hantagri illikdunya.biz sohpat
خوشامەت
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 567
شۆھرىتى: 5760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5810 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 636 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇئەللىم بولماق تەس
ئاپتۇرى: نۇرمۇھەممەد  مۇھەممەدئىمىن

مەرھۇم رۇزى سايىت ئاكىمىزنىڭ <<دېھقان بولماق تەس>> دىگەن شېئىرىغا تەقلىد
(1-قىسىم)





ئادەم كۆپ جايلاردا سۆزلىشىپ بەس-بەس،
مالىمنىڭ  كۈنىگە  قىلمىغىن  ھەۋەس ،
مۇئەللىم بۇلاركەن كىمنى باسسا نەس،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

سودىدا تالاشساق گىرىكەن دەيدۇ،
يا،كاسسىر مائاشنى جېق-جېق بەرمەيدۇ،
پۇلى ئاز  ئادەملەر  سوغۇق  تەرلەيدۇ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

ئىشتاھا بار لىكىن يىيەلمەس پۈتۈن،
تويمىغان يىرىگە تويغۇزار تۈتۈن،
شۇ سەۋەپ چىرايى ئەمەستۇر سۈتۈن،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

ئىسىلراق كىيىمگە مائاش يەتمەيدۇ،
توك پۇلى،سۇ پۇلى نېرى كەتمەيدۇ،
توي-تۈكۈن مەرىكە بىزنى ئەپلەيدۇ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

ئىئانە ئەڭ ئاۋۋال يوقلايدۇ بىزنى،
بەرمىسەك باشلىقلار دوقلايدۇ بىزنى ،
جېق بەرسەك ئاياللار سوتلايدۇ بىزنى،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

خىزمەتنىڭ دەستىدىن نەچچىمىز بويتاق،
كىر يوتقان،كىركۆرپە ،ئىشتانلار شالتاق،
بويتاققا ھەمراھكەن رەتلەنمەس ياتاق،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

پۇلى ئاز نامرات دەپ قىزلار تەگمەيدۇ،
پۇل تېپىش پۇرسىتى بىزگە كەلمەيدۇ،
مالىمنىڭ دەردىنى قىزلار بىلمەيدۇ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

كەپ تۇرار ھەپتىدە باھالاش ئۆمەك،
ئۇلارغا ھەقىقىي سان-ساناق كىرەك،
ئىشلەيسەن نەچچە رەت ئارخىپنى دىمەك،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىيدەك،
ئىشلەيمىز بىزخۇددى باخشۇ،يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس-شايىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

ئونىنجى  سىنتەبىر  بايرام  كۈنىمىز،
دەرت چەككەن بولساقمۇ مەجبۇرى كۈلىمىز،
شەرەپكەن مەيدىگە  قىسقان  گۈلىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

مۇشاققەت دەستىدىن ئاقارسىمۇ چاچ،
ئۈمىدۋار بۇلۇپ كەلدۇق پارتىيە بولغاچ،
مىڭ شۈكرى قالمىدۇق لېكىن يالىڭاچ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

يەتمىگەچ بىراۋغا بىزدىن قىلچە نەپ،
ھاجەتمەن بولۇپ بارساق قويار ئەدەپلەپ،
مەسخىرە قىلىدۇ <<ئەپەندى>>كەن دەپ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

بىر سائەت سورىساڭ مائاشىڭ كەمدۇر،
تاقابىل تۇرمىقىڭ ئۆلۈمگە تەڭدۇر،
سىردىشىڭ بور،كىتاب،دوسكا ھەم رەڭدۇر،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

مەكتەپتە مۇھىمى ئوقۇ-ئوقۇتۇش،
سەبىيلەر قەلبىنى پەندە يۇرۇتۇش،
ھالبۇكى ئۇنتۇلدى بۇ مۇقەددەس بۇرچ،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

تەكشۈرەر پات-پاتلا تەييارلىق قېنى؟
تەييارلاپ تۇرمىساڭ چىقىدۇ  جېنى،
كىچىك پىت ھەممىدىن قىينايدۇ سىنى،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

ھەر كۈنى بار ساڭا ئالىي يوليۇرۇق،
چولاڭ يوق مۈگدەيدۇ غېرىب تاپشۇرۇق،
ئاخشىمى ئۆيۈڭنىڭ چىرىغى يۇرۇق،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

سانى يوق تازىلىق، سانى يوق ئەمگەك،
بۇدېمەك چارچاشتىن، ھالىدىن كەتمەك،
كۈنىمىز ساختىلىق ،يوقنى بار ئەتمەك،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

توشقۇزماي قويۇپ باق بىر كاتەكنى ئاق،
كىملەردۇر دوق قىلىپ تويغۇزىدۇ جاق،
بورمىلاپ  قەستەنلا  چىقىرار  چاتاق،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

دەرتلەر كۆپ ئاڭلاشقا ئادەم يوق بىراق،
بىزشۇنداق تېنىمسىز كۆيگەن شام-چىراق،
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ ھەسرەتلىك پىراق،
جاھاندا ھەممىدىن مالىم بولماق تەس.

يازغىنىم ئىشەنسەڭ ھېچ يالغان ئەمەس،
بىر ئۆمۈر يازساممۇ دەردىم تۈگىمەس،
توختىتاي سۆزۈمنى ئەمدى بولدى بەس،
تەس دىسە جاھاندا مالىم بولماق تەس.

مەنبەسى:خوتەن ۋىلايىتىنىڭ  قاراقاش ناھىيسىدىكى بىرئوقۇتقۇچى دوستۇمنىڭ تېلېفۇنىدىكى ناخشىلار توپىدىن
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاتەش رەنا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-17, 10:15

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( خوشامەت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-17 18:13 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 724
شۆھرىتى: 7510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10040 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 822 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزىق دۇنيا قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش.
يۇلۇپ تاشلاندى، ساق چىشلار،
دەرت كۆرمىدى، ئاغىرىق چىش.
xukran
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-17 18:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نائىلە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 220
شۆھرىتى: 2260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2400 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 254 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ ، دەرت باسمىسا مالىم غىڭشىمايدۇ !
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-17 19:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرىتى: 2355 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2430 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 257 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىنكاسلار بىر بىرىدىن ئۇزكىنا ،،،،         
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-17 22:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا