






كۆزلىرىڭنى ئەسلىسەم جېنىم،
چۈشۈپ كەتتىم چوڭقۇر بىر ھاڭغا.
كېسەل بولساڭ تۈزۈك بولمامسەن،
نىمە قىلسەن دەرت سېلىپ ماڭغا.
تالانت دىگەن بارمىكەن مەندە،
تىگىشمەيمەن ھەسەلنى قەنگە.
نىمانچىلا ئاچچىقىڭ يامان،
ئېيتىپ بەرگىن كۆيدىڭ سەن كىمگە.
چاپان كەيدىم تۆت يانچۇقى بار،
نىمىشقىمۇ يىغلايسەن زار- زار.
بىكالىققا تۇخۇم بارمىكەن،
مىڭ ياخشىغۇ قاغىدىن شۇ سار.
ئاشپەز ئۇستام تىككەن بۇ كاستۇم،
نىمانچىلا ئىسىل سايرىغان.
بۈشۈكنى سەن پىكاپ دىگەنمۇ،
ئون مومىغا ھىچكىم تويمىغان.
تۈگمەن سوراپ بارسام مەلەڭگە،
ساقچى بىلەن ھىچبىر ئىشىڭ يوق.
تېگەي دەپلا تەككەن نەدە بار،
چاچ ئىسىلدە ، ئەمما قېشىڭ يوق.
باغدا بۇلبۇل سايرىماس بولدى،
زىيان تارتتىم قىلغان سودامدىن،
سالام خەتنى شۇنداق يازامسەن،
قاش ئاتسىلا قورقما ئۇكامدىن.
تۇتىۋالغان كەپتىرىم قېنى؟
داپەنجىنى ئەمدى يىمەيمەن.
دەپ بەرمەڭلار مىنى سورىسا،
ۋاپاسىزنى يارىم دىمەيمەن.
بېرىڭ ئەمدى دوختۇرخانىغا،
سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگەنمۇ سىز؟
بىنا ئۆينى ئۇنچە چوڭ كۆرمەڭ،
باجغا كىپەك بېرىپ كەتتىڭىز.
كۈلمىسىڭىز مەيلى دىدىققۇ،
قان بەرگەنگە ئۆلمەيدۇ ئادەم.
توپ سېتىپسىز ئۆپكە- ھېسىپنى،
سىز كۈلسىڭىز كۈلىدۇ ئالەم.
بۇ قىزلارنىڭ ھىلىسى تولا،
قۇرۇق گەپتىن ئەجەپ تويدۇققۇ!
تىللىمايلى ئىنكاس يازمىسا،
تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويدۇققۇ!





