چۇچۇمەل ئاچچىق بېلىق شورپىسى تەييارلاش()
ئاساسى ماتىريالى:ئوتخور بېلىق بىر دانە ،يۇملاق ماش ئويما(سوجۇ)،نىپىز ماش ئويما،مايلىق يېسۋېلىك،قۇشۇمچە:(چېچەكگۇل موگو)، 
 تەم خۇرۇچلىرى:سۇيېغى،تۇز،.ئاقمۇچ،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، كۇنجۇت،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،لاچىندانە،قۇشۇمچە:(پۇرچاق بوتقىسى،قىزىلمۇچ قىيامى ،قىزىلمۇچ مېيى،تېتىتقۇ)
تەييارلاش ئۇسۇلى:بېلېقنى پاكىز يۇيۇپ توغرايمىز ،باشقا ماتىرياللارنىمۇ رەسىمدە كورسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە توغرىۋالساق بۇلىدۇ، 
 شورپىسىنى تەييارلاش:قازانغا يېرىم چۇمۇچ ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا غولپىياز.سامساق ،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن ،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ۋە قۇشۇمچە تەم خۇرۇچلارنى سېلىپ مەزلىك پۇراق چىققىچە قورۇپ تۇز سېلىپ  يەتتە چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا قاينىتىمىز . 
  
  
 يۇملاق ماش ئويما،نىپىز ماش ئويما،مايلىق يېسۋېلىكلەرنى شورپىغا سېلىپ بىر قاينىتىپ سورپا قاچىسىغا سۇزۋالىمىز .
ئاندىن بېلىقنى سېلىپ 5مىنۇت ئەتىراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىپ سورپا قاچىسىغا ئالىمىز. 
 شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تېتىپ بېلىقنىڭ ئۇستىگە قۇيىمىز .
شورپا ئۇستىگە كۇنجۇت، چانالغانسامساق ،غولپىياز(كىچىك غولپىياز بولسا تېىخى ياخشى )سىپىمىز
قازانغا ئازراق قىزىلمۇچ مېيى قۇيۇپ قىزىغاندا شورپىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ پەردازلاپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بۇلىدۇ. 
 ئالاھىدىلىكى :تەمى ئوزگىچە بۇلۇپ ئاچچىق چۇچۇك ،يىيىشلىك شەكلى كوركەم ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى .
مەزكۇر شورپا 2011-يىلى7-ئاينىڭ 21كۇنى سەلتەنەت تاماقخانىسىدا تەييارلىنىپ كەسىپداش دوسلارنىڭ ۋە شۇنداقلار كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى