىزمۇ،ھاياتلىق يولىنى تەنھا بېسىپ كىتىسىز.ھېچكىم سىزنىڭ قايسى يولدا ماڭىدىغانلىقىڭىز،قەيەرگە باردىغانلىقىڭىزنى ئۇقمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يوللار شۇ قەدەر نائېنىق ۋە قاراڭغۇ،قارىسىڭىز سىز ئۆزىڭىزنى ھامان باشقىلارنىڭ يۇلىدا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ،شۇنداق يەنە چىراغ نۇرىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىنى  يورۇتقان بولىدۇ،چۈنكى ئادەم زاتىنىڭ ھەممىسى بىر بىرىگە،توغرىسى يۇرۇقلۇققا،ياخشىلىققا مۇھتاج، گەرچە ھەممە ئادەمىنىڭ ئۆز يولى بولسىمۇ ۋە ئۇنى ئۆزى مۇستەقىل باسىسىمۇ،بەرىبىر باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسىنا بولالمايدۇ.
************************************************************************************

داۋۇت ئائىلىسى بىلەن ئاۋۇت ئائىلىسى ئۈچ ئەۋلادقىچە دۈشمەنلىشىپ كەلگەنىكەن،ئالدىنىقى يىللىرى تېخى پات-پات ئۇرۇشۇپ تۇراتتىكەن،بىر كۈنى داۋۇت بىلەن ئاۋۇت كىچىلىك بازاردىن چىقىپ،قېرىشقاندەك بىرلا ۋاقىتتا كەنتكە قايتىدىغان يولغا چۈشۈپ قاپتۇ.ئۇلار بىر-بىرىگە پەرۋا قىلىماپتۇ.كېتىۋېتىپ داۋۇت توساتتىنلا ئاۋۇتنىڭ (ۋايخان!)دەپ توۋلىغىننى ئاڭلاپتۇ.بېرىپ قارىسا داۋۇت ئېھتىياتسىزلىقىتىن ئۆستەڭدىكى كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن.ئۇنىڭ تىرشىپ-تىرمىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتۋاتقانلىقىنى غۇۋا كۆرۈنۈپتۇ.داۋۇت سۆگەت چىۋىقىدىن بىر تال سۇندۇرۋاپتۇ-دە، ئۇنى سۇنۇپ ئاۋۇتنى خەتەردىن قۇتۇلىدۇرۋاپتۇ.ئاۋۇت قىرغاققا چىققاندىن كىيىن:
-مېنى نىمىشىقا قۇتۇلىدۇرۋالدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ياخشىلىقىڭىنى قايتۇراي دەپ.-جاۋاپ بىرىپىتۇ داۋۇت .
-ياخشلىقىڭىنى،قايسى ياخشلىقىمىنى دەيسەن؟
-سەن مېنى قۇتۇلدۇرۋالدىڭ-دە.
-سېنى قانداقسىگە قۇتۇلدۇرۋالدىم؟
-ئەگەر سەن ۋايجان دەپ توۋلىمىغان بولساڭ ئىككىنىچى بۇلۇپ كاچكۇلىغا مەن چۈشۈپ كەتكەن بۇلاتتىم..
-ياخشىلىقىقا ياخشىلىق قايتۇرمىسام يارىشامدۇ؟!
سىزنىڭ ۋە ئەتىراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ھامان كۈتۈلمىگەن ئىشىلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.باشقىلار سىزگە ئۆزىنىڭ ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى ئېيتمىغان تەقدىردىمۇ.سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىڭىزنى ئاقىلانىلىك بىلەن تۇنۇپ يەتكىنىڭىزدە غەرەزسىز ئۆزلىكىڭىزدىن ياخشىلىق چىرغىنى ياندۇرىسىز .ياخشىلىق بىلەن  ھايات قىممەتكە ۋە ئاجايىپ يۈكسەك گۈزەللىكىلەرگە ئىگە بولىدۇ.ئەگەر ئىنىسانلار ئارسىدا ياخشىلىق بولمايدىكەن،دۇنيانىڭ بۈگۈنىنى تەسەۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
**********************************************************************************


مەن ھەر قېتىم خەلقىمىز ئارسىدا مەشھۇر كىشىلەرگە بېغىشلانغان داستان-قىسىلەر،ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە يۇرت مەھەللە، دەريا-ئۆستەڭ ناملىرىغا باغلانغان شەخسىلەر ئوبرازىنى تارىخىي رېئاللىق نوقتسىدىن كۆزەتكىنىمىدە،ياخشىلىقىنىڭ قۇدرىتىدىن تىلىم لال بۇلىدۇ.ئاشۇ ئۆمىرىنى ئەل- يۇرتىنىڭ تىنىچ-ئەمىنلىكى، بەخىت-ئاسايشلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئىزگۈ ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەس روھىغا غايىبانە قايىللىق ئىچىدە ئاپىرىن-تەھىس ئوقۇيمەن ۋە ھايات يوللىرىمىدىكى پارلاق يورۇقلۇقىنى كۆرگەندەك بولىمەن،(ياخشىلار ئۆلمەس) دېگەن ھېكىمەتكە ئىختىيارسىز چىن پۈتىمەن،ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنكى ئۆلمەس ياخشلىق ئىگىلىرىنى كۆز ئالدىمىغا كەلتۈرىمەن.
سىزگە ياخشىلىق ئۈچۈن ھېچنېمە كەتمەيدۇ.يەنە كېلىپ ئەگەر سىز ياخشىلىق قىلىشنى خالىسىڭىزلا ھەر قاچان بۇنداق ئىزگۈ مەقسەتكە يېتەلەيسىز.كىشىلەر ئەل ئارسىدا ياخشىلىق قىلىشنى خالىسىڭىزلا ھەر قاچان بۇنداق ئىزگۈ مەقسەتكە يېتەلەيسىز،كىشلەر ئەل-ئارسىدا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياشايدىغان ھۆرمەتلىك كىشىلەرنى پەرشىتىلەرگە ئوخىشتىدۇۋە پەرىشتىدەك كۆرۈشىدۇ.پۇلىڭىز بولمىسا مېلىڭىز بولىدۇ،ئۇ بولمىسا تىلىڭىز بولىدۇ،ئۇمۇ بولمىسا دىلىڭىز بولىدۇ.سىز خالىسىڭىزلا يەنە كېلىپ تەبئىتىڭىزدە بولسىلا،ھامان سىزگە ياخشىلىق قىلىش پۇرىسىتى ناھايىتى كەڭ ۋە كۆپ...
شۇنداق ياخشىلىق قىلىش بىر پۇرسەت، نۇرغۇن كىشىلەر بىپەرۋالىقىدىن،ھاكاۋۇرلۇقىدىن،تاش يۈرەكلىكىدىن بۇنداق پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپ پۇشايمانغا قالىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىنىسانىيەتنىڭ بىر ياخشى ئەزاسى قارسىڭىز،ئۇنداقتا ئەتىراپىڭىزغا،ئۆزىڭىزگە نەزەر سېلىڭ،ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىڭ.
راسىت،ھەم ئۆزىڭىزگە ياردەم (ياخشىلىق)قىلىڭ.يەنە تەخىرسىزلىك بىلەن ئاق كۆڭۈل بۆلۈپ، مەۋجۈتلۇقىڭىزنى يۈكسەكلەشتۈرۈڭ.تىرشچانلىق كۆرسىىتىپ كۈچ قۇدىرىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ .ئاندىن مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن ، باشقىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ.سىزدىن ياردەم سوراپ سۇنغان قوللارنى ئۈمىدسىز قالدۇرماڭ.بىلىشىڭىز كېرەككى،كىشىلىك ھاياتتىكى ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى باشقىلارغا غەرەزسىز ۋە مىننەتسىز ھالدا قىلىغان ياخشىلىقىتىن كېلىدۇ.بەلكىم سىز ئاپتوبۇستا ياشانغا بىر كىشىگە ئورنىڭىزنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە،قەلىبى ئۈمۈدىسىزلىك بىلەن تولغان بىرىسىنىڭ قەلىبىگە ئۈمىدىلىك تەسەللىلەرنى بەرگەندە بىراۋنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋېلىپ مىڭبىر جاپادا ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندە،ناتونۇش،غەمكىن كىشىگە ئىللىق كۈلۈمسىرىگەندە،يول ئوتتۇرسىدىكى تاشنى ئېلىۋەتكەندە،سىزگە مىڭ ئۈلۈپ-تىرىلىپ ھالىنى ئېيىتىپ كەلگەن ھاجەتمەننىڭ قىيىنىچىلىقىنى ھەل قىلىغاندا ،يېقىلىپ چۈشكەن بىرسىنى يۆلىگەندە...قۇياشىنىڭ بىر سىزگىلا مەمنۇملارچە كۈلىۋاتقاندەك،ھاياتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۈكسەك گۈزەللىك ئىچىدە نۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك بىر ئۇلۇغۋار تۇيغۇدا بولغانسىز،ئەنە شۇنداق چاغلارد بۇ دۇنيادا ياشاپ قېلىشىنىڭ نەقەردەر كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى رازىمەنلىك بىلەن ھېس قىلىغانسىز،كاتتا ئەمەل-مەنسەپلەر،غايەت زور مال-دۇنيادىن ئالالمىغان ھوزۇر-لەززەتكە ئېرشكەندەك شادىلىنىپ كۈلگەنسىز؟
*****************************************************************************


راسىت،ئىنىسان ئىز گۈلۈك ماقامىدا تۇرغاندا،ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە سۆزىدە ئوي-خىياللىرىدا ئوخشاشلا ئىزگۈلۈك،ياخشىلىق بولمىغان بولسا، ھاياتىنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىمۇ بولمىغان بولاتتى...
جەمئىيىتىمىزدە ياخشى كىشلەر يەنىلا كۆپ، باشقىلارنىڭ نامراتلىقى، ئوقۇشسىز قالغانلىقى،تايانچىسىز قالغانلىقى،يول تاپالماي تىڭرقاپ قالغانلىقى، ھايات يوللىرىدىكى تۈرلۈك ئامالسىزلىقىلىرى ئۈچۈن زېھنى،پۇل-مېلى ۋە ھاياتنى سەرپ قىلىۋاتقان، قەلىبى ئاتەش كىشىلىرىمىز ھەممە يەردە بار. تېخى ھازىرغىچە دۇنيادا ياخشلىقى قىلىپ نەزەردىن قالغان ،ئۇنتۇلغان بىرمۇ كىشى يوق.كىم قانچىلىك تېرىسا شۇنچىلىك يىغىۋالىدىغان بۇ دۇنيادا ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە بېقىپ لايىق ھۆرمەت ۋە ئىززەتكەئېرىشىدۇ،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن ئەقىللىق ئىنىسانلارلا  ئۆمرىنى ياخشىلىق بىلەن قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ھەقىتە بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دەيدۇ : 
خۇدا بەرسە كىمىگە ئەقلۇ ھۇش بىلىگ،
تولا ياخشىلىققا ئۇزاتۇر ئىلگ.
شۇنداق،دۇنيا ۋە ھاياتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن كىشىلەر ياخشلىققا قول ئۇزارتىدۇ،ھېچكىم  ئۆز نەپسى-خاھىشلىرىنىڭ دېڭىزنى تولدۇرالمايدۇ. شەخسىيەتچىلىك پەقەت ئۆزى بىلەنلا بۇلۇش كىشىنى ئازابلىق تۇرمۇش ئاقىۋىتىگە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز قەدىرىيىتىنى يوقىتىشىقا يۈزلەندۈرىدۇ.
ياخشىلىق ھەتتا زىيارەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ،ئوخشاشلا كىشىگە خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى بەخىش ئىتىدۇ.شۇڭا،بۈيۈك كىشىلەرنىڭ ھېچقاندىقى توغرا كەلسىلا ياخشىلىقىتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئەمەس .
نەۋائى ھەزىرەتلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:


كىشىلەر خىزمىتىدىن تارتىمىغىل باش،
پەلەكتىن ياغسىمۇ باشىڭغا گەر تاش.
ئەگەر شۇ تاش ىبلەن باشىڭ يېرىلسا،
بەخىتىنىڭ بەلگىسى بىل تاتۇغى قالسا.
شۇبھىسىزكى،ھاياتتىن زارلانماڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى  كىشىلەردىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسىپاتلىسىڭىزلا، بۇ دۇنيادا بىر ياخشىلىقىنى پەيدا قىلالايسىز.بىر ياخشىلىق يەنىمۇ كۆپ ياخشىلىققا سەۋەب بولىدۇ.ئۆمرىڭىزنىڭ  پۇشايمان ۋە مەنىسىزلىكىتىن مۇستەسنا بولۇشى ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىڭ،ئۇنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ ئەتىراپىڭىزدا ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلىشتىن ئارتۇق ھېچقانداق ئۇلۇغ ئىش يوق .
دەرھەقىقەت،(ئىنىسان بېغىنىڭ ئەڭ گۈزەل دەرىخى ياخشىلىقىتۇر)
مەنبە :
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمۇدى ،ئىز تورى
[ بۇ يازمائاتەش رەناتەرپىدىن2011-09-04 16:52دە قايتا ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-04 13:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1229
شۆھرىتى: 12770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1403 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا ..ياخشىلىق قىلىش ئادەمنىڭ ئىشى .يامانلىق قىلىش ھايۋاننىڭ ئىشى دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-04 14:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ناھايىتى ياخشى  ئىبرەتلىك  ھىكايىكەن  ، رەھمەت سىزگە !  


خوشامەتكە  :  ھايۋان ياخشىلىققا  يامانلىق  قىلمايدۇ  !
  يامانلىق - پەقەت   شەيتاننىڭ  دوستى  بولغانلارغىلا خاس  خۇسۇسىيەت !
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-04 15:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1229
شۆھرىتى: 12770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1403 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىaxtuziنىڭ2011-09-04 15:04دە يوللىغان يازمىسى  :
ناھايىتى ياخشى  ئىبرەتلىك  ھىكايىكەن  ، رەھمەت سىزگە !  


خوشامەتكە  :  ھايۋان ياخشىلىققا  يامانلىق  قىلمايدۇ  !
  يامانلىق - پەقەت   شەيتاننىڭ  دوستى  بولغانلارغىلا خاس  خۇسۇسىيەت !





خەلقئارا تورى خەۋىرى: 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى خەۋىرى قارا شىمپەنزە ھۇجۇم قىلىپ چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن ئامېرىكىلىق ئايال چارلا. ناش نۆۋەتتە، بوستۇندا «پۈتۈن يۈز كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى» نى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قىزى بىرېيانا  تېلېۋىزىيە پروگراممىسى«بۈگۈنكى ئىشلار» دا ئۇنىڭ ئوپراتسىيەسىنى سۆزلىدى.
ئۇنىڭ  ئاپىسى چارلا. ناش 2009- يىلى 2- ئايدا دوستى باققان قارا شىمپەنزىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كۆزى، بۇرنى، ئېغىزى   بۇزۇۋىتىلگەن. چېشى چۈشۈپ كەتكەن. ھەتتا ئۇنىڭ توققۇز بارمىقىنى شىمپەنزە چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن.



قارا شىمپەنزە چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن ئايال«چىراي ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى»نى قوبۇل قىلدى


http://www.nur.cn/html/news/23648.shtml
نى زىيارەت قىلسىڭىز بىلىسىز
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-04 16:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇ  خوتۇن  شىمپەنزىگە  چاخچاق  قىلماي  جىم  تۇرسا  بولمامدۇ ؟!
شىمپەنزىنىڭ  ئەۋلاتلىرىنى  ناچارمىكىن  دىسەم  ،  ئەجداد ىمۇ   ناچاركىنە !  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-05 11:16 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1229
شۆھرىتى: 12770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1403 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىaxtuziنىڭ2011-09-05 11:16دە يوللىغان يازمىسى  :
ئۇ  خوتۇن  شىمپەنزىگە  چاخچاق  قىلماي  جىم  تۇرسا  بولمامدۇ ؟!
شىمپەنزىنىڭ  ئەۋلاتلىرىنى  ناچارمىكىن  دىسەم  ،  ئەجداد ىمۇ   ناچاركىنە !  




توغرا .........ھايۋان دىگەن ھايۋاندە
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-05 17:48 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/