ئائىلىدە ساڭزا سېلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

كېتەرلىك خۇرۇچلار:
ئاق ئۇن تۆت چىنە
سۇ ماي 5 جىڭ
باش پىياز بىر باش
كاۋاۋىچىن 20 گرام
تۇز مۇۋاپىق مىقداردا
ئېتىش ئۇسۇلى:
ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ كاۋاچىچىن بىلەن قوشۇپ تىمى چىققۇچە قاينىتىپ سۈزەلتىپ سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.
ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا بولىدۇ) سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭللۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر ىېمىرنى مايلاپ يەنە 15 - 20 مىنۇت تىندۇرىمىز، ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ تىنغان زۇۋلىنى ئىنچىكە ئىشىپ ئىككى تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 دەرىجە قىززىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز. ئالاھىدىلىگى: رەڭگى سېرىق، تەملىك،چۈرۈك. ھېيتلىق داستىخانىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
مەنپەتى: ئۇمۇمى بەدەنگەئۇزۇق بۇلىدۇ.
~~~~~~~~~
تەپسىلىيرەك چۈشۈنەي دېسىڭىز تۆۋەندىكىنى ئوقۇڭ.

خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ.
قىيىقچا سېلىش
قىيىقچىنىڭ خېمىرىغا تۇخۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە ئارلاشتۇرۇلمايدۇ.

مۇۋاپىق ئاق ئۇنغا خېمىر ھالىتىگە كەلگۈدەك تۇخۇم قۇيۇپ چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز.
قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغىچە خېمىرنى تىندۇرىمىز.
ئاندىن خېمىرنى تەكشى نېپىز يېيىپ، سامبۇسا كەسكۈچ (چىشلىق چاق شەكلىدىكى خېمىر كەسكۈچ) بىلەن يۇمۇلاق ئايلاندۇرۇپ كېسىۋالىمىز، كېسىلگەن خېمىرنىڭ كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ياغ چۈچىگەندىن كېيىن تېمپۇراتۇرسىنى 80 سېلسىيە گرادۇسقا تەڭشەپ كېسىلگەن قىيىقچىنىڭ دېئامېتىرىنى تەخسىگە دەل كەلگۈدەك چوڭلۇقتا يۆگەپ قازاندىكى مايغا سالىمىز. بەك قىزارتىۋەتمەي سۇس سېرىق رەڭگە كىرگەندىلا ئۆرۈپ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ سارغايتىپ سۈزىۋالساق بولىدۇ. خېمىرنىڭ تۇزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پىشقان قىيىقچىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئېزىلگەن قەنت سېپىمىز.
قىيىقچىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈرۈك، يىيىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىك بولىدۇ.
ئەتتىرگۈل قىيىقچا تەييارلاش ئۇسۇلى
گۈلنۇر ئابلىمىت (ئارچا
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم 16 دانە، ئاق شىكەر 100 گرام، سۇ ماي 3 كىلو گرام ئەتراپىدا (خورايدىغىنى بىر جىڭ).
ئېتىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنغا ئاز - ئازدىن تۆكۈپ باشقا ھېچقانداق نەرسە ئارلاشتۇرماستىن نۇرمال چىڭلىقتا خېمىر يۇغۇرىمىز، 10 - 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۇششاق زۇۋۇلا ئۈزۈپ بىردىن - بىردىن تەكشى ھەم نېپىز يايىمىز، چوقۇم يۇمۇلاق چىقسۇن. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەتراپىنى چوڭراق چىشلىق غالتەكسىمان كەسكۈچ بىلەن گۈل چىقىرىپ كېسىۋالساق كۆركەم چىقىشقا پايدىسى بار. قازانغا ماي قۇيۇپ ياخشى داغلاپ تىمپۇراتۇرىسىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن يېيىپ تەييارلىغان خېمىرنى قىززىق مايغا سالساق ۋىژىلداپ چېچەكلەيدۇ(قاتۇرىۋەتمەڭ)، مايدا ئۇزاق تۇرغۇزمايلا يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ ئىككى سېكونتتىن كېيىن سۈزىۋالىمىز - دە دەرھال قاتلاپ ئۈستىگە شېكەر سېپىپ يېرىم ئاي شەكلىدە قاتلايمىز، يەنە شېكەر سېپىپ بىر تەرىپىدىن باشلاپ يۆگىسەك كونۇس شەكلىگە كېلىدۇ. ئاشۇنداق بىر - بىرلەپ پىشۇرۇپ باسۇن تەخسىنىڭ ئەتراپىنى بويلىتىپ تىزىمىز( ئوتتۇرىسىغا بىر چىنە كۆمتۈرمىسەك ياخشى تىزىلمايدۇ)، ئىككىنچى قاتىرىنى سەل ئىچكىرى تىزىمىز، ئۈستىگە چىققانچە ئوتتۇرىغىراق تىزىپ تولدۇرساق خۇددى بىر دەستە سېرىق ئەتتىرگۈل بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
ئەسكەرتىش: قېيىقچا قازاندا قېتىۋالسا ياكى ئالغاندىن كېيىن قۇرۇپ قالسا قاتلاش قىيىن بولىدۇ، شۇڭا مايغا سېلىپ ھۈنجۈ سالغاندىن كېيىنلا دەرھال سۈزىۋالىمىز. پىشماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى جىلىتنى ھەم تەكشى ھەم نېپىز ئېچىۋالىسىز.
ئالاھىدىلىكى: تەمى تاتلىق، چۈرۈك، رەڭگى سۇس سېرىق، شەكلى كۆركەم بولۇپ ھېيتلىق داستۇرخىنىڭىزنىڭ كۆركى بولالايدۇ.
قىيمىلىق قۇيماق
(بۇنى قەشقەر تەرەپتە سامبۇسا دەيدىغۇ دەيمەن)
ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، گۈلقەنت 35 گرام، ئاق شېكەر ئىككى كىلوگرام، شولتا ئازراق، ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغ 500 گرام، شاڭجىڭ (مۇئەتتەر) ئازراق، قورۇغان پىششىق ئۇن 140 گرام، سۇ ئالتە كىلوگرام، ياڭاق مېغىزى 140 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى 750 گرام)، ئالىيېشىل رەڭ ئازراق. .
1. قازانغا 500 گرام قوي يېغىنى سېلىپ پەس ئوتتا قىزىتىپ، ئۇنىڭغا شولتا سۈيى ۋە ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ قوچۇپ خېمىر يېڭى پىشقاندا ئاشتاختىغا تۆكۈپ يېيىپ سوۋۇتىلىدۇ.
2. سوۋۇتۇلغان خېمىرغا سوغۇق قايناق سۇ چېچىپ، خېمىر يۇمشىغىچە چەيلىنىدۇ.
3. ئاق شېكەر، قورۇلغان پىششىق ئۇن، ئالىيېشىل رەڭ، ئەزگەن ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت، شاڭجىڭ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما ياسىلىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ مۇۋاپىق دەرىجىدە قىزىتىلىدۇ؛ يۇمشىغان خېمىرنى 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، قول بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچىگە تاتلىق قىيما ئېلىپ، ياپىلاق توقاچ قىلىپ ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، چېچەكلىگەندە سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش لازىم. ياغ قىزىق بولۇپ كەتسە، قۇيماقنىڭ تېشى كۆيۈپ، ئىچى خام قالىدۇ، ياغ سوۋۇپ قالسا، قۇيماق چېچەكلىمەيدۇ.
ھالۋا
ھالۋا ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق تاماقلارنىڭ بىرى بولۇپ، سوغۇق ئەنگىزى ئېشىپ كەتكەن، بەدىنىنى نەملىك قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر ھەپتىدە بىرەر قېتىم ھالۋا يەپ بەرسە مىزاجىنى تەڭشىيەلەيدۇ. بىراق قان بېسىمى يۇقۇرى، قاندا ماي كۆپ كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم.
ھالۋىنى تىترەپ تۇرغۇدەك ھەم سۈزۈك چىقىرىش پەقەت ئېتىش ئۇسۇلىدىكى چەبدەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
خۇرۇچلار:
ئاق ئۇن، ئاق شېكەر، قوينىڭ قۇيرۇق مېيى، قايناق سۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى: قازانغا قۇيرۇق ماينى نېپىز يالپاق توغراپ سېلىپ، ئېرىتىپ چىگىرتەكلىرىنى سۈزىۋېتىمىز.
ئوت كۈچىنى تەڭشەپ(ئوت كۈچى بەك تۆۋەن بولمىسۇن) ئېرىتىلگەن مايغا ئۇن سېلىپ تىز - تىز ئارلاشتۇرۇپ ياخشى قورۇيمىز. (ئۇننى قويۇق شىرە ھالىتىگە كەلگۈچە سالىمىز، بۇژ - بۇژ بولۇپ قايناپ تۇرسا ياخشى).
قازاندىكى ئۇن قورۇلۇپ سۇس ساغۇچ ھالەتكە كەلگەندە ۋاراقلاپ قايناۋاتقان سۇنى مۇۋاپىق قۇيۇپ، توختىماي قوچۇپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. بۇ جەرياندا بىر قولىمىزدا ئاق شېكەرنى تىتىغۇچە سېلىۋالىمىز. ئاندىن ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، يەنە قوچۇپ تۇرۇپ 5 مىنۇت ئەتراپىدا سۇس قاينىتىپ (ھالۋىنىڭ ئۈستىگە ئۈستىگەماۇ تەپچىپ چىققۇچە) پىشقاندا كىچىك تەخسە - پىيالىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ.
مۇمكىن قەدەر يۇمشاق نان بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
تەبىئىتى ئىسسىق، شەكلى كۆركەم، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى.
ھالۋىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەتكەندە تىترەپ تۇرىدىغان، بۇژ - بۇژ ھالەتتە، پارقىراق، بىر قارىسىلا ئىشتىھانى ئاچىدىغان ھالۋا بولىدۇ.
ئۈژمە ھالۋىسى
خۇرۇچى:
ئاق ئۈجمە بىر پىيالە
ئاق ئۇن يېرىم پىيالە
ئاق شىكەر ئىككى قوشۇق
قوينىڭ يېڭى قۇيرۇق مېيى 150گرام
ئېتىش ئۇسۇلى:
ياخشى پىشقان (ئىككىنچى قېتىم پىشقىنى ئەڭ تاتلىق) ئۈژمىنى بىر قاچىغا سېلىپ ھەر بىر قەۋىتىگە ئازراقتىن ئاق شىكەر چاچىمىز، بىر دەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن سۇ يىغىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ قوشۇق بىلەن قوچۇپ ئارلاشتۇرساق ئېزىلىدۇ، ئاندىن قىزىغان مايغا ئاق ئۇن سېلىپ قورۇۋېلىپ ۋاراقشىپ قايناپ تۇرغان قايناقسۇدىن مۇۋاپىق قۇيىمىز (جىق قۇيساق ھالۋا سۈيۈق بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۈژمىنىڭمۇ سۈيى قىچىدۇ)، بۇژۇلداپ قايناپ چىققاندا ئوت كۈچىنى سەل تۆۋەنلىتىپ تەييارلىۋالغان ئۈژمە قىيامىنى قازانغا تۆكۈپ قوچۇپ پىشۇرىمىز. بۇ خىل ھالۋا ھەم پارقىراق ھەم تاتلىق ھەم ئۆزگىچە تەملىك بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
تەمى تاتلىق، پارقىراق، يۇمشاق، سىڭىشلىك، بەدەننى قۈۋەتلەيدۇ، سۇغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ كەتكەنلەرگە مەنپەئەت قىلىپ مىزاجنى تەڭشەيدۇ.
ئەگەر يېڭى قۇيرۇق ماينى ئېرىتىدىغان چاغدا قازانغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ ماينى توغراپ سېلىپ پەس ئوتتا ئېرىتىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھالۋا ئەتسەك ئۆت ياللۇغى، قان بېسىم يۇقۇرى، قاندا ماي كۆپ بىمارلارغىمۇ زىيان قىلمايدۇ.
قۇيماق ئېتىش ئۇسۇلى
گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)
خۇرۇچى؛
ئاق ئۇن، خېمىرتۇرۇچ، ئاق شېكەر. تۇز، سودا، باش پىياز، تۇخۇم.
ئېتىش ئۇسۇلى؛
ئاق ئۇنغا تۇزنى ئاز، خېمىرتۇرۇچنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ ئىسسىق سۇ بىلەن، يۇمشاق خېمىر يۇغۇرىمىز. ئاندىن خېمىرنىڭ ئۈستىنى ھېم يېپىپ يۆگەپ قويىمىز، خېمىر ئۆرلىگەندە يۇمشاق چانالغان پىيازنى ئازراق ئىسسىق سۇغا ئارلاشتۇرۇپ خېمىر ئۈستىگە سېلىپ چەيلەيمىز. يەنە دۈملەپ قويۇپ يەل چىقىپ تازا ئۆرلەپ چىققاندا سۇدا بېرىپ يەنە بىر قېتىم بولدۇرىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا بىر قاچىغا تۇخۇم چېقىپ ياخشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن خېمىر ئۈستىگە قۇيۇپ تازا ئېلىشتۇرۇپ ئۈستىنى يېپىپ يەنە بولدۇرىمىز. مانا مۇشۇنداق نەچچە قېتىم بولدۇرۇلغان خېمىر تەييار بولغاندا بۇژ - بۇژ ھالەتتە كۆپۈكسىمان بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاندىن قازاندىكى ماينى نۇرمال قىزىتىپ قولىمىزنى مايلاپ تۇرۇپ بىر بىرلەپ قازانغا سالىمىز، سېلىپلا ئۈستىگە چۆمۈچ بىلەن قىززىق ماينى قۇيۇپ بەرسەك قۇيماق ياخشى ئۆرلەيدۇ، ئىككى تەرىپىنى ئوخشاش سارغايتىپ سۈزىۋالساق بولىدۇ.
پىشىپ چىققان قۇيماقلار سوۋۇغاندا ئاق شېكەرگە باسىمىز. بۇنداق قۇيماقنىڭ ئىچى ھەرە كۆنىكىدەك كوۋۇكسىمان، يۇمشاق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى؛
رەڭگى سېرىق، تەمى تاتلىق، سۈت، قېتىق، قايماق بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىنسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.
قۇيماق سېلىش ئۇسۇلى -2
1- ئېچىتقۇنى قىززىق سۇدا ئىرىتىسىز
2- ئۇننىڭ ئوتتۇرسىنى ئورەك قىلىپ ، ئازراق شېكەر ، ئېچىتقۇ قوشۇلغان ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ، نورمال خېمىر يۇغۇرىسىز ، ئاندىن ئۇنى ئىسسىق يەرگە قويۇپ بولدۇرىسىز ، ئۆزىدەك ئىككى ھەسسە چوڭايسا بولىدۇ
3 - خېمىرنى توم پىلتە قىلىپ ، تەكشى چوڭلۇقتا كېېسىسىز
4- ئەنبەلگە ياغ سۈركەپ ، خېمىرنى ئېچىپ دىئامىتىرى 10 سانتىلىق قېلىنلىقى بىر سانتىلىپ چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرىسىز ، ئوتتۇرسىغا 3 پىچاق ئۇرىسىز .
5-قازانغا ياغ قۇيۇپ 200 گرادوس قىززىغاندا قۇيماقنى سېلىپ ئىككى تەرىپىنى ساغارتىپ ئالىسىز
ياغدا پىشۇرغاندا ئوت كۈچلۈك بولماسلىقى لازىم .
يەنە بىرخىلنىڭ ئۇسۇلى
[خۇرۇچى]
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تۇخۇم تۆت دانە،سۇ يېغى بىر كىلوگرام،خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق،سۇ بىر كىلوگرام.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
1.ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ،ئۇن،تۇخۇم سېلىپ سۇ قۇيۇپ،سۇيۇق شېرە خېمىر تۇغۇرۇپ ئىسسىق جايدا 15مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2.قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ،تىندۇرغان سۇيۇق شىرە خېمىرنى قۇشۇق ياكى كىچىك چۆمۈچ بىلەن ياغقا قۇيۇپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
تېشى چۈرۈك،ئىچى يۇمشاق،يېيىشلىك.
ئۇماچ (ھەرخخل ئۇسۇلنى يوللىىدم ، مۇۋاپىقىدىن پايدىلىنىڭ)
قوناق ئۇنى 175 گرام، پىياز بىر باش، گۆش 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، ئېرىتمىگەن قوي يېغى 70 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، چامغۇر 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق. 1. گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى قىيپاش قىلىپ، چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ. 2. قازاننى قىزىتىپ، توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، سوققان زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ قورۇپ، 175 گرام ئۇندا قويۇلغۇدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ، قازاندا تەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ."
~~~~~~~~~~~~~~~~
خۇرۇچلىرى : قۇناق ئۇنى ، قوي گۇشى ، چامغۇر ، كاۋا ، باش پىياز ، تۇز .
تەييارلاش : قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ ، گۆش ، كاۋا ، چامغۇر ، پىيازلارنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ، توغراپ سۇغا سېلىپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ، ئاندىن ئوتنى پەسەيتىپ ، بىر قولدا قوناق ئۇننى ئاستا سېپىپ يەنە بىر قولدا چوكا بىلەن ، ئتتىك چالىمىز(ئارلاشتۇرمىز)، قازاندىكى سۇ سەل قۇيۇلغاندا ، ئوتنى سەل ئېچىپ ، سۇس ئوتتا مىل -مىل قاينىتىپ ، ئاش پىشقىچە داۋاملىق چالىمىز .
ئەسكەرتىش ؛ قوناق ئۇنىنى سەپكەندە چوقۇم چوكا بىلەن تېز سۇرەتتەچالمىسىڭىز ، ئۇماچ كاللەك بۇلۇپ قېلىپ كۆڭلىڭىزدىكىدەك پىشمايقالىدۇ.
ئالاھىدىلىكى : بۇتائام ، قەنىت سىيىش كىسىلى بارلار ، سەمىرىپ كەتكەنلەر ، قان بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلەر ئستىمال قىلسا ئۇنۇمى ناھايتى ياخشى بۇلدۇ.
بۇتائام ھازىرقى .ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا يۇزلىنۋاتىدۇ. قىشتا ھەر سەھەر ئۇماچ ئىچىپ بەرگەندە ، ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق ھەم ئىشقا ماڭغىچە توڭلىماي ئىسسىق بارىسىز .
~~~~~~~~~~~~
[خۇرۇچى]
قوناق ئۇنى175گرام،پىياز بىر باش،گۆش 175گرام،كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق،ئېرىتمىگەن قوي يېغى70گرام،زەنجىۋىل مۇۋاپىق،چامغۇر140گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پىننە ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
1.گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا،پىيازنى قىيپاش قىلىپ،چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ.
2.قازاننى قىزىتىپ،توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ،گۆشنى سېلىپ قورۇپ،پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ،سوققان زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن،تۇز سېلىپ قورۇپ،175گرام ئۇندا قويۇلغىدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ،چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
3.ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغوق سۇ قۇيۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ،قازانداتەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
دېھقان ئېشى بولۇپ،كۆپىنچە قۇرۇق سۇغىلا چامغۇر سېلىپ ئېتىلىدۇ.ھازىر كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ئۇماچ بىلەن تەڭشەيدۇ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى.
ئەينۇلا سالغان ئۇماچ
ماتىريالى ؛ئەينۇلا ،قۇناق ئۇنى ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
تەييارلاش ئۇسۇلى ؛پىشقان ئەينۇلا پاكىز 2-3 قېتىم يۇيىلدۇ قازانغا سۇ،تۇز مۇۋاپىق قۇيۇلۇپ ئاندىن ئەينۇلا سېلنىدۇ .ئەينۇلانىڭ تەمى چىققاندىن كىيىن سۇنى قۇشۇق بىلەن ماتىلاپ ئۇننى سالغاچ قۇشۇقنىڭ كەينىدە قازاننىڭ لىۋىگە بېسىپ 5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلنىدۇ
تەبىتى ؛ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رۇلى؛قاندىن بولغان باش ئاغرىقغا مەنپەت قىلنىدۇ ئۇندىن باشقا قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇردۇ . سەپرا ۋە قاننىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىدۇ .قوقاقنى ياندۇرۇپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛ مۇۋاپىق مىقدار دا تاييارلاپ ئەتتىگەنلىك ناشتىلققا تەييارلىندۇ