oznur.cn abduheni
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 614
شۆھرىتى: 6550 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7421 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 770 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يېمەكلىكلەردىكى تەم بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى
مەسغۇت خەسەنى


يېمەكلىكنىڭ تەمى يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى، يېڭىلىق دەرىجىسى، تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە تەم خۇرۇجلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، يەنە يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىراق كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئالىي دەرىجىلىق ئاشپەزلەر بۇ نۇقتىغا سەل قارىمايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق تېمپېراتۇرىدا يېمەكلىكنىڭ تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ بۇ، ئەلۋەتتە، يېمەكلىكنىڭ يېيىلگەن پەسلى ۋە يېمەكلىكنىڭ تۈرىگە باغلىق بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن تەمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوخشاش بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئېغىزغا سالغاندىكى تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىسا، ئادەمگە بېرىدىغان تەم تۇيغۇسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئوزۇقشۇناسلار، ئادەتتە، يېمەكلىكنىڭ تەمى بىلەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، يېمەكلىكلەرنى سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىسسىق يېمەكلىك، دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئادەتتە، ئون گىرادۇس ئەتراپىدا، مۇزلىتىلغاندا نۆل گىرادۇس بىلەن ئالتە گىرادۇس ئارىلىقىدا تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 12 گىرادۇس بىلەن 15 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولغاندا، ھەم ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدۇ، ھەم ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. گازلىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەش گىرادۇس بولغاندا، سالقىنلىتىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، تاۋۇز سەككىز گىرادۇستا ھەم سوغۇق، ھەم تاتلىق تۇيۇلىدۇ.

ئىسسىق يېمەكلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئادەتتە، 60 گىرادۇس بىلەن 65 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولغاندا، تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن: كالا سۈتى 65 گىرادۇستا ئىچىشلىك بولىدۇ. ھەسەلنى، ئادەتتە، تېمپېراتۇرىسى 65 گىرادۇستىن تۆۋەن ئىلمان قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ، بەك قىزىق قايناق سۇ ھەسەلنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىپ، چۈچۈمەللەشتۈرۈپ قويىدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، يېمەكلىكنىڭ تەمى يەنە مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇلار قازاندىن چىققاندا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئۇلارنى مۇۋاپىق سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلغاندا تەمى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى  


تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-17, 04:34

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(axtuzi) ئېسىل ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-17 11:40 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مەمەتۋاقى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2256
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 754
    شۆھرىتى: 7830 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7970 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 852 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بىزئاشپەزلەركۆرۈپ دىققەت قىلىدىغان ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە!!!!!!!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-18 00:59 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/