illikdunya.biz abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2819
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاراقكەشكنىڭ مەنتىقىسى
(فېليەتون)


بۈگۈن كونا ئۈلپەتلىرىمدىن بىر قانچىسى يوقلاپ كەپتۇ. بىزدە «ئۆزى كەلگەن مېھمان-خۇدايى مېھمان»دېگەن ماقال بار ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇ مېھمانلارنى ئوبدان كۈتمىسەم بولمايتى. قانداق كۈتۈش ئۈبدان كۈتۈش بولىدۇ؟ ھەي، شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئەلبەتتە ھاراق بىلەن كۈتۈش-تە، مەن ئوغلۇمغا 50 يۈەن تۇتقۇزۇپ، ھاراق، تاماكا ئەكىرىپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم، ئوغلۇم ھايال ئۆتمەي ئىلىنىڭكىدىن بىر بوتۇلكا ۋە ئۈچ قاپ تاماكا ئەكىرىپ بەردى. مەن بوتۇلكىنى ئېچىپ، قائىدە بويىچە ئاۋۋال ئۆزۈم بىرنى قېقىۋەتتىم. قاقتىمدە گېلىم غىققىدە بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇ سۇ قوشۇلغان ھاراقكەن ئەمەسمۇ، مېھمانلىرىمنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. مەن ئۇلاردىن ئۆزرە سوراپ، ئوغلۇم دائىم ھاراق ئەكىرىدىغان دۇككانغا چىقتىم. ئاچچىقىمغا چىدىماي دۇككاندارغا بىرمۇنچە قاتتىق گەپ قىلىۋېتىپتىمەن. كېيىن قانداق بولدى، دېمەمسىز؟ ئەسلىدە ئوغلۇم ھاراقنىڭ يېرىمىنى ئىچىۋېلىپ، چاندۇرماسلىق ئۈچۈن بوتۇلكىنى سۇ بىلەن تولدۇرۇپ ئاندىن ماڭا ئەكرىپ بەرگەن ئىكەن. مۇشۇ كۈندىكى بالىلارنىزە، نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن، تاڭ؟! مەن بۇ ئارزۇلۇق ئوغلۇمنى ساۋاقداشلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۋالمىسۇن دەپ مەكتەپكىمۇ بەرمىدىم. ئويۇنغا ئامراق، ئىشقا خام بولۇپ قالمىسۇن دەپ مەشرەپكىمۇ بەرمىدىم. ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپ كۆز قارچۇقۇمدەك ئاسىراپ چوڭ قىلدىم. ئەمدى كېلىپ بۇ ھاراملىق مېنىڭ دوپپامغا جىگدە سالغۇدەك بولۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ مۇشتۇمدەك تۇرۇپ بۇنداق ساختىپەزلىكنى نەدىنمۇ ئۆگەنگەندۇ؟ ئىسىت، مېنىڭ قىلغان ئەقىدەم!

ھاراقكەشنىڭ پۇشايمىنى

ياشلىقىمدا بىر قىزنىڭ پىراقىدا ئىشىق-مۇھەببەت ئۈچۈن ئىچتىم. توي قىلىپ، ئۆيلۈك -ئوچاقلىق بولىۋېدىم يېڭى تۇرمۇشۇمنى قۇتلۇقلاپ خۇشاللىقتا ئىچتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمىلىم ئۆسۈۋېدى، تەستە كەلگەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھاياجاندا ئىچتىم. ئاخىرى يەنە ھوقۇقتىن ئايرىلىپ ئارامغا چىقىۋېدىم، قولدىن كەتكەن شۇ ھوقۇققا ئىچ ئاغرىتىپ ھەسرەتتە ئىچتىم. ئەمدى ئويلىسام مېنىڭ بۇ ئۆمرۈم پەقەت ئىچىش بىلەنلا ئۆتۈپتۇ. ئەجدادلار ئاۋۇنغۇدەك، ئەۋلادلار سۆيۈنگىدەك بىرەر ئىش قىلماپتىمەن. مانا ئەمدى بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، مىڭ پۈشايمان، يۈزمىڭ نادامەتتە بىر كۈن بولسىمۇ غەم-قايغۇدىن خالاس بولاي دەپ، ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ ئىچىۋاتىمەن.

ھاراقكەشنىڭ ئۆمرى

  يىگىرمە ياش ۋاقتىم ئىدى، مۇھەببەت قىزى كېلىپ ئىشىكىمنى چېكىپتۇ، بىراق مەن دوستلىرىم بىلەن قاۋاقتا بولغاچقا ئۇ، ئۆيگە كىرەلمەي مەندىن قېيداپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ، شۇ كەتكەنچە قايتا كەلمدى، كونىلارنىڭ «قىز كۆڭلى قىلدىن ئىنچىكە»دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ.
  ئوتتۇز ياش ۋاقتىم ئىدى، ئىستىقبال قىزى كېلىپ ئىشىكىمنى چېكىپتۇ. بىراق مەن ئۈلپەتلىرىم بىلەن ئۆيدە ئالا-تاغىل توۋلاپ مەي ئىچىۋاتقاچقا ئاڭلىماپتىمەن. ئۇمۇ ئىشىكنى ئاچقۇزالماي كېتىپتۇ. ئۇمۇ شۇ كەتكەنچە بوسۇغامغا قايتا يولۇمىدى. كونىلارنىڭ: «ھاراق بىلەن دوستلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ» دېگىنى شۇ ئىكەن -دە!
  قىرىق ياش ۋاقتىم ئىدى، بايلىق قىزى كېلىپ ئىشىكىمنى چېكىپتۇ، بىراق مەن ئۇ چاغدا يول بويىدىكى ئورمانلىقتا مەسىت ياتاتتىم. ئاغىزىمدىن ئېقىۋاتقان قۇسۇقنى ئاچ قالغان بىر لالما ئىت ھۇزۇرلىنىپ يالاۋاتاتتى. ئۆيدە ئىشىك ئاچىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئۇ ساقلاۋېرىشكە چىدىماي باشقا بىرىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قاپتۇ. نېمە ئامال، كونىلارنىڭ: «مەستلىك-نەسلىك» دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ.
   ئەللىك ياش ۋاقتىم ئىدى، بەخىت قىزى كېلىپ ئىشىكىمنى چەكتى، بىراق مەن قوپۇپ ئىشىكنى ئاچالمىدىم. چۈنكى مەن غەرق مەسىت ئىدىم، بۇيرۇي دېسەم ئۆيدە نە ئايالىم، نە بالىلىرىم بولمىغاچ ئۇمۇ كىرەلمەي كېتىپ قالدى. نېمە ئامال، كونىلارنىڭ: «ھەر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى»دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ.
   مانا، ھەش-پەش دېگۈچە يېشىم ئاتمىشقىمۇ ئۇلاشتى. ئەمدى ھاراق ئىچسەم ئاشقازىنىم ئاغرىيدۇ، ئىچمىسەم بېشىم ئاغرىيدۇ. ئىشىك، دېرىزىلىك بۇ زامانىۋى گۆردە ئۆز-ئۆزۈم بىلەن مۇڭدىشىپ، ئەزرائىلنى كۈتۇپ ياتىمەن، تېخى ئىشىكنى قىيا ئىچىپمۇ قويدۇم، خىيال قىلىمەن، كۈتىمەن، پۇشايمان قىلىمەن. بىلىمەن، مېىنى ئەمدى مۇھەببەت قىزىمۇ، ئىستىقبال قىزىمۇ، بايلىق قىزىمۇ، بەخىت قىزىمۇ يوقلاپ كەلمەيدۇ. ئەمدى يوقلاپ كېلىدىغان، چوقۇم يوقلاپ كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىرلا قىز قالدى. ئۇ بولسىمۇ-ئەجەل قىزى. ئىسىت! قايتا تۇغۇلۇش نېسىپ بولسا ئىدى...ھەي بۇ مۇمكىن ئەمەس، كونىلارنىڭ: «كېينكى پۇشايمان، ئۆزۈڭگە دۇشمەن»دېگىنىنى ئەمدى چۇشەندىم.

ئابدۇرەھىم ھەكىمىنىڭ «خىزىر ھەققىدە خىياللار» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

مەنبە  :  كايىنات  مۇنبىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-17 21:10 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 530
شۆھرىتى: 5540 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6331 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 637 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن ، شۇ نىجىسنىڭ مۇنبەرداشلىرىمىزدىن يىراق تۇرىشىنى تىلەيمەن .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-17 21:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇلازىم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2454
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 102
شۆھرىتى: 1030 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1030 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 103 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاراقكەشلەرھاراق ئىچمىگەن ۋاقىتتا  كۆرسە -ھە!    قانداق ياخشى ئۈنۈمى بولاتتى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-17 23:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇلازىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
گۈلشادەم
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3334
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرىتى: 140 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 16 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاراقكەشنىڭ ۋەدىسى تولا .ئاللا كۈڭلىگە ئىنساپ بەرسۈن .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 00:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلشادەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 737
شۆھرىتى: 7560 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7700 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 821 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللا كۈڭلىگە ئىنساپ بەرسۈن  شۇھاراق كەشلەرنىڭ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 00:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 69
يازما سانى : 1792
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاراقتىن قەتئى ئايرىلالمىدىم. بىراق پەقەت ئىچكۇم كەلمەيدۇ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 02:48 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 859
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاراقكەشلەر (بوتولكا مەركەز تەلىماتى)نى ئوقۇپ كورۇڭلار.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 12:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 859
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىئاشپەزنىڭ2011-06-18 02:48دە يوللىغان يازمىسى  :
ھاراقتىن قەتئى ئايرىلالمىدىم. بىراق پەقەت ئىچكۇم كەلمەيدۇ

ئاشپەز ئۇستام سىلىمۇ ھاراق ئىچەملا . ئۇ نىجىس نەرسىنى تاشلىسىلا. لايىق ئىزدەش ئېلانىدا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان قىز بولسۇن دەۋاتاتتىلە ئەجەپ ئوزلىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 12:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇقام
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 687
شۆھرىتى: 7015 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7210 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 722 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راس گەپنى دېگەندە مەنمۇ ئاز تولا ئىچىپ سالىمەن . تىجارەت جەريانىدا بۇ ئىشتىن يىراق بولالمىدىم .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 14:17 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللا كۆڭلىمىز گە ئىنساپ بەرسۇن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 18:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا