[attachment=301] شەربەت ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدا:
شەربەتلەر ئادەتتە ھەسەل ياكى شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ ياسىلىدۇ.شەربەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇجلار قۇرۇق مىۋە،
قۇرۇق گۈل-گىياھلار بولسا ،ئادەتتە 7-6 ھەسسە سۇ،2-3 ھەسسە ھەسەل ياكى سېكەر قوشلىدۇ،)مېنىڭ تەكلىۋىم ئەڭ ياخشىسى
ھەسەل قوشۇڭ(،ئەگەر خۇرۇجى يېڭى ھۆل مىۋىلەر بولسا،قوشۇلىدىغان سۇ مىقدارى 3-4 ھەسسە بولسا بولىدۇ.
شەربەتلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇلىدىغان يەككە دورىلار يىلتىزلار بولسا يۇمشاق سوقىلىدۇ؛ئۇرۇقلار يىرىك سوقۇلىدۇ؛مىۋە،گۈل،يوپۇرماقلار
سوقۇلمايدۇ.شەربەتلەر تەركىبىگە سېرىقئوت،تەمرى ھىندى،خىيار شەنبەردەك دورىلار قوشۇلىدىغان بولسا،بۇ خىل دورىلار قاينىتىلمايدۇ،
ئۇ،قاينىتىلغان دورىلار بىلەن بىرگە سۈزىۋىلىنىدۇ.بولمىسا دورىلارنىڭ كۈچى كېتىدۇ ياكى تەبىئىتى ئۆزگىرىپ،ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى
يوقىتىدۇ.
دورىلارنىڭ تەركىبىدە يىلتىزلار،ئۇرۇقلار،مېغىزلار كۆپ بولسا،بۇلارنى قاينىتىشتىن ئاۋال،قائىدە بويىچە سوقۇپ،ئۇنىڭغا ئىككى
بارماق ئېگىزلىكىدە قايناق سۇ قۇيۇپ 8 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ھەتتا 3 سوتكىغىچە چىلاپ قويۇپ،يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن
كىيىن،ئاندىن قايتا چىلاش كېرەك.قايناتمىلار قوشۇلغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 3\1 قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.شېكەر،قەنىت
ھەسەل،ناۋات،تەرەنجىۋىل قاتارلىق ماتىرىياللار ئادەتتە دورىلار قاينىتىلىپ تىرىپلىرى سۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن قوشۇپ بىر قاينىتىپلا
ئېلىنىدۇ.
قاينىتىلمايدىغان كاشكاپقا قوشىدىغان يەككە دورىلارنىڭ بەزىلىرىنى سوقۇپ ،بەزىلىرىنى ئۆزپىتى قايناق سۇغا چىلاپ تەمى
چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
قايناتمىغان بەزى ئۇرۇق-دورىلارنىڭ قىزىق سۇغا چىلاپ ئېرىتىپ ئېلىنغان شىرنىسى قوشۇلىدۇ.بۇ خىل شىرنىلەر ۋە دورىلار
ئاشقازان،ئۈچەيلەرنىڭ تىۋىتى چۈشۈپ كەتكەن يۈزىنى قوغداش،يېپىشتۇرۇش،ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
شەربەتلەرنى ئادەتتە ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ.مۇراببا،شەربەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ،ئۇنى ئۇزاقراق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ئۇلارغا لېمۇن قوشسىڭىز بولىدۇ.
شەربەتلەرنىڭ نامى ئۇنىڭ ئاساسى تەركىبىگە قوشۇلغان خۇرۇج نامى بىلەن ئاتىلىدۇ
ئانار شەربىتى
[تەبىئىتى]سوغۇق
[شىپالىق رولى] قان سەپرانىڭ تېزلىكىنى باسىدۇ،ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ،قاننى كۆپەيتىدۇ،ئېغىز قۇرۇشنى تۈگىتىدۇ،ئاشقازاننىڭ ﻫەزىم قىلىشنى كۈچەيتىپ،كۆڭۈل ئېلىشىش،قۇسۇشنى توختىتىدۇ.زەﻫەرنى قايتۇرىدۇ،مېڭە،يۈرەك،ئۆپكە،جىگەرنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ،نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ.
[خۇرۇجى]ئاچچىق،تاتلىق ئانار سۈيى 750 گرامدىن 1.5 كىلوگرامغىچە،قەنت 1-1.5 كىلوگرامغىچە.
[ياساش ئۇسۇلى]ئانار سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ،قەنىتنى قوشۇپ يېرىمى قالغۇچە قىيامىغا يەتكۈزۈپ قاينىتىمىز،ئاندىن ئۇنى قاچىغا ئېلىپ ساقلايمىز.
[ بۇ يازماكۇسەنتەرپىدىن2009-04-07 04:47دە قايتا تەھر ]