
ئاساسى ماتىريال : قومۇل قوغۇنى 1 تال
قوشۇمچە: يۇمشۇتۇلغان چىلان ، سېرىق ناۋات ، ھەسەل ، قېتىق، كۆك قىزىل گىلاس، شىكەر
ئالدى بىلەن بىر چەينەك سۇغا تېتىغۇدەك ناۋات سېلىپ قاينىتىپ ئېلىپ قۇيىمىز،
ئاندىن قوغۇننى ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ بىر قىسمىنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئىتىنى چىقىرىۋالىمىز
قوغۇن ئىتىنى ئېغىزغا كەلگۈدەك توغىراپ جاۋۇرغا سېلىپ چىلان ، گىلاسلارنى ئارلاشتۇرۇپ
شىكەر سېلىپ ، قېتىق قۇيۇپ، ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ ، ئاندىن سوۋۇپ تەييار بولغان ناۋات سۈيىنى
قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈپ ، ئويۇلغان قوغۇن كورىسىغا تۆكۈپ ، توڭلاتقۇغا بىرەر سائەتچە سەپ قويۇپ
ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: تومۇزدا ئىسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئۇسىغان يەرگە بارىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىسسىقتا
چارچىغان يەرگە بارىدۇ،
تەبىيىتى : مۆدىدىل