
ئاساسى ماتىريال : قوي قېرىنى 350 گىرام، سامساق 2 باش ، كۆك قىزىل مۇچ يېرىم غوزەكتىن
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز ، تېتتقۇ، ھۆل كىراخمال، سىچۈەن قىزىل مۇچى، ياغ ئاقمۇچ تالقىنى،
كاۋاۋچىن تالقىنى،
ئىشلەش ئۇسۇلى: 1- باسقۇچتا قېرىننى پاكىز يۇيۇپ پارچە توغرايمىز، كۆك قىزىل مۇچنىمۇ ئوخشاش
چوڭلۇقتا رومبا شەكلىدە توغرايمىز، سىچۈەن قىزىل مۇچىنى ئوتۇردىن كىسىپ ئىككى قىلىپ ئۇرۇقلىرىنى پاكىز
چۈشۈرىۋىتىمىز ، سامساقنى ئاقلاپ بىر باش سامساقنى ئۇشاق چاناپ سۇغا چىلاپ قويىمىز ، بىر باش سامساقنى
پۈتۈن پېتى تەييارلايمىز،
2- باسقۇچتا : توغرالغان قېرىنغا تۇز ، تېتتقۇ ، ئاقمۇچ تالقىنى ، كاۋاۋچىن تالقىنى
سامساقنىڭ سۈيىنى ، ھۆل كىراخمال بىرىپ تەملەندۈرۈمىز
تەخمىنەن 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ، قازانغا ماي ئېسىپ 5-6 دەرىجە قىزىغاندا قېرىننى چېچىپ سېلىپ
سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز، كەينىدىن پۈتۈن تەييارلىغان سامساقنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا مايدىن ئۆتكۈزۈپ
سارغايتىپ ئالىمىز،
3- باسقۇچتا: قازاندا ئاز ماي قالدۇرۇپ چانىغان سامساق، كىسىلگەن سىچۈەن قىزىل مۇچىنى سېلىپ قورۇپ
پۇراق چىققاندا پىشۇرۇپ ئېلىۋالغان قېرىن ، سامساق، كۆك قىزىل مۇچلارنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ،
تۇز ، تېتتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئازىراق ماي بىرىپ ئىككى ئۆرىۋىتىپ تەخسىگە ئالىمىزدە
سىچۈەن قىزىل مۇچىنى ئىلغاپ تەخسە چۆرىسىگە يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك تىزىپ رەتلەپ بەرسەك بولىدۇ.