نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىسەۋسەبىننىڭ2011-08-25 07:24دە يوللىغان يازمىسى :
مەن ، ئۆزەمنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىم ھەم ئۈگەنگەن بىلىملىرىمگە ئاساسەن ، بۇ تېمىڭىز توغۇرلۇق ئازىراق توختېلىپ ئۆتەي :
سىز دەۋاتقان قاندىكى بۇ ماينى بىز ، تىبابەت ئىلىمىدە ، خولېستېرىن ، يەنى cholestrol دەپ ئاتايمىز . خولېستېرىن - بەدىنىمىزدىكى ماينىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ساغلام كىشىلەرنىڭ تېنىدە ئادەتتە ، 140 - 150 گىرامغىچە بولىدۇ . بۇنىڭ تەركىبىدىكى 10 - 13 گىرام ماي قاندا ئېرىيدۇ . خولېستېرىن بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇن مۇھىم ماددىلارنىڭ خام ئەشياسى . ئەڭ ئاددىسى خولېستېرننىڭ تەركىبىدە ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئۆت سۇيۇقلىقىمۇ بار . بەدىنىمىزدىكى كۆپ قىسىم خولېستېرىن جىگەردە شەكىللەنگەن بولۇپ ، بەدەندە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىدۇ . ھەمدە ، خولېستېرىن ئاساسلىقى ، گۆش تۈردىكى ۋە تۇخۇم تۈردىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ .
خولېستېرىن كۆپىيىشنىڭ سەۋەبى ، يېمەك - ئىچمەك . ئەمما ، تىبابەت ئىلىمىدە بىز يەنە ئاندا - ساندا ، جەمەتىدە مانا مۇشۇنداق قاندا ماي تەركىبى يۇقۇرى كىشىلەردىنمۇ ، سىز ، بىزگە ئىرسىيەت قالىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس دەپ قارايمىز .
بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىر كۈنلۈك خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئادەتتە ، 1 - 2 گىرام . پەقەت زۆرۈر بولغان خولېستېرىن مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىنسا ، بەدەن ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .
ئەمدى ، سىز ئېھتىياجلىق بولغان ، قاندىكى ماينى ئېرىتەلەيغان ، ( سۈپەتسىز ماينىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ) يېمەكلىكلەرگە كېلەيلى :
.......
ئەمىلىيەتتە «خوشامەت»بۇرادەرنى دىگىنىم بىلەن ئۆزۈم نەق مۇشۇ كېسەل بىلەن پالاكەتلىشىپ قالغانمەن،«سەۋۋەبىن»بەك ئېسىل رېتسىپنى دەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەخمەت.