oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 613
شۆھرىتى: 6540 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7411 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 768 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئايالىغا ياتاق ئاچتۇرغان ئەر
  
ھېكايە

      ئۇ بۇ ھەيۋەتلىك مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سائەت 12:30بولغان ئىدى. مېھمانخانا ئالدى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن،ئىسىل كىيىنگەن ئەر-ئايال، يىگىت- قىزلار مېھمانخانىنىڭ ئەينەكلىك ئىشىگىدىن كىرىپ، چىقىپ يۇرەتتى.خاتا كىلىپ قالدىممۇ نىمە؟ ئۇ مېنى بۇنداق ئېسىل يەرگە باشلاپ كەلمەس. باشلىيالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
          ئۇ ئۇياق-بۇياققا قارىدى.ئەكرەم كۇرۇنمەيتتى.ئۇ كىرگەن- چىققانلارنىڭ سالاپىتى،بۇلۇپمۇ خانىملارنىڭ كىيىنىشلىرىنى كۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىدىن نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ خۇدۇكسىرەپ قالدى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالغان قىشلىق پەلتوسى،شارپىسى،ياغلىقى،ئۆتۇگى بۇ ئىسىل يەردە تۇرۇشقىمۇ مۇناسىپ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىرئاز نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ قالدى. مېنى باشقىلار بۇ يەردە كۆرسە نىمە دەپ قالار؟ ئېرىمنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلمىگەنلەر مېنى نىمە دەپ ئويلار.بۇ ئەكرەممۇ ھەجەپكەن،باشقا يەردە ساقلاڭ دىسىمىغۇ كاشكى.
تۇيۇقسىز ئۇ مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقان ئەكرەمنى كۇرۇپ يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ مېھمانخانىدىن چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ بۇ يەردە...
ئەكرەم كۇلۇمسىرىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى-ۋە:
-رەسمىيەت بىجىرىمەن دەپ سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم.يۇرۇڭ ئىچىگە.
-نىمە؟ئىچىگە؟ئىچىدە نىمە قىلىمىز؟سىز مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر كىتاپخانىغا كىرىمىز،بالىلارغا كىتاپ ئالىمىز،دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟
-كىتاپنىمۇ ئالىمىز.ئىچىگە كىرىپ بىجىرىدىغان ئىشىمىز چىقىپ قالدى.
          ئۇ ئەكرەمنىڭ گەپلىرىنىڭ دىگەندەك راۋان چىقمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. كۆڭلىدە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ ئۇلگۇردى.زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟ئۇ بۇرۇن مۇشۇ يەردىكى بىرەرسى بىلەن ئارلاشقان بولسا چاتاق چىقتىمۇ يا؟ياق.. ياق..مۇمكىن ئەمەس.ئەكرەمنىڭ بونداق خىيالى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنچىلىك يۇرىكى يوق.يەنە كىلىپ پۇلىمۇ يوق.ئۇنداق بولسا بىرەر ساۋاقدىشى كەلگەنمىدۇ يا؟ ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئەزەلدىن بۇنداق يەرگە چۇشۇپ باققان ئەمەس.زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟...
-ئەكرەم زادى نىمە ئىش بار ئىدى بۇ يەردە؟مەن بۇ كىيىملىرىم،بۇ ئەپتىم بىلەن بۇ يەرگە كىرسەم خەقلەر قوغلاپ چىقىرار مېنى؟
-خاتىرجەم بۇلۇڭ.سىزنىڭ كىيىملىرىڭىز مودىدىن قالغان بىلەن سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە شۇنداق ياراشقان.بولمىسا ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىگە.بۇدۇر چاچلىرىڭىز سىزنى زامانىۋى قىلىۋېتىدۇ.
          ئۇ ئەزەلدىن ئەكرەمنىڭ گىپىنى يىرىپ باقمىغان ئىدى.ياغلىغىنى ئېلىۋېتىۋىدى،چىرايى ۋاللىدە ئېچىلدى.ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا بولغاندەك سەل خاتىرجەم بۇلۇپ قالدى.ئۇلار مېھمانخانىغا كىردى. ئاجايىپ زىننەتلەنگەن زال كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. ئېسىۋېتىلگەن ھەرخىل خىرۇستال چىراقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.قېتىپ تۇرغان كۈتكۇچىلەرنى كۇرۇپ ئۇ يەنە جىددىيلەشتى. پۇتلىرى كالۋالاشقىلى تۇردى-دە،ئەكرەمگە ئېسىلىۋالدى. ئۇلار لىفىتقا چىقتى.ئەكرەم 17-قەۋەتنىڭ كونۇپكىسىنى باستى.لىفىتتىن چۇشۇپ قىپ-قىزىل گېلەم سېلىنغان كارىدور بىلەن مېڭىپ 2- ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئەكرەم ماگىنىتلىق كارتا بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ،ئازادە قوش كارىۋاتلىق ياتاققا كىردى.ياتاقنىڭ بېزىلىشىمۇ ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىدى.كۈنگەي تەرەپتىكى پۇتۇن دېرىزىگە تارتىلغان ئۇ كۇرۇپ باقمىغان رەخت ۋە پۇسۇندىكى ئېغىر پەردىلەر،خىروستال چىراق،كارۋات ۋە يوتقان-كۆرپە، ياستۇقلار،يەرگە سېلىنغان ئوتقاشتەك گېلەم،ئالىي ياغاچتىن قىلىنغان ئىشكاپ- جاھازلار...ھەممىسسى ئۇ چۇشىدە ئۆز ئۆيىدە بۇلۇشنى ئارزو قىلىدىغان نەرسىلەر ئىدى.ياتاق ئىچى ئىسسىق،ھاۋاسى خۇشپۇراق بۇلۇپ كىشىگە راھەت،ھۇزۇر بىغىشلايتتى.ئۇ قۇرۇنۇپ قالغاندەك ھىس قىلدى. كۆڭلىدە نىمىگە كەلگىنىنى يەنىلا چۇشەنمەيۋاتاتتى.يەنە كىلىپ ئەكرەمنىڭ قىلچە تېنىمەي كىرىشلىرىگىمۇ ھەيران بولاتتى.
     ئەكرەم ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ، ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى.
-ئەكرەم،بۇ يەرگە زادى نىمىگە كەلدۇق؟ئادەمنى جىددىيلەشتۇرمەي دىسىڭىزچۇ.
-بۇ يەر كۆڭلىڭىزگە ياقتىمۇ؟بۇلامدىكەن.
-بۇلۇشنى بولىدىكەن.لىكىن....
ئەكرەم ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ كارۋاتقا ئولتۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ كۇزىگە قاراپ تۇرۇپ مەقسەتنى ئېيتماقچى بولدى:
-ئايگۈل، دىسەم ئاچچىقلانماڭ.
-ھە،نىمە ئىش بولدى زادى؟قۇلۇمنى قۇيۇپ بىرىڭە،باشقىلار كىرىپ قالىدۇ.
-خاتىرجەم بۇلىڭا بولدى،ئىشىككە ئاۋارە قىلماڭ،دىگەن تاختاينى تاقاپ، ئىچىدىن ئىلىۋەتتىم.
-ۋىييەي،ئەدەمنى ئەنسىرىتىپ،نىمە قىلغىنىڭىز بۇ.باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ بىزنى.
- ئەنسىرىمەڭا بولدى.
-تىزراق دىسىڭىزچۇ؟بىرى بىلەن چاتاق چىقىرىپ قويدىڭىزمۇيە؟
-ھا،ھا،ھا،نەدىكى خىياللارنى قىلىپ كەتتىڭىز.
ئەكرەم ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ تامغا ئېسىقلىق ئەينەكنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.ئەينەكتە ئىككىسىنىڭ تۇرقى كۇرۇندى.
-ئەينەككە قاراڭ،بىزنىڭ تۇرقىمىزغا قاراڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى چىرايىڭىزغا ئوبدان،سەپسېلىپ قاراڭ.
ئايگۈل چىرايىغا قاراپ چوڭقۇر ”ئۇھ“تارتتى.
-نىمە؟مەن بەك قېرىپ كىتىپتىمەنمۇ؟
ئۇ ئەكرەمنىڭ نىمىشقا ئەينەككە قاراتقىنىنى پەقەت”قېرىپ كەتتىڭىز، سەتلىشىپ كەتتىڭىز “دەپ ئەكەلدى دەپ ئويلىدى.
-مىنى مۇشۇنى دىگىلى بۇ يەرگە ئەكەلمىگەنسىز؟سىز بۇگۇن زادى نىمە بولدىڭىز؟گەپ قىلىڭە.
ئەكرەممۇ چوڭقۇر”ئۇھ“تارتتى.ئايگۈلنى يىنىك قۇچاقلىدى.
-مىنىڭ سىزنى بۇ يەرگە نىمىشقا ئەكەلگىنىمنى بەك بىلگۇڭىز بار.بۇنى بىلىمەن. گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم.دەسلەپتە نۇرغۇن گەپلەرنى كۆڭلۇمگە پۇككەن ئىدىم.نىمىشقىكىن ھازىر دىمەك تەس كىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ مۇھاببەتلىشىۋاتقاندا مۇشۇنداق كەيپىياتتا بولىدىغانلىغى ئىسىگە كەلگەن ئايگۈل ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى يېقىملىق ھىس قىلدى.ئۇنىڭ يىنىك قۇچاقلىشى، ئۆزىگە يېقىن تۇرىشى،تىنىقلىرى ھەممىنى ئونتۇلدۇرغاندەك بولدى.
-ئايگۈل،مەن نىمە دىسەم بولار....
-بولدى دەۋىرىڭ.مەندىن ئەنسىرىمەڭ.
ئەڭ دەسلەپ كوڭلىنى ئىزھار قىلغاندىمۇ ئايگۈل مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى رىغبەتلەندۇرگەن ئىدى.ئەكرەم ئۆزىنى توختىتىپ گېپىنى دىيىشكە باشلىدى:
-مېنىڭ سىزنى بۇ يەرگە ئەكىلىشىمدىكى مەقسىدىم سىزنىڭ نەچچە سائەت بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمان قىلىش.بۇگۇن ھېلىقى ئىلمىي ماقالەمنىڭ قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.تاپشۇرۇپ ئېلىپلا نۇرغۇن، نۇرغۇن پىلانلارنى تۇزدۇم.يەنىلا خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان پىلانىم بۇيىچە ئىش كۇرۇش قارارىغا كەلدىم.ئايگۈل،بىز توي قىلغاندىن كىيىن،ئاتا-ئانام ياشانغان بولغاچقا بىر ھويلىدا ياشىدۇق.سىز بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ،بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانامنى باقتىڭىز،مىنى كۇتتىڭىز.دادام كېسەل ئازاۋىدا قالغاندا ئۆز دادىڭىزدىنمۇ چارە كۇرۇپ بېقىپ ئۇنى رازى قىلدىڭىز.ئۇ سىزدىن،بىزدىن رازى بۇلۇپ كۆز يۇمدى.كىيىن بالىمىز تۇغۇلدى،ئىككى بولدى.قەرز ئۈستىگە قەرز بۇلۇپ ئۆي سېتىۋالدۇق.ئۆيدە ياشانغان ئانامنى،ئىككى بالىنى بېقىش،خىزمەت قىلىش بىلەن ئالداراپ بىركۈنمۇ راھەت كۇرۇپ باقمىدىڭىز.ئانامنىڭ تەرىتى ئورنىدا بولغاچقا كېچىللىرى ئانام بىلەن بىرگە ياتتىڭىز، ھەتتا ”سىز ئەر كىشى، ئانىڭىز بەزى ئىشلاردا قۇرۇنۇپ قالىدۇ“دەپ بىر كۈنمۇ مېنى جاپا تارتقۇزمىدىڭىز.سىز نۇرغۇن ئوغۇل ساۋاقداشلار كۆز تىككەن بىر گۈل ئىدىڭىز.لىكىن مېنى تاللاپ،مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قىلچىلىك راھەت كۇرۇپ باقمىدىڭىز.مانا ئەينەكتە كۇرۇپ تۇرۇپتىمىز. سىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى گۈلدەك چىرايىڭىز بۇرۇنقىدىن سۇلاشتى.قۇرۇق چۇشۇشكە باشلىدى،چاچلىرىڭىزدىمۇ ئاق پەيدا بوپتۇ. پەقەت چىدىمىدىم. سىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن خوش قىلىشنى ئويلىدىم.لىكىن قۇلىمىزنىڭ قىسقىلىقى،خىزمىتىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى، ئۆي، بالا، ئانىمىزنىڭ غېمى بىلەن تىنماي پالاقشىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق.بۇگۇن مۇشۇ چۇشتىن كىيىنكى ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ سىزگە ياتاق ئاچتۇردۇم.كەچتە يەنە قايتىپ ئانىمىزغا قارىمىساق بولمايدۇ،تاماق ئەتمىسەك،بالىلارنىڭ تاپشۇرىقىغا يېتەكچىلىك قىلمىساق،ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىساق بولمايدۇ.مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇشۇ ئىسسىق ياتاقتا نەچچە سائەت بولسىمۇ ھەممىنى ئۈنتۇپ،خاتىرجەم ئارام ئېلىۋېلىڭ. ئىسسىق مۇنچىغا چۇشۇڭ،سىزگە ئىچ كىيىممۇ ئېلىپ كەلدىم.ئاندىن بىرئاز ئۇخلىۋېلىڭ.
ئ          ايگۈل ئەكرەمنىڭ گەپلىرىگە چىداپ بولالماي ئەكرەمگە ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئەكرەمنىڭمۇ كۆزلىرىمۇ قىزاردى.ئايگۈلنى مەھكەم قۇچاقلىدى. دىمىسىمۇ ئايگۈل نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ھازىر تۇرمۇش پاراۋان،ئىككىسىنىڭ مۇئاشى بار دىگەن بىلەن ئەشۇ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى بولغان مۇئاشنى دەپ نىمە جاپالارنى كۆرمىدى؟قەرز تۆلەيمىز،بىر ئۆينى چۇگىلىتىمىز دەپ ھېلى خىزمەتكە قاتىراپ،يەنە پالاقشىپ دادا،ئانىنى بېقىش،بالىلىق بولغاندا بالا،ئاتا-ئانا،ئەرنى بېقىش، كۈتۈش،ھە دىسە دوختۇرخانىغا يۇگۇرۇش،ئەل قاتارى بولىمىز دەپ ئاينى-ئايغا ئۇلاش ئۈچۈن تىرمىشىش،باشقا خىزمەتداشلىرى ئىسىل كىيىنىپ،ئىسىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، ئىسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ،ئىسىل يەپ-ئىچىپ يۇرۇپ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك قاراشلىرىغا چىداش،بالىلىرى باشقىلارنىڭ بالىلىرى كەيگەننى،يىگەننى،ئوينىغانلارنى ئالغىسى كەلسە، ئۇلارنى تۇرلۇك چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئالداش....ھەممىسسى، ھەممىسسى ئاسانمۇ؟ لىكىن ئايگۈل چىدىدى. ھەممىگە چىدىدى. ئەكرەمنىڭ تەڭ كۇيۇپ-پىشقىنى ئۈچۈن چىدىدى،ئەكرەمنىڭ مۇھاببىتى ئۈچۈن چىدىدى،ياخشى كۈنلەر ھامان كېلىدىغانلىغىغا ئىشەنگەنلىگى ئۈچۈن چىدىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قېيدىغاندا، ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسى كېسەل ئازاۋىدا ئۇنى تىللاپ سالغانلاردا،بالىلىرى قەغىشلىك قىلغاندا،ئىدارىدىكى باشلىق، خىزمەتداشلار بىر كۆزدە قارىغاندا، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا باھا تالىشىپ سېتىقچىلار”پىىسىق خۇتۇن“دەپ مازاق قىلغاندا...چىدىدى.ئەكرەم بىلەن توي قىلىپ ھەقىقى شىرىن ئاينى ئۆتكۇزەلمىگەندە،ئەكرەم بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشلارغا بارالمىغاندا،ئەكرەم بىلەن گۈزەل كېچىلەرنى بىرگە ئۆتكۇزەلمىگەندە چىدىدى.ئۇ قېنىپ ئۇخلىمىغىلى، تۇزۇكرەك تېلىۋىزۇر كۇرۇپ باقلىغىلى،چاي ئويناپ باقمىغىلى نى جاھان بولدى. لىكىن يەنىلا چىدىدى.چۇنكى ئۇ ئۇمىدۋار،ئۇنىڭغا ئەكرەمنىڭ مۇھاببىتى ھەمرا. چارچىغاندا ئەكرەمنىڭ بىر ئىغىز  چارچىدىڭىز دىگەن سۆزلىرى بولغاچقا،ئەكرەمنى سېغىنغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالمىسىمۇ،لىكىن تۇرمۇشتىكى ئوتلۇق قاراشلىرى، گەپ ئارىسىدا چاخچاق ئارىلاش بولسىمۇ مۇھاببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشلىرى،بەزى ئۆي ئىشلىرىغا يادەملىشىشلىرى بولغاچقا،بالىلىرىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى،چۇچۇك گەپلىرى بولغاچقا ئۇ چىدىدى.ھەئە،ئۇ ھەممىگە،ھەممىگە چىدىدى.مانا بۇگۇن ئەكرەم ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، يۇقارقى گەپلەرنى قىلىپ،ئۆن نەچچە يىللىق جاپالىرىنى بىراقلا ئونتۇلدۇردى.بۇمۇ بەخىت ئەمەسمۇ؟
         ئۇ يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس.ئەكرەم ئۇنى بىردەم يىغلىۋالسۇن،دەپ ئۇيلىدى.بۇ يىغىغا ھەممە نەرسە يۇشۇرۇنغان.ھەممە نەرسە سىڭگەن.ئۇ ئەمدى ھۇزۇرلۇنۇپ مۇنچىغا چۇشىدۇ، يەنە...يەنە...يۇمشاق كارۋاتتا نەچچە سائەت بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئۇ سۆيگەن،ئۇنى سۆيگەن ئۆمۇرلۇك ھەمراھى قاراۋۇل.
ئۇلار مېھمانخانىدىن چىققاندا كەچلىك ئىشتىن چۇشىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-12, 03:05

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(axtuzi) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-12 09:44 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ھۇزۇر
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2254
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 711
    شۆھرىتى: 7250 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7450 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 752 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ۋەقەلىكى، ھەقىقىي چىن ھېسىياتى چۇڭقۇر ھېكايىكەن.جەمىيتىمىزدىكى شۇ ئاقكۇڭۇل خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ كۇڭلىگە شەرمى-ھايا تىلەش بىلەن بىرگە ئائىلىسىگە،تۇرمۇشىغا مەڭگۇ خاتىرجەملىك،بەخىت تىلەيمەن.شۇنداق:جەمئىەت مىھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر.....
    قەلبىمگە شۇنداق تەسىر قىلدى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 11:48 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2814
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 824(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    يىگىتى ئاياللارنىڭ  جاپاسىنى  ھەقىيقەتەن  چۈشىنىدىكەن ، دىمىسىمۇ  ئاياللارنىڭ  ئىشى  جىق ، زجاپاسى تولا  ، لېكىن ، كۆپلىگەن  ئۇيغۇر  ئەرلىرى  ئايالىنىڭ  تارتقان  جاپاسىغا  خوشلاللىق ، راھەت  بېغىشلاشنى  بىلمەيدۇ .   بۇ  تېمىنى  ھەممە  ئەركەكنىڭ  ئوقۇپ چىقىشى  لازىمكەن !  تېما  ئېگىسىگە   كۆپ رەھمەت !
    رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 12:24 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مەمەتۋاقى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2256
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 754
    شۆھرىتى: 7830 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7970 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 852 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھەقىقەتەنمۇ،ۋەقەلىكى ھەقىقىي چىن، ھېسىياتى چۇڭقۇر ھېكايىكەن.   
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 12:59 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈلقىز
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 213
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 901
    شۆھرىتى: 9475 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 9510 دوللار
    تۆھپە: 23 ھەسسە
    ياخشى باھا: 959 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 366(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    راستىنلا ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن، (ۋاي، ۋۇي قولياغلىق ئالغاچ كەلمەپتىمەن، يېشىڭلارنى سۈرىتەكەنسىلە، چاقچاق ھە)
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 14:22 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئائىيشە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2273
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 364
    شۆھرىتى: 3780 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3900 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 391 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بىلىنمەيدۇ جاپا مۈشكۈل،
    كۆڭۈلدە سۆيگۈ بار بولسا.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 14:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    چەشمەزۇلال
    دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


    UID نۇمۇرى : 3796
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرىتى: 20 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 20 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مۇنداق بىر ئاپتۇرىنىمۇ ئەسكەرتىدىغان ئىش يوقما ؟؟؟
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 15:18 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چەشمەزۇلال ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    زايىدە
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3497
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 135
    شۆھرىتى: 1380 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1280 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايىت تەسىرلىككەن.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 18:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زايىدە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاتەش رەنا
    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 538
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 304
    شۆھرىتى: 3275 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3380 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 362 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىچەشمەزۇلالنىڭ2011-08-12 15:18دە يوللىغان يازمىسى  :
    مۇنداق بىر ئاپتۇرىنىمۇ ئەسكەرتىدىغان ئىش يوقما ؟؟؟

    قارىشى ئالىمىز ،مۇنبىرىمىزگە خۇش كەپسىز ،كۇنلىرىڭىز تېخىمۇ كوڭۇللۇك بولغۇسى .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 23:26 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شاھزادە
    دەرىجىسى : VIP ئەزا


    UID نۇمۇرى : 761
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 286
    شۆھرىتى: 3065 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3269 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 370 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەجەپمۇ تەسىرلىككەن ،ھەربىر ئۇيغۇر يىگىتى ئوقۇشقا تىگىشلىك تىمائىكەن . ئىرىنى ئويلاپ ھەقىقى ياخشى كۇرۇپ جاپاتارتقان ئايالنى چوقۇم مۇشۇندا خوش قىلىش كىرەك
    مەن بەكمۇ تەسىرلەندىم .
    تىرىشايلى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-13 22:07 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھزادە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/