oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كېچىككەن پۇشايمان
(ھىكايە)
ئاپتورى : مېھرىم



دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر بىلەن 36 ياش ئەتراپىدىكى چىرايلىق بىر ئايال جىددىيلەشكىنىچە كىرىپ كەلدى . ئەر 14 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئاق يۈزلۈك ئورۇققىنا قىزنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ ئۇ ئەرگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتى . ئايال قىزنىڭ ئاپىسى بولسا كېرەك ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغىنىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. قىز بۆلۈمگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇلۇشقا باشلىدى . ئەر بىلەن ئايال بۆلۈم ئىشىكى ئالدىدا تىتىلدىغىنىچە ئىشىككە تەلمۈرۈپ تۇراتتى . ئايال بىردىنلا تامغا يۈزلىرىنى يېقىپ يۈزلىرىنى شاپىلاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى . ئەر بولسا ئايالغا غەزەب بىلەن ھومىيىپ قويدى - دە ، دېرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ يانچۇقىدىن ئالغان تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغىنىچە ئاچچىق -ئاچچىق شوراپ چېكىشكە باشلىدى .
دەل شۇ ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئىچىگە يەنە بىر جۈپ ئەر _ ئايال كىرىپ كەلدى _ دە ، ئەر يىغلاۋاتقان ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ ئايالنىڭ مۈرىسىدىن تۇتتى . بىللە كىرگەن ئايال بۆلۈمنىڭ ئىشىگى يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى . ھېلىقى يىغلاپ تۇرغان ئايال بىرسىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتقىنىنى سەزگەندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى _ دە ، ئەرنى كۆرۈپ ياشلىق كۆزلىرىدە بىردىنلا ئاچچىق غەزەپ پەيدا بولدى ۋە ئەرگە قاراپ :
_ھەممىنى قىلغان سىز ! قىزىمنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا سىز سەۋەپچى ! ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن ! ... دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى .
ھېلىقى ئەر نىمە دىيىشنى بىلەلمىگەندەك بىر خىل قولايسىزلىق ئىچىدە ئايالغا قاراپ :
_ رازىيە ، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ، قىزىمىزغا ھېچنىمە بولمايدۇ ... _ دىيىشىگە ، ئايال تېخىمۇ ۋارقىراپ :
_ قىزىمىز ؟! ئەمدى قىزىمىز دەپ قاپسىزغۇ ؟ ھەجەپ ئۇنى ئۆيدە قىزىم دىمىگەنغۇ ؟ ئەمدى قىزىڭىز بولۇپ قالدىما ؟ _ دىدى .
دەل شۇ ۋاقىتتا بۆلۈمنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ دوختۇر چىقىپ كەلدى . ھېلىقى دېرىزىنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىۋاتقان ئەر دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ باردى _ دە :
_ دوختۇر ، قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ دىدى .
_ ھازىرچە خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى _ دىدى دوختۇر ، قىزغا بىرەر ئىش قاتتىق تەسىر قىلغان ، ئۇنىڭغا تېنچلىق كېرەك ، شۇڭا بۇيەردە قالايمىقان ۋارقىرىماڭلار . قىزنىڭ ئاتا_ئانىسى قايسىڭلار ؟
_ مەن دادىسى .
ئاڭغىچە ھېلىقى ئايالمۇ دوختۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
_مەن ئاپىسى _ دىدى .
_ ئۇنداق بولسا ئىككىڭلار كىرسەڭلار بولىدۇ . ئېسىڭلاردا بولسۇن قىزچاققا تېنچلىق كېرەك ، كاللىسىغا تەسىر قىلىدىغان قالايمىقان گەپلەر چىقىپ قالسا .........
_ خاتىرجەم بولۇڭ دوختۇر _ دىدى ئەر ئالدىراپ .
_ كىرسەڭلار بولىدۇ .
ئەر بىلەن ئايال دەرھال بۆلۈم ئىچىگە كىرىپ كارىۋات يېنىغا كەلدى . قىز كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى .
_ قىزىم _ دىدى ئەر ئاۋازى تىترىگەن ھالدا ، _ جېنىم قىزىم ....
_ گۈلخۇمار ، جېنىم بالام ، _ دىدى ئايال قىزنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كېلىپ يۈكۈنۈپ قىزىنىڭ قوللىرىنى سىلىغىنىچە ، _ ھەممىنى قىلغان مەن قىزىم ، سىزنى تىللىمىسام بوپتىكەن ، مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم ...
گەرچە قىزنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولسىمۇ ، بىراق كۆزىنىڭ قۇيرىقىدىن سىرغىپ چىققان ياش قۇلاقلىرىنى بويلاپ بويۇنلىرىغا ئېقىشقا باشلىدى . قىز ئاستا كۆزىنى ئاچتى . ئاپىسى بىلەن ئۆز دادىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە سەكپارە بولىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى . قىزنىڭ دادىسى قىزنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكەچ ، _ يىغلىماڭ قىزىم ، - دەپ قىزنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ يۈزلىرىگە يېقىپ يىغلاپ كەتتى . ئاپىسى بولسا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتقىنىچە قىزنىڭ باشلىرىنى ، يۈزلىرىنى سىلاشقا باشلىدى .
تۇيۇقسىز بۆلۈم ئىشىكى ئېچىلىپ ، قىزنىڭ چوڭ ئانىسى بولسا كېرەك 55 ياشلار چامىسىدىكى ئاق يۈزلۈك ، بىر قارىماققا قىزنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، ياش ۋاقتىدىكى گۈزەللىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئايال ۋە شۇ ئايالغا ئوخشاپ كېتىدىغان 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر كىرىپ كەلدى .
_ گۈلخۇمار ، قانداقراق قىزىم ؟ - دىدى ئايال : _ بىزنى خويمۇ ئەنسىرەتتىڭىز ، نىمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە بارمىدىڭىز ؟
_ شۇنى دەيمەن ، چوڭ ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە ياكى بىزنىڭ ئۆيگە كەلسىڭىزمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ ، _ دىدى بىللە كىرگەن ئەر .
_ تالادا بىردەم ئولتۇرغۇم كېلىپ ......... قىز يىغلىغىنىچە جاۋاپ بەردى .
_ يىغلىماڭ قىزىم ، - دىدى ئاپىسى : _ ئەمدى كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلمايمەن ، بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟
_ ئاپا دادا ، _ دىدى قىز : _ مېنى دەپ بولسىمۇ يېنىشىپ قالساڭلار ! ئاپا ، ئۆيدىكى ئادەمنى كەتكۈزىۋېتىڭ ! دادام بىلەن يارىشىپ قېلىڭ . دادا ، سىزمۇ ھېلىقى ئايال بىلەن ئاجرىشىپ يېنىپ كېلىڭ ، مەن سىلەرنىڭ بىرتال قىزىڭلارغۇ ؟ نىمىشقا مېنى ئويلىمايسىلەر ؟ مېنى دىسەڭلار يارىشىۋېلىڭلار! دادا ، سىزنىڭ ئاپام بىلەن ياراشقۇڭىز بار تۇرۇپ نىمىشقا ئاشۇ خوتۇن بىلەن توي قىلىسىز؟! ئاپا ، سىز نىمىشقا دادام بىلەن يېنىشماي ئاشۇ ئادەم بىلەن توي قىلىسىز ؟!
قىزنىڭ يىغا ئارىلاش دىگەن گەپلىرىگە قىزنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بېشىنى يەرگە قىلغىنىچە ئولتۇرىشاتتى .
قىز بىردىنلا دۈم بولدى _ دە ، تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى ...
_ گۈلخۇمار ، جېنىم بالام ئۇنداق قىلماڭ ....
_ سىلەر مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىلەر ، مېنى ياخشى كۆرگەن بولساڭلار ، مېنى دىگەن بولساڭلار بىر بىرىڭلار بىلەن يېنىشقان بولاتتىڭلار . سىلەر پەقەت مېنى ئويلىمىدىڭلار ! ئۆزەڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئويلىدىڭلار ! ھۈ ھۈ .....
_ ھەممىنى قىلغان سىز ! - قىز ئاپىسىغا قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى : _ دادام سىزگە يېنىشىۋالايلى دىسە ئۇنىمىدىڭىز ، دادام سىزگە شۇنچە يالۋۇرسا ئۇنىماي ھېلىقى ئادەم بىلەن توي قىلدىڭىز ، سىز توي قىلىپ كەتمىگەن بولسىڭىز داداممۇ ئاشۇ ئادەمنىڭ ئايالى كېلىپ توي قىلايلى _ دىسە توي قىلمايتتى . دادام سىزگە بولغان ئاچچىقىدا ئاشۇ خوتۇن بىلەن توي قىلدى ، سىز پەقەت مېنى ئويلىمىدىڭىز ....
قىز يەنە نىمىلەرنى دەيتتىكىن ، قىزنىڭ ئاپىسى پەقەت چىدىمىدى _ دە :
_ مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم ، مەن توي قىلمىسام بوپتىكەن ، ھەممىنى قىلغان مەن ! ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟! قانداق قىلاي ؟ - دەپ يىغلاشقا باشلىدى .

    
قىزنىڭ دادىسى ئاچچىق پۇشايمان ئىلكىدە ئولتۇراتتى .
قىزى ھەم نەۋرىسىنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىغا چىدىمىغان چوڭ ئانىسى :
_ رازىيە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ .گۈلخۇمار سىزمۇ يىغلىماڭ قىزىم ، چوڭلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى سىز چۈشەنمەيسىز ، ئاۋال سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلسۇن ، قالدى ئىشنى كېيىن دىيىشەيلى ماقۇلمۇ ؟ _ دىدى .
_ بولدى كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار ، _ دىدى ھېلىقى 45 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ئەر . _ ئاۋال گۈلخۇمار دوختۇرخانىدىن چىقسۇن ، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئاچامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرسۇن . كېيىنكى ئىشلارنى كېيىن بىرنىمە دېيىشەيلى . ھازىر گۈلخۇمارنىڭ ئەھۋالىمۇ تۇراقلاشتى . بىزمۇ قايتايلى .
رازىيە بىردىنلا بىر قارارغا كەلگەندەك ئورنىدىن تۇردى - دە ، ئۇدۇل ھېلىقى دەسلەپتە ئۆزى ۋارقىرىغان ئەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ :
_ بىز ئاجرىشايلى ! بىريىلدىن بېرى سىز مېنى يەتكىچە ئازاپلىدىڭىز ، سىز بىلەن توي قىلىپ بەختلىك بولارمەن - دەپتىكەنمەن ، ئەكسىچە نۇرغۇن قورساق كۆپۈكلىرىنى تارتتىم ، قىزىمدىن ئايرىلغىلى تاس قالدىم . ئەمدى سەۋر - تاقىتىم قالمىدى ..... بىز ئەتىلا رەسميەت بېجىرىۋىتەيلى !
شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا ئۇ بۇرۇلۇپ بالنىست ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئەر نىمىدۇر دىمەكچى بولغاندەك ئاغزىنى ئۆمەللىدى - يۇ ، ئايالىنىڭ كەسكىن ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىغىنى ھېس قىلدىمۇ ، بۇرۇلۇپ دوختۇرخانا ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى . ھېلىقى دەسلەپتە كىرگەن ئايال : _ ئابلەت ! _ دەپ توۋلىغىنىچە ئەرنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى .
باشقىلار كەتكەندىن كېيىن بالنىست ئىچىدە گۈلخۇمار ، دادىسى ، رازىيە ئۈچەيلەنلا قالغان بولۇپ ، گوياكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى .
رازىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ھېلىھەم ياش توختىماي ئېقىۋاتاتتى . بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئويلاپ ، كېچىكىپ ھېس قىلغان پۇشايمانلىق يېشى بولسا كېرەك ...........
رازىيە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن 5 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىۋىتىپ ، قىزى بىلەن بىللە ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرۇۋاتاتتى . ئۇ كومپيۇتېر ئالغاندىن كېيىن تورغا بېرىلىپ كەتتى . كەچتە ئىشتىنمۇ كېلەتتى ، تامىقىنى يەپ بولۇپلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا بىر كەلسە ، تاكى ئاپىسى يېتىشقا سۈيلىگەندىلا ئاندىن ياتاتتى . بەزىدە كېچە سائەت 2:00 - 3:00 لەرگىچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالاتتى . كېيىن ئۇ چايخانىدا بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم تېزلا چىقىشىپ كەتتى . بولۇپمۇ ئەرنىڭ خۇشچاقچاق مىجەزى ، قىزىق گەپلىرى رازىيەنى تېزلا ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى . ئۇلار پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئابلەت ئىكەنلىكى ، « B » شەھەردە تۇرىدىغانلىقى ، ئايالى ھەم بىر قىز ، بىر ئوغلى بولۇپ ، ئوغۇل - قىزىنى ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى . ئەر رازىيەگە ئايالى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى دەپ بەردى . رازىيەمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىنى ، بىر قىزى بارلىغىنى ، ئاپىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىغىنى دەپ ئۈلگۈردى . ئۇلار شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ، بىر -بىرىنى كۆرمىسە چىداشمايدىغان ھالغا يەتتى ھەم كۆرۈشۈپمۇ ئۈلگۈردى . ئاخىرى ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىدىغانلىغىنى ئېيتتى ، رازىيەمۇ قوشۇلدى .
شۇ كۈنلەردە رازىيەنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشى رازىيەنى تولا ئىزدەيدىغان ، تاماققا تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى ھەم يېنىشىۋېلىش تەكلىۋىنى قويدى . ئەمما رازىيەنىڭ كۆڭلى ئاللىبۇرۇن ھېلىقى ئەرگە باغلىنىپ قالغان ئىدى . رازىيە قىزى ، ئۇرۇق - تۇققانلىرى ، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ يولدىشى بىلەن يېنىشىۋېلىش مەسلىھەتىگە پەرۋا قىلماستىن ، ھېلىقى ئەر بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىۋەردى . ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ، ئەرنىڭ ئايالى چىدىماستىن رازىيەنى ئىزدەپ كېلىپ ، ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى ھەم توي قىلماسلىقىنى ، ئەگەر توي قىلسا كېيىن پۇشايماندا قالىدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى قاتتىق - يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئېيتقاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى . ئايال كېلىپ كەتكەندىن كېيىن رازىيە سەل ئىككىلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئەرنىڭ چىڭ تۇرۇۋىلىشى ھەم شېرىن - شېكەر گەپلىرى ئالدىدا ئەر بىلەن توي قىلىش قارارىغا كېلىپ ، ئىجارىگە بېرىۋەتكەن ئۆيىنى قايتۇرىۋېلىپ ناھايىتى چىرايلىق بېزەتتى .
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تويى بولدى . ئۇلار توي قىلىپ ئاز ئۆتمەي " x " ناھىيىدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر توي بولدى . ئابلەتنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى زۆھرە بىلەن رازىيەنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشى ئالىم توي قىلدى . زۆھرەنىڭ ئالىمنى قانداق ئىزدەپ تېپىپ ، توي قىلىشقا قانداق كۆندۈرگەنلىگى نامەلۇم بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ھەر ئىككىسىنىڭ مۇددىئاسى ئاجرىشىپ كەتكەن جۆرىلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىگى ، بۇ توينىڭمۇ ئاچچىق ، ئەلەم بىلەن قىلىنغان توي ئىكەنلىگى چۈشىنىشلىك ئىدى . ئابلەت يۇرتىنى ، باللىرىنى تاشلاپ رازىيەنىڭ يېنىغا كەلدى . ئالىم بولسا زۆھرەنىڭ يېنىغا كەتتى . ئەمما ئالىم يېڭى ئايالى بىلەن پات - پات يۇرتىغا كېلەتتى . ھەر كەلگىنىدە قىزى گۈلخۇمارغا چىرايلىق كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ قىزىنى تاماققا ئاچىقىپ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىنى ئېلىپ بېرەتتى ۋە ئوينىتاتتى . ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىدە قىزىدىن رازىيەنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى .
گۈلخۇمار دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغاچقىمىكىن ، ئابلەتنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدى . رازىيە قىزى بىلەن يولدىشى ئوتتۇرسىدا تىل قىسىنچىلىقتا قالغان ئىدى . ئابلەت يېڭى كەلگىنىدە گۈلخۇمارنى قىزىم دىسە قىزىم _ دەپ ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما نەچچە ئايغا بارمايلا رازىيەگە گۈلخۇمارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ، خۇيلىرىنى سۆزلەپ ئاچچىقلايدىغان بولۇۋالدى . كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرۋالسا يېرىم كېچىگىچە ئولتۇراتتى ، رازىيەنىڭ كۆز ئالدىدا ئاياللار بىلەن چاقچاقلىشاتتى . مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىنمۇ ئۇلار دائىم تەگىشەتتى . ئابلەت دەسلىۋىدە چۈشتە رازىيە كەلگۈچە تاماق ئېتىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى «مەن بۇ ئۆينىڭ ئاشپېزى ئەمەس » دەپ تەنە قىلىدىغان بولۇۋالدى . رازىيەنىڭ مائاشى 3 جاننىڭ قورسىقىغا ئاران يېتىشەتتى . رازىيە نەچچە قېتىم ئۆينىڭ توك پۇلىنىڭ بەك ئېشىپ كەتكىنىنى ، تورغا مۇۋاپىق چىقىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ ئابلەت پەرۋا قىلمىدى . رازىيە بەكرەك سۆزلىسە ئابلەت تېخىمۇ خۇيلىنىپ " كېتىمەن " دەپ تەھدىت سالىدىغان بولۇۋالدى . ئابلەت ھەر قېتىم " كېتىمەن " دىگەندە رازىيە خىزمەتدىشى ھەم يېقىن دوستى گۈلشەننىڭ توي بولۇشقا ئاز قالغاندا دىگەن مۇنۇ گەپلىرىنى ئەسكە ئالاتتى :
_ ئاداش ، _ دىگەن ئىدى گۈلشەن ، _ ئابلەت ئىككى بالىسىنى تاشلاپ ، 20 يىللىق ئائىلىسىنى بۇزۇۋېتىپ ، ئايالىنىڭ كۆز ياشلىرىغا پەرۋا قىلماي سېنىڭ يېنىڭغا كەلمەكچى بوپتۇ ، 20 يىللىق ئائىلىسىنى بۇزۇۋېتىپ كېلەلىگەن ئادەم يەنە كېتەلمەسمۇ ؟
شۇ چاغدا رازىيە :
_ ئاداش ، ئابلەت ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ ! _ دىگەن ئىدى كېسىپلا .
گۈلشەن :
_ ئاداش ، ھەرھالدا يەنە بىر ئويلىشىپ باققىن ، ھېچ بولمىسا بىر مەزگىل تۇرۇپ تۇرساڭ بولارمىكىن ، بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ _ دىگەندە رازىيە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا دىگەن مۇنۇ گەپلىرى ئۈچۈن قانچە قېتىم پۇشايمان قىلدى :
_ گۈلشەن _ دىگەن ئىدى رازىيە : _ توي قىلسام مەن قىلىمەن ، سەن نىمىگە ئەنسىرەيسەن ؟ ئابلەتچۇ ، مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ . بىز بىر-بىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۈشىدىغان تۇرساق ، بىز چوقۇم ئىنتايىن ياخشى ئۆتۈپ كېتىمىز .
ئابلەتنىڭ كۈن -تۈنلەپ كومپيۇتېر ئالدىدىن تۇرماسلىقى ،كۆز ئالدىدا ئاياللار بىلەن چاقچاقلىشىپ پاراڭلىشىشى ، ھەدىسە يامانلاپ " كېتىمەن " دىيىشى ، ئاچىسىغا تېلفۇن قىلىپ رازىيەنى يامانلاپ بېرىشى ، ھەممىدىن يامىنى « مەن سۇ ئىدارىسىدا ئىشلەپ ئارامغا چىقىپ كەتتىم ، 100 مو يېرىم بار » دەپ رازىيەنى ئالدىغىنىنىڭ مەلۇم بولۇشى ، بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىلەن ئايدىن ئايغا ئاران ئۇلىشىش ، ھەتتا قەرز بوپ كېتىش ... قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار رازىيەنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويدى . رازىيە پات - پات مەكتەپكە يىغلاپ كېلىدىغان ، خىزمەتداشلىرىغا داتلاپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى . ئەمما خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىق قىلىشىدىن باشقا نىمە ئامالى بولسۇن ؟
رازىيە ئابلەتنى نەچچە قېتىم بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، ئابلەت " ھە " دەپ قويۇپلا كارى بولمىدى . ھە دىسە رازىيەگە « مەن سىزنى دەپ كەلگەن » دەپ دوق قىلاتتى . ئابلەت ھەتتا كومپيۇتېرنى قىزى گۈلخۇمارغىمۇ بەرمەيتتى . گۈلخۇمارمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك دائىم خۇيلىنىپ قالاتتى . گۈلخۇمار پات - پات مەكتەپتىن كەچ كېلىدىغان بولۇۋالدى . بالدۇر كەلگەن كۈنلىرى ئاپىسى ئىشتىن كەلمىگۈچە ئۆيگە كىرمەيتتى . بۇنداق ۋاقىتلار دائىم تەكرارلىنىدىغان بولدى .رازىيەمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك گۈلخۇمارغا دائىم ئاچچىقلايدىغان بولدى .بىر كۈنى ئابلەت تاماق يەۋاتقاندا ، گۈلخۇمار كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ نەچچە مىنۇت ئولتۇرۇشىغا ئابلەت ھاپىلا - شاپىلا تامىقىنى يىدى - دە ، گۈلخۇمارغا :
_ قوپىڭە ئەمدى ، تامىغىڭىزنى ئاۋۇ ئۆيدە يەڭ ! _ دىدى . گۈلخۇمار چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاچچىق بىلەن تۇردى - دە ، ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىگىنى " جاڭڭىدە " ياپتى . ئابلەت دەرھال كەينىدىن چىقتى - دە :
_ قارىمامدىغان كىچىككىنە سويمىلارمۇ ئادەمگە باتناپ ، _ دىدى .
«كىچىككىنە سويمىلار»دىگەن بۇ گەپ رازىيەگە تىك كەلدى - دە ، ئابلەتكە :
_ نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ سىزمۇ بىردەم ئارام ئېلىۋالسىڭىز ، گۈلخۇمار بىردەم ئوينىۋالسا نىمە بولىدۇ ؟ شۇنداق بولغاندا ئۇمۇ خۇيلانمايتتى ، _ دىدى .
_ كىچىك تۇرۇپ نىمە خۇي ئۇنىڭغا ؟ _ دىدى ئابلەت ئاچچىق بىلەن :
_ مەن بۇ ئۆيدە نىمە زادى ؟ مەن دادىمۇ ئەمەسمۇ ؟!
_ سىز ئەلۋەتتە دادا ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا دادىلىق مېھرىڭىزنى بېرىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ھە _ دىسە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇيلىنىسىز ، سىزمۇ كىچىك بالىمۇ ؟ رازىيەنىڭمۇ سەۋر قاچىسى توشقان ئىدى . ئۇلار خېلىلا تەگەشتى . ئۇلارنىڭ گەپ تەگەشكىنىنى ئاڭلاپ گۈلخۇمار ياتاق ئۆيىدىن چىقتى . رازىيە قىزىغا قاراپ :
_ سىزمۇ نىمە قىلىسىز كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ؟ ئېشىڭىزنى يەپ مەكتەپكە ماڭسىڭىز بولمامدۇ دادىڭىزغا خۇيلىنىپ ئىشىكنى ياپقىچە ؟ _ دىيىشىگە ، گۈلخۇمار :
_ ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەس ! مېنىڭ بىرلا دادام بار ! _ دەپ ۋاقىرىدى . رازىيەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاندا ، گۈلخۇمارنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن تېخىمۇ جۇدۇنى ئۆرلىدى - دە ، ئۆزىمۇ تۇيماستىن گۈلخۇمارنى " چاڭڭىدە " بىر شاپىلاق سالدى . ئاپىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر شاپىلىقى گۈلخۇمارغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى .
گۈلخۇمار ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن نەگە بېرىشنىمۇ ئويلىمىدى ، مەقسەتسىز كېتىۋەردى . ئېسىگە كەلگىنىدە بولسا ئالدىنقى قېتىم دادىسى ئويناتقان جايغا كېلىپ قالغان ئىدى . گۈلخۇمار دادىسىنىڭ كەلگەن - كەلمىگەنلىگىنى بىلمەيتتى . دادىسىغا تېلفۇن قىلىۋىدى ، دادىسىنىڭ تېلفۇنى ئېتىك چىقتى . گۈلخۇمارنىڭ مەكتەپكە بارغىسى كەلمىدى ، ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇۋەردى . پەقەت ئۆيگە قايتقىسى كەلمەيتتى .ئاشۇ تەرىقىدە ئولتۇرۇپ قاراڭغۇمۇ چۈشتى .چۈشتە تاماق يىمەيلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئەزەلدىنلا تېنى ئاجىز گۈلخۇمارنىڭ بېشى قېيىشقا ھەم كەچنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا توڭلاپ تىترەشكە باشلىدى ..........
رازىيە گۈلخۇمارنى ئىزدەپ تاپالماي مەكتەپكە كەتتى . كەچتە ئىشتىن كەلگىنىدە گۈلخۇمار تېخى يوق ئىدى . ئابلەت بولسا بىخىرامان كومپيۇتېر ئويناۋاتاتتى . رازىيە دەرھال ئاپىسىغا تېلېفۇن قىلىپ گۈلخۇمارنىڭ كەلگەن - كەلمىگەنلىگىنى سوراپ ، بارمىغانلىغىنى بىلگەندىن كېيىن تىت- تىت بوپ كەتتى . گۈلخۇمارنىڭ تېلېفۇنى ئېتىك ئىدى . دەل شۇچاغدا ئاپىسى تېلفۇن قىلىپ :
_ قىزىم ، مەن تۈنۈگۈن ئالىم بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان ، سالام قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئېدى . ئالىمغا تېلېفۇن قىلىپ بېقىڭ ، _ دىدى .
_ نىمە دەيدىغانسىز ئاپا ، ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلسام قانداق بولىدۇ ؟
_ سىزگە قىزىڭىز موھىممۇ ياكى غۇرۇرمۇ ؟ قىزىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلسىڭىز نىمە بوپتۇ ؟ گۈلخۇمار دادىسىنىڭ يېنىدا بولۇشىمۇ مۇمكىنغۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئۇرۇشۇپ قالمىغان تۇرساڭلار ، دەرھال تېلېفۇن قىلىڭ !بىزمۇ ئىزدەيلى ، مەن ئاكىڭىزغا تېلېفۇن قىلىپ باقاي ، پەقەت بولمىغاندا ساقچىغا مەلۇم قىلارمىز . نىمىشقا چۈشتىلا ماڭا دىمىدىڭىز؟
_ مەن ئۇنى مەكتەپكە كەتتى دەپ ئويلاپتىمەن ،مەن ئالىمغا تېلفۇن قىلىپ باقاي .رازىيە جىددىلەشكىنىچە تېلفۇندىن ئالىمنىڭ نومۇرىنى ئىزدەشكە باشلىدى..........

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، بۇ ھىكايە مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى . بەلكىم بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرى باردەك ، يەنە قانداقتۇر بىر يەرلىرى كەم قالغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن . ئەمما تەپەككۇر قىلىپ باقساقلا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ ، سىز ھەممىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز . بۇ - كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى . ئەتراپىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ . بىز مۇشۇنداق ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىپ نىكاھ ، ئائىلە ، تۇرمۇش ... قاتارلىقلارغا توغرا ، ئەستايىدىل ، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم .
رازىيەنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى قانداق بولىدۇ ؟ بۇ جۈپلەر يەنە بىر قېتىم ئالمىشامدۇ ؟ بۇنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سۇندۇق.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۈمۈد گۇلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-19, 10:40

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( مېھرىم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-19 17:09 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 786
شۆھرىتى: 8420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10950 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 920 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەي ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىكەنمەن  تۈگەپ قالدى،، كىچىككىنە پۇشايمان ئەمەس  بەلىكى 1.50 مىتىر

پۇشايمانكەن بۇ    ئىسىت   ئۇزۇنراق قىپ رومان قىپلا يازىدىغان ئەسەركەنتۇق بۇ

شۇنداقتىمۇ رەھمەت  ،  قەلىمىڭىز  ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن  

باشقا ئەسەرلىرىڭىزنىمۇ كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 19:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇنى دىمەڭ

مەنمۇ شۇنداق ئوخشاي دۇ كىرگەن     ھى ھى ھى ھى ھى ھى
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 20:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىغەيرىتەمنىڭ2011-06-19 19:28دە يوللىغان يازمىسى  :
ھەي ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىكەنمەن  تۈگەپ قالدى،، كىچىككىنە پۇشايمان ئەمەس  بەلىكى 1.50 مىتىر

پۇشايمانكەن بۇ    ئىسىت   ئۇزۇنراق قىپ رومان قىپلا يازىدىغان ئەسەركەنتۇق بۇ

شۇنداقتىمۇ رەھمەت  ،  قەلىمىڭىز  ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن  
.......

كىچىككىنە »ئەمەس« كېچىككەن » ئىدى غەيرىتەم »
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 21:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 823(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دۇنيادا  كېچىكمىگەن  پۇشايمان   بامۇ _  يوق ؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 22:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

gilantir
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3296
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرىتى: 110 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 11 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىaxtuziنىڭ2011-06-19 22:15دە يوللىغان يازمىسى  :
دۇنيادا  كېچىكمىگەن  پۇشايمان   بامۇ _  يوق ؟

بار، بىر قەدەم داجىپ شۇ پۇشايماننىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 22:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( gilantir ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

gilantir
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3296
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرىتى: 110 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 11 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئالىمكا كۇندە بۇنداق تورغا چىقىۋەرسىڭىز خوتۇنىڭىز خاپا بولمامدا؟
ئەسلى سىزنىڭ قولىڭىزدىلا ئوقۇيدىغان گەپكەنتۇق، تارىمكام ئىشلەۋاتامدۇ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 23:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( gilantir ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 823(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   تورغا  چىقىش  گۇناھ  بولمىسا  خوتۇنۇم  نىمىشقا  خاپا  بولاتتى  ؟!  تارىم  ئىشلەۋاتىدۇ ،     ھازىر  ئوقۇسىڭىزمۇ  كېچىكمەيسىز  ،  ئادەم  بىر  ئۆمۈر  ئوقۇشى  زۆرۈر !
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-19 23:17 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىaxtuziنىڭ2011-06-19 22:15دە يوللىغان يازمىسى  :
دۇنيادا  كېچىكمىگەن  پۇشايمان   بامۇ _  يوق ؟

بەزىدە پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرۈپ قالىسىز بىر ئىشلارغا ،بۇنىڭدىكىسى ئۈلگۈرمەيدىغان پۇشايمان.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 00:13 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسنى يوللىمىغان تۈزۈك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 00:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ھېكمەتلەر ، دۇردانىلەر ،تەپەككۇر تامچىلىرى،
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/