
ئاساسى ماتىريال: يېڭى سويۇلغان قوي قوۋرىغىسى1.5 كىلوگىرام
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز، زىرە، قىزىلمۇچ تالقىنى، ئاق ئۇن ، باشپىياز، تۇخۇم، سەككىز بۇرجەك، پۇراقلىق يوپۇرماق،
ماندارىن شۆپۈگى، كاۋاۋىچىن، قوۋزاق دارچىن، شاكالبەديان، ئارىپبەديان، قارامۇچ، ئاقمۇچ، ئىھتىياجغا قاراپ
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كىچىك بىر جاۋۇر سۇغا تۇزلۇق تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ ، سەككىز بۇرجەك، پۇراقلىق يوپۇرماق،
ماندارىن شۆپۈگى، كاۋاۋىچىن، قوۋزاق دارچىن، شاكالبەديان، ئارىپبەديان، قارامۇچ ، ئاقمۇچ، سېلىپ قاينىتىپ پۇرىغى چىققاندا
ئېلىپ سوۋتىمىزدە بىر باش پىيازنى توغراپ سالىمىز ، قول كۆيمىگىدەك سوۋىغاندا قوۋرىغا گۆشنى چىلاپ 1:30 سائەت تەملەندۈرىمىز
دورا ماتىرياللارنىڭ تەمى گۆشكە راسا سىڭگەندە سۈزۈپ ئېلىپ ، ئاق ئۇن بىلەن تۇخۇمدا شىرنە تەييارلايمىزدە گۆشكە تەكشى
سۈرۈپ دۇخۇپكىنىڭ گىرادۇسىنى 250 كە تەڭشەپ دۇخۇپكىغا سالىمىز ، پىشۇرۇش ۋاقتىنى گۆشنىڭ قېرى ياشلىقىغا قاراپ
ئۆزىمىز مۇۋاپىق پەيتتە پىشتى دەپ بىلىپ، تەخسىگە ئېلىپ، تۇز، زىرە، ئۇۋاق مۇچلارنى ئارلاشتۇرۇپ كىچىك تەخسىگە قويۇپ
كاۋاپ ئۈستىگە ئازراق پىياز توغراپ تەخسىدىكى ئارلاشمىلارنى سىپىپ ئىستىمال قىلىڭ!!!!!!!!!!!
ئالاھىدىلىكى: رەڭگى ئالتۇن سېرىق ، مىزىلىك ، يىيىشلىك، ئاجىز تەنگە قۇۋۋەت
ئەسكەرتىش: دوخۇپكا يوق ئەھۋالدا تونۇرغا ئوت سېلىپ قىزىتىپ ھاۋزىسىنى ئۆيدە نان ياققاندەك ( گىردىنىڭكىدەك) تەڭشەپ
ئوتنى پاكىز ئېلىۋىتىپ گۆش ئىلغۇچىغا ئىلىپ پىشۇرساقمۇ بولىدۇ ، گۆشنى ئىلىشتىن ئاۋال تونۇرغا سەۋزىنى نىپىز پارچىلاپ
غولپىيازنى ئوشتۇپ ، يۇمغاقسۈت ، دىگەندەك پۇراق چىقىرىدىغان كۆكتاتلارنى تاشلىۋىتىپ دۈملەپ پىشۇرساق
تېخىمۇ مىزىلىك چىقىدۇ،