oznur.cn abduheni
ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 309
شۆھرىتى: 3325 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3430 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 367 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەر كېشى ئايال كېشىگە يۈز كېلەلمەيدىكەن

  ئەر كېشى بىر نەچچە مىنۇت سەرپ قىلىپلا دادا بولالايدۇ ، ئەمما ئايال كىشى بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ ئانا بولىدۇ ؛
ئەر كېشى بىر كۈن ناشتىلىق تەييارلىسا خۇش بولۇپ كېتىمىز ، ئەمما ئايال كىشى بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ ، بىر ئۆمۈر تاماق تەييارلايدۇ ؛
ئەر كېشى ئىشتىن چۈشسە كارىۋاتقا چىقىپ ئارام ئالىدۇ ، ئايال كىشى ئىشتىن چۈشسە ئاشخانىغا چىقىپ تاماق ئېتىدۇ؛
ئەرلەرنىڭ سىرتقا چىققاندا چىرايلىق ئاياللارغا قارىشى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ ، ئاياللارنىڭ ئېرىنى سىرتتىن تارتىپ ئائىلىگە قايتۇرۇپ ئۆيدىن مېھىر تىلىشى ئۇلارنىڭ ئاياللىق ئەخلاققا رىئايە قىلمىغانلىقى سانىلىپ قالىدۇ ؛
ئايال كىشى نىكاھى ئوقۇلغاندىن باشلاپ بارلىقىنى ئېرىگە ئاتايدۇ ئەمما بىر ئۆمۈر يولدىشىنىڭ بارلىقىنى ئاتىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ؛
ئاياللار ئەرلەرنىڭ سىرتقا چىققاندا گۈزەللەرگە كۆز سېلىشىنى كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما ئەرلەر ئاياللارنىڭ قاملاشقان ئەرلەرگە قارىشىنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيدۇ؛
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە   پۇت يۇيۇش ئۈچۈن سۇ ئەكېلىپ بېرىشى ۋە دولىسىنى تۇتۇپ قويۇشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمما ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئېشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشى يۈز تۆكۈلىدىغان ئىش ؛
ئاياللار ئارتۇقچە ئارزۇ – ئارمان قىلمايدۇ ، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسى ساق – سالامەت بولسىلا ، بالىلىرى مەكتەپتىن كېلىپ ئاپا ! دەپ چاقىرسىلا كۆڭلى كۇپايە تاپىدۇ   ، ئېرى سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مەڭزىگە يېنىككىنە سۆيۈپ قويسىلا رازى بولىدۇ ، ئۇ ئاچچىقلانغاندا چاپىنىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىڭىزلا ئۇ رازى بولىدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىئارام بولغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ ناتونۇش ئادەملەرنى تېپىپ ئەرز ئېيتىشقا مەجبۇر قىلمىسىڭىزلا ئۇ رازى بولىدۇ ، ئۇ خەتەرگە يولۇققاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قوغداپ،  سىزنى تاللاپ خاتا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرسىڭىزلا رازى بولىدۇ ، ئۇ يىغلىغاندا ئۇنى كەڭ كۆكرەكلىرىڭىزگە ئېلىڭ ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن ؛ ئۇ بىئارام بولغان ئاشۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ ئەكېلىپ بېرىڭ ، بۇ ئىشنى ئۇ بەلكىم بىر ئۆمۈر ئېسىدە ساقلىشى مۇمكىن ؛
ئاتا – ئانىسى ئۇنى جاپا – مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ، توي كۆينىكى كىيگەن شۇ كۈنى ئۇ ئۆزىنى سىزگە ئاتايدۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ سىز ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى يۆلىنىدىغان ئىشەنچ تۈۋرۈكى بولىسىز ؛شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ سىزگە قىز – ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ ، سىزگە ۋاكالىتەن ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزىدۇ ، سىز ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىنى تەل – تۆكۈس قىلىدۇ ، ئاۋۋال قېيىن ئاتا قېيىن ئانىسىنى كۈتۈش ئەزەلدىن ئۆزگەرتىش قائىدە ، ئاۋۋال ئۆز ئاتا –ئانىسىنى كۈتۈش بولسا ئۆي تۇتۇشنى بىلمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ ؛
ئەمما سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى سىلەر توي قىلىپ يەنە نېمىگە ئېرىشتى ؟
ئۇلار قىزىنىڭ سىز بىلەن بىللە بەختكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، ئەمما سىز بۇنى قىلالىدىڭىزمۇ ؟
ئەرلەر ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھېرىپ كەتتىم دېمەڭلار ،سىلەرنىڭ سىرتتا چېپىپ يۈرۈپ ئائىلىنى قامدىشىڭلار سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار ، ئائىلە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭلار سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ؛
ئەرلەر ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى جاپا چەكتىم دېمەڭلار ، ئاياللارنىڭ سىلەر ئۈچۈن پەرزەنت تۇغۇپ بېرىش ئالدىدا تارتقان ئازابىنى سىلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمايسىلەر ؛
سىلەر كۈلمەڭلار ، ئاياللارنىڭ كۆڭلى – كۆكسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭ ، ئۇلار ئائىلىسى ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنىڭ سىرتتا ئۈچىنچى شەخس تېپىۋېلىشىڭلارغا چىدىيالايدۇ ، ئەرلەر ئاياللاردىن چىدىماس ، ئازراق غۇرۇر ئۈچۈن بارلىقىنى سىزگە ئاتىغان ئايالىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە رازىكى ئۇنىڭ كىچىككىنە بىخەستەلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەۋەنلىكىنى كەچۈرەلمەيسىز .
ئەرلەر ئاياللىرىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار ، قورۇقلار ئۇنىڭ پېشانىسىگە يامىشىپتۇ ، ئاق چاچلار ئۇنىڭ چېكىسىگە ئىز بېسىپتۇ ، ئۇنىڭ قوللىرىمۇ بۇرۇنقىدەك نازۇك ئەمەس ؛ ئەرلەر مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئايالىڭلاردىن ۋاز كەچمەڭلار ، ئۇلار سىلەرگە ياتلىق بولغاندا نازۇك قىزلاردىن ئىدى ، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز بارلىقىنى ئاتاپ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىپ قالغان ،ئۇلار ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى سىلەرگە ئاتىغان ؛
نىكاھتا بىرەيلەن يەنە بىرەيلەنگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش يوق ، بەلكى خۇشال – خۇرام بەختلىك ئائىلە ئۈچۈن ئۆز ئارا تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت ؛ ئەگەر قارشى تەرەپنى قەدىرلىمىسىڭىز ئۇنىڭ ئايرىلىپ قالغاندا ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى پۇشايمان ئىچىدە ھېس قىلىسىز؛
ئەرلەر بىردەملىك ئاچچىقىڭلار ئارقىلىق ئاياللىرىڭلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭلار ،ئۇلار سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار ئەمەس ؛
ئەرلەر ، سىلەر ئۆز خاراكتېرىڭلار بىلەن ئاياللىرىڭلارنىڭ سەۋرچانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلماڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە قەرز ئەمەس ؛
ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى تۆكۈشى ئائىلىسىنى سېغىنغانلىقتىن ، ئاياللارنىڭ ياش تۆكۈشى بولسا ئائىلىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقتىن ؛
ئايالىڭلار ئائىلىدىن ئايرىلغاندا ئاندىن ئۇلارنى  قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى سۆزلەپ يۈرمەڭلار ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كۆز يېشى ئاللىقاچان قۇرۇپ يۈرىكى مۇزلاپ بولغان بولىدۇ ؛
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە يول قويۇشى كەڭ قورساقلىق ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يول قويۇشى قورقۇنچاقلىق ،بىر – بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۆز ئارا قەدىرلەڭلار !


مەنبە : تور
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-22 12:59 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 816
شۆھرىتى: 8695 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9785 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 901 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇنى تەپسىلى ئوقۇغان ئەر ئايالىغا ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن...........
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-22 17:50 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يىگىت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2429
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرىتى: 1060 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1090 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 110 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجرىڭىزگە بارىكاللا ،بۇ تىمىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-23 10:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يىگىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاق چىچەك
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1080
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرىتى: 2065 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2300 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 220 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تىما ئىكەن ،ئەرلەرنىڭ ھەممسى بىر ئۇقۇپ چىقسا ،ئاياللارنى چۈشەنسە بۇلاتتى............قارسام قىزلار تور بېتى دەپ بارئىكەن ، ئەرلەر تور بېتىمۇ بارمىدۇ،مۇشۇنداق بىلدۇرگۈلەر كۆپرەك يوللانسا  بەزى ئەرلىرىمىزغا  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بۇلاتتى ..........
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-23 17:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاق چىچەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 656
شۆھرىتى: 6935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7610 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 807 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سىلەردە ئاشۇنداق جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان  ھەم ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولغاچقا   ئەڭ سۆيۈملۈك،ئەڭ مېھرىبان،ئەڭ ۋاپادار،ئەڭ جەلبكار.شۇڭا ئۇلۇغلىرىمىز«ئايال دىمەك تىرىك تۇرۇپ دوۋزاق ئازابى تارتقۇچىلار»دەپ ئېيتقان.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-23 21:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زايىدە
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 3497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرىتى: 1380 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1280 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ دۇنىيادا ھەققىقەتەن ياخىشى بىر ئايال،ياخىشى بىر كېلىن ،ياخىشى بىر ئانا بولىماق ھەقىققەتەن تەس جۇمۇ.ئاياللارشۇنىچىلىك جاپا چەكىسمۇ بەزەنبىر ئەرلەر ئاياللىرىنى توغرا چۈشەنمەيدۇ.ھازىر جەمىيىتىمىزدە تاللاغا قاراۋاتقان ئەرلەر بەك كۆپ.ئۇلار باشقا ئاياللار ھەسىلەپ مەرتلەرچە پۇل خەجىلىگەن بىلەن ئۆيىدىكى جاپاكەش ئايالىغا بىر پايپاخىنىڭ پۇلىنى ئارتۇق خەجلىگىنىگە قۇرسۇقى ئاغىرىيدۇ.خەق بىلەن كۆڭۈل ئىچىپ ئالدىراش يۈرگەن ۋاقىتىدا بىچارا ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ.بۇنىداقىلارغا بەكىمۇ ئۆچلگۈم كىلىدۇ.ھەي بولىدىلا سۆزلىمەيىلا قوياي.بولمىسا ئۆزۈمىنى باسالمۇغىدەكمەن

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-23 21:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زايىدە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 461
شۆھرىتى: 4870 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5101 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 526 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ئالەم ئۆتنەدۇر،ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى ناھايىتى ئۇزۇن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-25 18:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يەركەندى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3416
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرىتى: 400 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 500 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 43 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاياللار ھەرگىز مەيۇسلەنمەڭلار بۇمۇ ئاللاھ نىڭ ھكمىتى  ئايال ئۈچۈن جەننەت ئەرلەرنىڭ رازىيلىقىدىن نىسىپ بولىدۇ  ئەرلەر ئۈچۈن بولسا ئانىنىڭ رازىيلىقى ئاستىدا بىربىرىگە باغلىنىشلىق
ئۈمۈتۋار بولۇڭلار   رەھمەت
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-25 20:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يەركەندى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69690 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70128 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 840 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىر ئۇقۇماق  زۆرۈركەن . رەھمەت
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 21:40 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/