شورپۇلۇق مانتا تەييارلاش
ماتېريالى : ئۇن 600 گ ، قوي گۆشى 600 گ ، باش - پاچاقنى ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرغاندا قالغان شورپىسىنىڭ سوغدا ئۇيۇتۇلغان ئۇيمىسىدىن 350 گ ، غولپىياز، زەنجىۋىل ، شېكەر ، جاڭيۇ ، تېتىتقۇ ، ئاقمۇچ تالقىنى ، كۈنجۈت يېغى ، ئىرىتىلگەن قوي يېغى قاتارلىقلار مۇۋاپىق .
1. غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى چاناپ ئاز سۇ قۇيۇپ ، سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرۋالىسىز . شىراق ئۇيمىسىنى ئۇششاق توغرايسىز .
2. گۆشنى ئۇششاق توغراپ ، جاڭيۇ ، تۇز ، تېتىتقۇ ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، غولپىياز - زەنجىۋىل شىرنىسى ، كۈنجۈت يېغى ، ئىرىگەن قوي يېغى قوشۇپ ئارلازتۇرۇپ قىيما قىلىسىز .
3. تەڭنىگە ئۇننى تۆكۈپ سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرىسىز ، ئۇنى پېتىر مانتىنىڭكىدەك زۇۋلا قىلىپ ، جىلت ئېچىپ ، ئىچىگە قىيما سېلىپ ئاغزىنى ھىم قىلىپ تۈگىسىز . ئاندىن ئۇنى ياغلانغان قاسقانغا تىزىپ ، كۈچلۈك پاردا 6 مىنۇت پىشۇرىسىز . پىشقاندىن كېيىن ئۇنى چوڭقۇر تەخسىگە ئالىسىز ، خېمىرىنى يىرتىشىڭىزغىلا ئىچىدىن شورپا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .
بۇنىڭ شورپىسى ئاجايىپ ئىچىشلىك ..........