1.ئاق قەغەز بىلەن يېمەكلىك ئوراش.
قەغەزنى ئاقارتىش ئۈچۈن كۆپىنچە زاۋۇتلار ئاقارتىش دورىسى قاتىدۇ. ئاقارتقۇچى دورا يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقاندا، بىر قاتار خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، بىر قىسىم
ماددىلار ھاسىل بولۇپ، ئاسانلا يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.تازىلىق قەغىزىدە قاچا -قۇچىلارنى سۈرتۈش.
دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەر خىل تۈردىكى كۆپ قىسىم تازىلىق قەغەزلىرى پاكلانمىغان (دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان) ياكى تولۇق
پاكلانمىغانلىقى قەغەز يۈزىدە نۇرغۇن مىكروب ساقلانغانلىقى بايقالغان. بۇ مىكروبلار ئاسانلا سۈرتۈلگەن نەرسىلەرگە يۇقىۋالىدۇ. پەقەت ياخشى پاكلانغان ئالىي دەرىجىلىك تازىلىق قەغىزىلا سەھىيە ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.
3.تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سېلىش.
تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سالسا ، گەرچە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سۇلياۋ داستىخانغا ئاسانلا چاڭ-توزان،مىكروب قاتارلىقلار چاپلىشىۋالىدۇ، يەنە سۇلياۋ داستىخان زەھەرلىك ۋىنىل خلورىد سىمولاسى(لۈيىشى شۇجژ 脂树烯乙氯)دىن ياسالغاچقا،قاچا- قۇچا،يېمەك-ئىچمەك مەلۇم ۋاقىت سۇلياۋ داستىخاندا تۇرسا،زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بولغىنىدۇ، بۇ نۇرغۇن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4 .يېمەكلىكلەرگە داكا يېپىش ئارقىلىق چىۋىندىن ساقلىنىش
يېمەكلىك ئۈستىگە داكا ياپقاندا،گەرچە چىۋىن يېمەكلىككە بىۋاسىتە يېقىنلىشالمىسىمۇ،ئەمما داكا ئۈستىگە قونغاندا،تۇخۇملىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ تۇخۇملارداكا تۆشۈكچىلىرىدىن چۈشۈپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ
5.لۆڭگە بىلەن قاچا - قۇچىلارنى سۈرتۈش.
تۇرۇبا سۈيى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە پاكلىنىدۇ.تۇرۇبا سۈيى بىلەن يۇيۇلغان قاچا-قۇچا،مېۋە-چېۋىلەرئاساسىي جەھەتتىن پاكىز بولىدۇ،قايتا لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.لۆڭگىدە نۇرغۇن كېسەل مىكروبلىرى بولغاچقا، قاچا-قۇچىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتسە، -قېتىملىق بولغىنىش پەيدا قىلىدۇ.
6. مېۋىنىڭ بۇزۇلغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلىش.
بەزىلەر مېۋە يېگەندە، مېۋىنىڭ بۇزۇلغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ يېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېۋە شىرنىسى ئارقىلىق مىكروبلار ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغان بولىدۇ، ھەتتا مىكرو جانلىقلار كۆپىيىشكە باشلىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىكى زەمبۇرۇغ ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئۆزگەرتىپ راك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا،بۇزۇلغان مېۋىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.
7.ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقاننى يىغىۋېتىش.
ئادەم كۈندە كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقاننى يىغىۋەتسە، تەر يوتقاندا ساقلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەر پۇرىقى ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كېسەل مەنبەسىنى ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا: ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال يوتقاننى ئۆرۈپ، مىنۇت ئەتراپىدا شامالداتقاندىن كېيىن يىغىش كېرەك.ئەڭ ياخشىسى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
8.ئۇزۇن مەزگىل بىر خىللا دورىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش.
دورىلىق چىش پاستىسىنىڭ بەزى مىكروبلارنى چەكلەش رولى بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاق مەزگىل بىر خىللا دورىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلەتسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلار ئاستا - ئاستا چىش پاستىسىغا ماسلىشىپ، دورىغا چىدامچانلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
مەنبەسى: تىببى ئۇچۇر تورى يوللىغۇچى: ئەنۋەر
[ بۇ يازمامەمەتۋاقىتەرپىدىن2011-07-09 02:08دە قايتا ]