كاپۇستادا تەييارلانغان سوغۇق سەي
كېرەكلىك ماتېرىياللار:كاپۇستا يېرىم دانە،قىزىل سەۋزە بىر دانە، قىزىل،كۆك مۇچتىن بىر تالدىن سامساقتىن 4-5تال .كېرەكلىك خۇرۇچلار:تۇز،ماي،سوغۇق سەي تېتىقۇسى، ئاچچىقسۇ.
ئىتىلىش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن كاپۇستىنى ئوتتۇرىدىن كىسىپ قاتتىق يېرىنى ئېلۋىتىمىز،ئاندىن قاتقاتلىرىنى پاكىز يۇيمىز. ئادەتتە مەن ئۆزەم تەييارلىغاندا قايناۋاتقان قازانغا بىر بېسپلا ئېلۋالىمەن(تېخمۇ پاكىز بۇلۇش ئۇچۇن)كاپۇستىنى ئىنچىكە توغراپ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە سەۋزىنى شالىغۇچ بىلەن شالاپ قىزىل،كۆك مۇچلارنى ئىنچىكە توغراپ سالىمىز .سامساقنى ئۇششاق چانايمىز. ئۇستىگەتۇز مۇۋاپىق مىقدارىدا،سوغۇق سەي تېتقۇسى مۇۋاپىق مىقدارىدا،ماينى قىزىتىپ ئۇستىگە قۇيىمىز.مۇۋاپىق مىقدارىدا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:كاپۇستىنى قايناقسۇغا باسقاندا ئۇزۇن تۇرغۇزۋەتمەسلىك كېرەك بولمسا پىشىپ قالسايىيشلىك بولماي قالىدۇ.
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-06-16 20:26دە قايتا تەھ ]