تاۋۇز تەركىبىدە مول سىترۇلىن L بار بولۇپ، سىترۇلىن-L قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق. چۈنكى سىترۇلىن-L بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاگىنىن-L غا ئايلىنىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئارگىنىن-L نى بىۋاستە ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ،لېكىن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش،ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.تاۋۇز يۇقىرى قان بېسىم ۋە قان تومۇر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ،بولۇپمۇ ياشانغانلارغا پايدىلىق.
تاۋۇز تەركىبىدە يەنە ۋىتامىنلار مول بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىش ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،تاۋۇزنىڭ ئۈچەي راكى،يۈرەك كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
خوشامەت ئولتۇراپ تۇرۇپ يازدى

