.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-ئىيۇل يوللغان تېلگىراممىسى: ئەنگىلىيە ئاىبارات ۋاستىلىرنىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ شىروپ ۋىلايىتىدىكى بىر ئائىلىدە بېقىلغان تاغىل ئىت بىر ئايدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئىلگىرى بىر قېتىمدىلا 16 دانە كۈچۈك تۇغۇپ، بىر قېتىمدىلا ئەڭ كۆپ كۈچۈكلەش دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتتى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئىتنى تۇغدۇرغان ھايۋاناتلار دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تاغىل ئىت تۇغقان ۋاقىتتا، ئارقا-ئارقىدىن 8 دانە كۈچۈك تۇغقان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تىنىۋالغان. دوختۇر ئەمدى تۇغۇپ بولدى، دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا بۇ ئىت يەنە 8 دانە كۈچۈك تۇغقان. دوختۇر بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران بولغان.
بۇ ئىتنى باققان ئائىلە بۇ كۈچۈكلەرگە ناھايىتى ياخشى قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ كۈچۈكلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئۆيىگە ئاپىرىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر تاغىل ئىت بىر نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 دىن 9 دانىغىچىلا كۈچۈكلەيدىكەن. 2009-يىلى ئەنگىلىيىدىكى بىر ئەرنىڭ ئۆيىدىكى تاغىل ئىت 18 سانە كۈچۈك تۇغۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتقان ئىكەن