تولدۇرۇلغان پېدىگەن
كېتىدىغان ماتىرياللار:
200گىرام قوي گۆشى قىيمىسى ( كالا گۆشى بولسىمۇ بولىدۇ)
باش پىياز 1 دانە
زىرە مۇۋاپىق مىقداردا
ئاقمۇچ، قارامۇچ مۇۋاپىق مىقداردا
بىر قۇشۇق ئۈسۈملۈك مېيى
بىر تال كۆكمۇچ
بىر تال پەمىدۇر
يۇقۇرىقى ئۆلچەم بىر كىشىلىك ئۆلچەم، ئىھتىياجغا قاراپ مۇشۇ ماسسا بويىچە كۆپەيتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى:
ئاۋۋال قىيمىنى تەييارلىۋالىمىز.
قىيمىنى تاييارلاش ئۇسۇلى:
گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ ئارلاشتۇرىۋالىمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن تۇز، زىرە، ئاقمۇچ، قارامۇچلارنى ئارلاشتۇرىمىز، تۇزىنى تېتىيمىز.
قازانغا يۇقۇرىقى ئۆلچەمدىكى ئۈسۈملۈك مېيىنى قۇيۇپ قىزىتىپ، تەييارلىۋالغان قىيمىنى سېلىپ قورىۋالىمىز، قورۇش جەريانىدا ئازراق پەمىدۇر قىيامى سەلىۋەتىمىز، قىيمىنى بەك قورىۋەتمەي ئازراق سارغايغاندىن كىيىن قازاندىن ئېلىۋالىمىز.
پېدىگەننى توغرىسىغا قويۇپ قورساق قىسمىنى كىسىۋىلىپ ئىچىدىكى قىسمىنى قوشۇق بىلەن كولاپ ئېلىۋالىمىز، يۇقۇرىقى تەييارلىغان قىيمىنى پېدىگەننىڭ ئىچىگە توشقىچە سېلىۋالىمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن لىسقا سېلىپ 180 گرادۇستا 40مىنوت پىشۇرىمىز قىيمىسى ئازراق قىزارغاندىن كىيىن كۆكمۇچ ۋە پەمىدۇرنى رەسىمدىكىدەك توغراپ ئۈستىگە قويۇپ بېزىۋالىمىز دە دوخوپكىدا 5 مىنوت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئالىمىز.
مەنبە ياۋروپا ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى