ماتىريالى:تۇخۇ بىر دانە، كۇنجۇت بىر سىقىم ،كىراخمال بىرپىيالە ،سۇماي
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ ،كاۋۋاچىن ،زىرە،قىزىلمۇچ ئۇنى
تەييارلاش :تۇخۇ گۇشىنى باش بارماق شەكلىدە چاناپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۇيى
ئارلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز .
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا تۇخۇ گۇشى چۆككىدەك ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تۇخۇگۇشىنى سېلىپ
سارغايتىپ پىشۇرۇپ مايدىن سۇزىۋالىمىز .
تۇز ،ئاقمۇچ،قىزىلمۇچ ئۇنى،زىرەلەرنى ئارلاشتۇرۇپ تۇخۇ گۇشىنىڭ ئۇستىگە سىپىپ ئىستىمال
قىلساق بۇلىدۇ
ئەسكەرتىش : ماي بەك قىزىپ كەتسە رەڭگى سۇپەتلىك چىقمايدۇ شۇڭا نۇرمال قىزىتىپ
سارغايتىپ پىشۇرۇش كېرەك
ئالاھىدىلىكى :رەڭگى ئالتۇن رەڭدە بۇلۇپ چۇرۇك يىيىشلىك مەززىلىك بۇلۇپ زىرىنىڭ مىزلىك
پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ