
ئاساسى ماتىريال: ياپۇن دۇفۇسى 6 تال ، بۆدۇن تۇخۇمى 12 تال ، گۆش 100 گىرام ، كۆك قىزىل مۇچ 1 تالدىن، باش پىياز يېرىم،
مايلىق يىسىۋەلەك 200 گىرام
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز ، تېتىتقۇ، زىرە
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى دۇگىلەك توغرايمىز. بۆدۈن تۇخۇمىنى چىنە قوشۇققا چېقىپ تەييارلايمىز
گۆش، پىياز، مۇچلارنى ئۇششاق توغراپ تۇز ، زىرە تېتىتقۇلار بىلەن چالا قورۇپ ئالىمىزدە، ئويۇپ تەييارلانغان دۇفۇ ئىچىگە سالىمىز
ئارقىدىن قاسقانغا ، قوشۇققا چېقىلغان تۇخۇمنى تەييارلانغان قىيمىلىق دۇفۇنى ئاۋايلاپ سېلىپ 10 مىنۇت دۈملەيمىز
مايلىق يىسىۋلەكنى قايناق سۇدا تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ دۇفۇلار پىشقاندا چوڭ تەخسىنىڭ ئوتتۇرسىغا قىيمىلىق
دۇفۇنى چۆرۈسىگە مايلىق يىسىۋەلەكنى ئاۋيلاپ تىزىپ ئەڭ چۆرىسىگە يوپۇرماق شەكلىدە پىشۇرغان بۆدۈن تۇخۇمىنى
تىزىپ ئالىمىز ، تەييار بولدىدە بىردەم ئەتكەن قورىمىمىزدىن ھوزۇرلىنىۋىتىپ كاپىللدىتىپ ئېغىزغا سالىمىز
ئالاھىدىلىكى: رەڭگى كۆركەم، ئىشتاھانى قوزغاپ ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدۇ
ئەسكەرتىش : تۇخۇمنى ياپراق شەكلىدە پىشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم چىنە قوشۇقنىڭ ئىچىنى مايلىۋىتىپ بىر قوشۇققا بىر
تۇخۇم چېقىپ پىشۇرىمىز